چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىدىيە ئىلھامى

日期:2023年08月29日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خەن لياڭ، ياڭ يىجۈن

ئېكۋاتوردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ھىندى ئوكياندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بېيجىڭدىكى باش كۈزدىن جوھاننىسبۇرگدىكى باش باھارغا كەلدى. «كېسەك ئالتۇن»نى سەھنە قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ بولغان چوڭ قۇرۇقلۇق قىزغىن قۇچاقلاشتى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقا سەپىرى بىر قېتىملىق مول نەتىجىلىك ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش سەپىرى، شۇنداقلا بىر مەيدان مەنىسى چوڭقۇر مەدەنىيلىك جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش سەپىرى.

ئۈچ كېچە، تۆت كۈندۈزدە، نەچچە ئون مەيدان قوش ۋە كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. ھەربىر قېتىملىق قول ئېلىشىش، ھەربىر مەيدان كۆرۈشۈش، ھەربىر قېتىملىق ئالماشتۇرۇش چۈشىنىش ۋە ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشەنچ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويۇشقا يېتەكلەپ، «يەرشارىۋى جەنۇب» بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئارىسىدا بىر مەيدان چوڭقۇر ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان قەلب ئورتاق ساداسىنى ياڭراتتى.

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جوھاننىسبۇرگغا يېتىپ بېرىش ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق يازدى: جەنۇبىي ئافرىقا ئۇبۇنتۇ ئىدىيەسى «مېھرىبان بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش»نى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ، جۇڭگو رۇجيا ئىدىيەسىدىكى «كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش، جانلىقلارنى ئاسراش، دۇنيا ئېجىل - ئىناق بولۇش» بىلەن بىردەك.

8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا قىلغان سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جانلىق ۋە تەسىرلىك سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئۇبۇنتۇ روھىدا «بىز بولغاچقىلا مەن مەۋجۇت» تەشەببۇس قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ياشاش، دۇنيا ئېجىل - ئىناق بولۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى گۈزەل ئىنتىلىشى.

جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىدىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇبۇنتۇ ئىدىيەسىنىڭ «ئېجىل - ئىناق» بولۇش ئىدىيەسى بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، قەدىمىي ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق ھازىرقى زامانغا ئىلھام بەردى، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زىيارەت مەزگىلىدە، ھەرۋاقىت بىر خىل كۈچلۈك ۋاقىت تۇيغۇسى نامايان بولدى. تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسى بۇ يەردە ئۇچراشتى.

مەمۇرىي پايتەخت پىرېتورىيەدە، فېدېراتسىيە بىناسى مەيدانىدىكى نېلسون ماندېلانىڭ ھەيكىلى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تارىخى ئويۇلغان، ئۇ يەنە ئافرىقىدىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي تاپقان بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدىكى قەتئىي قەدىمىگە گۇۋاھ بولماقتا.

ئافرىقا ئىقتىسادىدىكى مۇھىم بازار جوھاننىسبۇرگدا ئاۋات سودا مەركەزلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى، لايىھە تۇيغۇسىغا باي ئىمارەتلەر رەت - رەت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرى كوچىلاردا ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۆزىدە ياسالغان جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى. «جۇڭگو» يىراق ناتونۇش دۆلەت ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى تۇرمۇشقا سىڭىشىپ كەتكەن سەمىمىي مەۋجۇتلۇق. مۇخبىرلار بىلەن پاراڭلاشقان شۇ جايدىكى كىشىلەر كېلىشىۋالغاندەكلا مۇنداق دېدى: ئافرىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «جۇڭگو كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ».

رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا - سانائەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا تاراتقۇ خادىمى ۋان دېر ۋېستېرگسېن خىرخاردېس بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارىخىي پۇرسەت ۋە كۈرەش مۇساپىسىگە ئىگە، بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيلىكىگە نىسبەتەنمۇ تەبىئىي ئورتاق ھېسسىيات بار. ئۇبۇنتۇ ئىدىيەسى ۋە رۇجيا ئىدىيەسى ئورتاق تەشەببۇس قىلىدىغان ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئوخشاش بولمىغان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىسنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق.

بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەن جاي شەنتېڭ يىغىن مەركىزىدە، ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى، ئوخشاش بولمىغان تىلدىكى كىشىلەر ياكى ئۇزاق يوللارنى بېسىپ ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ، ياكى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە جەم بولۇپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇچرىشىشى»غا ئورتاق ئاتلاندى. سەمىمىي سۆھبەت، قىزغىن مۇزاكىرە، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش، جاراڭلىق خىتابنامىدىن كىشىلەر ھەقىقىي تۈردە تارىخ ئېقىمىنىڭ ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋر تومۇرىنى ھېس قىلدى، «يەرشارىۋى جەنۇب»نىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىش كوللېكتىپ ئاڭلىقلىقىنى ھېس قىلدى، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى نوپۇسقا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىش ئورتاق ھەرىكىتىنى ھېس قىلدى.

«بۈگۈن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى 50 نەچچە دۆلەت بىلەن بىللە جەنۇبىي ئافرىقىدا جەم بولدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت كىم بىلەن بىرلىشىپ تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرۇش ئەمەس، لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەمەس، بەلكى تىنچلىق، تەرەققىيات چوڭ ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەڭ «يەرشارىۋى جەنۇب» دۆلەتلىرىگە، پۈتكۈل دۇنياغا تارقاتقان ئېنىق ئۇچۇرىدىن كىشىلەر يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈش، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش ئەندىزىسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا.

نەق مەيداندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان جەنۇبىي ئافرىقىلىق كارخانىچى رۇنگا ۋىللىئامس ئىختىيارسىز نەچچە قېتىم چاۋاك چالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ «ئاسمان - زېمىندىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىدۇ، بۇ، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى» «تاغلار دەريا سۈيىنى توسۇپ قالالمايدۇ، دەريا سۈيى ھامان شەرققە قاراپ ئاقىدۇ» دېگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى سۆزىنى مىسال كەلتۈرۈپ، توسۇۋالغۇسىز دەۋر ئېقىمى ۋە تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ئېچىپ بەردى، بۇ، مول پەلسەپەۋى قائىدىگە ئىگە بولۇپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

بۈگۈنكى دەۋردە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشى دۇنيا تېررىتورىيەسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، كەلگۈسى دۇنيا تەرتىپىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا. كەڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئورتاق قوغداپ، زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق يۈزلەندى، بۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو بۇ تارىخىي مۇساپىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى بويىچە ئالاھىدە مۇخبىرلار يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئارگېنتىنا، ئىران، ئېفىيوپىيەنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقى جاكارلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلارنى تەبرىكلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئەزا كۆپەيتىش كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىدۇ.

دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ھەم بۆلگۈنچىلىك قىلىش، قارشىلىشىش خەۋپى بار، ھەم ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بار. جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى دەل رۇجيا ئىدىيەسى ۋە ئۇبۇنتۇ ئىدىيەسى ئورتاق تەشەببۇس قىلغان ئىتتىپاقلىق، كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش، ھەمكارلىق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى. جوھاننىسبۇرگ داشۆ ئافرىقا − جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دەيۋېي مونيائېنىڭ قارىشىچە، بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ دۆلەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ، بۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ھەقىقىي مەدەنىيلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە سىغدۇرۇشچان ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

«مەدەنىيلىك رەڭدار بولۇش، تەرەققىيات يولى كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىل بولۇش − دۇنيادا بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەت.» بۇ قېتىمقى جەنۇبىي ئافرىقا سەپىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر قانداق قىلىپ بىللە ئۆتۈش توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى دۇنيا بىلەن ھەمبەھرىلەندى:

ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ بىر خىل مەدەنىيلىك، بىر خىل تۈزۈم بىلەن ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ قورساقلىق روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى تىركىشىش، تۈزۈم جەھەتتىكى قارشىلىشىش، «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى»غا قارشى تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى؛

كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن چىقىش قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلدى؛

جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشتىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تارىخنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ياشاش، مەدەنىيلىكنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان ۋاقتى، ئافرىقىغا بېرىپ زىيارەت قىلغان ۋاقتى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىدىغان ھەربىر جۇڭگو لايىھەسى ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق ئاتلىنىشىنى يېڭى ئىدىيە ئىلھامى بىلەن تەمىنلىدى.