پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن «ئىمتىھاننى كۈتۈۋېلىش»، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ «مەسىلىنى ھەل قىلىش»

日期:2023年08月21日
来源:新疆日报网
【字体:

− «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نىڭ شىفىرىنى يېشىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

بۇ، قەتئىي بوشاشمايدىغان ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش −

2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭ ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ ھەم باشلامچىلىق بىلەن جىنخۇا شەھىرىنىڭ پۇجياڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ ئاممىنى كۈتۈۋېلىپ، «ئاممىنىڭ كېلىپ ئەرز ئېيتىشىنى رەھبەرلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشقا ئۆزگەرتىش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ھەقىقىي تۈردە تۆۋەنگە چۈشۈپ خەلق ئەھۋالىنى ھەقىقىي زىيارەت قىلىش، سەمىمىي كۆڭۈل بىلەن ئىش قىلىش»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بىر نۆۋەت يەنە بىر نۆۋەتكە ئۇلاپ ئىشلەپ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى سىجىل بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

بۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئىلھام بېرىش −

يەرلىكنىڭ بىر قاتار ئەمەلىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى زور كۈچ بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك ۋە پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«رەھبەرلەر كۆپرەك تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلسا، يۇقىرىغا ئەرز ئېيتىدىغان ئامما ئاز بولىدۇ»

ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە كۈتۈۋېلىش داۋامىدا «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى شەكىللەندۈرۈش

ئورمانلىق بىلەن گۈلزارلىق بىر - بىرىگە ماسلاشقان، جياڭنەندىكى تۇرالغۇلار بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى... پۇجياڭ ناھىيەسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئەسلىدىكى ئۆلكە يولى 20 - لىنىيەسى خۇددى رەڭلىك لېنتىغا ئوخشاش ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىغا نەقىشلەنگەنىدى.

20 يىل ئىلگىرى، ئۇزاق يىل رېمونتسىز قالغانلىقتىن، بۇ يول ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ كېتىپ، قاتناش راۋان بولمىغاچقا، تاغلىق رايوندىكى كارخانىلار ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.

خاڭپىڭ بازىرى خاڭپىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جياڭ شىڭجيەن شۇ چاغدا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇدا ئون نەچچە يىل سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا بۇ يولنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەنىدى. يولداش شى جىنپىڭ پۇجياڭغا بېرىپ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالغاندا، جياڭ شىڭجيەن قاتارلىق ئۈچ ۋەكىل بۇ مەسىلىنى يۈزتۇرا ئوتتۇرىغا قويدى.

يولداش شى جىنپىڭ تەپسىلىي ئاڭلاپ بولۇپ، ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالغان ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتىنىڭ نازىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا مۇنداق قارار قىلدى: بۇ، تاغلىق رايوندىكى ئاممىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان يول، ئۇنى ياساپلا قالماي، بەلكى ياخشى ياساش كېرەك.

ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن يول قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، 2005 - يىلى 10 - ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، يولداش شى جىنپىڭ 97 كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان، تاشيول بويىدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ كۆڭلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر پارچە رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يول ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدىن ئورتاق بېيىش يولىغا ئۆزگەردى.

2018 - يىلى، خاڭپىڭ بازىرى ۋۇجياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شۆ يۇڭ گۇاڭدۇڭدىن كەنتكە قايتىپ كېلىپ، يۇرتداشلارنى باشلاپ كۆلىمى 800 مودىن ئاشىدىغان گۈل ئۆستۈرۈش بازىسى قۇردى. مودەنگۈل، چوغلۇق، گۈلسامساق قاتارلىق تۈرلۈك گۈللەر بۇ تەكشى، راۋان ئۆلكە يولى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى، بازىنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان بۇ خىل ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە كۈتۈۋېلىش ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىدا قوللىنىلىدىغان «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى شەكىللەندۈردى.

زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق، مەسىلىنى يوشۇرماسلىق «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى −

پۇجياڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن يېزا - بازار كارخانىلىرى، يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، چېقىش - كۆچۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش، كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تەدرىجىي ئاشكارىلىنىپ، ئەرزىيەت مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

«ئۇ چاغدا دائىم خىزمەتچىلەر تېخى ئىدارىگە كەلمەي تۇرۇپلا، ئىشخانىنىڭ ئالدىغا ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئامما يىغىلىپ كېتەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، بەزى كادىرلار ھەتتا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئويلاشتى» دېدى شۇ چاغدىكى ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ گوچياڭ ئەسلەپ.

2003 - يىلى 8 - ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ پۇجياڭغا كېلىپ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىشنى قارار قىلدى. بۇ جاينىڭ ئەرزىيەت ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەزىلەر باشقا ناھىيەنى تاللاش تەكلىپىنى بەردى. ئەمما يولداش شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ: «قەيەردە زىددىيەت، مەسىلە كۆپ بولسا، رەھبىرىي كادىرلار شۇ يەرگە بېرىشى كېرەك، پۇجياڭغا بېرىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش ئۆزگەرمەيدۇ» دېدى.

ئەرزىيەت خىزمىتى − ئىشىك ئالدىغا كەلگەن ئاممىۋى خىزمەت، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى مۇھىم يول.

يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاممىدىن قورقماسلىق كېرەك، ئاممىنىڭ ھەممىسى داۋلىلىق سۆزلەيدۇ. رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلغاندا، زىددىيەت كۆپ جايلارغا بېرىپ، زىددىيەت <ئۇۋا>سىغا كىرىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ».

ئەڭ ئاخىرىدا، پۇجياڭ ئاممىنىڭ ساداسى كۈچلۈك، مەسىلىسى گەۋدىلىك، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە 16 چىگىش ئەرز ئېيتىلغان مەسىلىدىن توققۇزنى تاللاپ بېكىتىپ، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋېلىشىدىكى ئاساسىي مەزمۇن قىلدى.

مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەڭ گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قويۇپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىشنى باشتىن - ئاخىر تەكىتلەپ كەلدى.

ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نىڭ مۇھىم ئۇسۇلى −

2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «پۇجياڭ گېزىتى»نىڭ باش بېتىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ پۇجياڭغا بېرىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئالدىن ئۇقتۇرۇلدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، گېزىتتىكى ئوخشاش ئورۇندا يەنە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، قوبۇل قىلىش ۋاقتى، ئورنى، شەكلى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئۇقتۇرۇلدى.

«ۋىۋىسكا ئېسىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.» پۇقرالارنىڭ ھەممىسىگە بۇ ئىشنى بىلدۈرۈش يولداش شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغاندىن كېيىن، يىراق - يېقىندىكى ئامما پۇجياڭ ناھىيە بازىرىغا يېتىپ كەلدى، تىزىملاش نۇقتىسىدا ئۈچ كۈن ۋاقىتتا 400 پارچىدىن ئارتۇق ئەرزىيەت ئىشى تىزىملاندى.

9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، كۈتۈۋېلىش نۇقتىسى كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان ئەسلىدىكى پۇجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىغا تەسىس قىلىندى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن ئاشقاندىن باشلاپ چۈشتىن كېيىن سائەت 5كىچە، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك 100دىن ئارتۇق رەھبىرىي كادىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا 14 كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسىدا ئاممىنى 436 تۈركۈمدە 667 ئادەم قېتىم كۈتۈۋالدى، نەق مەيداندا 91 مەسىلىنى ھەل قىلدى.

شۇ كۈنى، جاۋ جۇڭفۇ قاتارلىق بەش ئامما يولداش شى جىنپىڭغا چېقىش - كۆچۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىنى پىلانلاپ قۇرۇش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلدى، كۈتۈۋېلىش بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، ئۇلار ئاخىرى قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشتى. «شى شۇجىنىڭ بىزنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىمىزگە بۇنداق ئىنچىكە، سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ بۇنداق تېز قوزغىتىلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن» دېدى جاۋ جۇڭفۇ.

ئالاھىدە بولغان ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش شەكلى يەنە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە قارىتا قىستاش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.

2020 - يىلى باھاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدىن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىشتا ئاچقۇچلۇقى مەن بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇ شەھەر، ناھىيەلەر بىر تۈركۈم ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى چوقۇم بېرىپ ھەل قىلىپ بولىدۇ».

شۇ چاغدىكى پۇجياڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ سەيشىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىنىڭ شۇ قېتىمقى تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ناھىيە ئىلگىرىكى يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان ئەرز ئېيتىلغان مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان بېسىلىپ قالغان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

ئاممىنىڭ ئەرز ئېيتىپ كېلىشىنى رەھبەرلەرنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشىغا ئۆزگەرتىش «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نىڭ ئەمەلىيەت قوللانمىسى −

يولداش شى جىنپىڭ تۇرۇشلۇق 1 - كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسىدا، ئۈچ رەت دەرس ئۈستىلى جۈپلىنىپ ۋاقىتلىق بىر سۇپا ھاسىل قىلىندى، يولداش شى جىنپىڭ ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەر بىر تەرەپتە ئولتۇردى، قارشى تەرەپتىكى ئورۇن ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئامما ئۈچۈن قالدۇرۇلدى، ئىككى تەرەپ بىۋاسىتە يۈزتۇرا كۆرۈشتى، ئارىلىق بىر مېتىرغىمۇ يەتمەيتتى.

پۈتۈن بىر چۈشتىن بۇرۇن، يولداش شى جىنپىڭ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن 20گە يېقىن كىشىنى يەتتە تۈركۈمدە كۈتۈۋالدى. چۈشتە ئاددىي غىزالانغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يەنە كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسىغا كېلىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە داۋاملىق ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى.

فۇجيەن نىڭدېدا خىزمەت قىلغان چاغدىلا، يولداش شى جىنپىڭ ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا - بازار ئۈچ دەرىجىلىك رەھبەرلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاممىنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. يولداش شى جىنپىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى دەل جايىدا ئىشلەشتە، جەزمەن ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش كېرەك، رەھبەرلەر تۆۋەنگە كۆپ چۈشسە، ئامما يۇقىرىغا ئاز ئەرز ئېيتىپ كېلىدۇ، دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەنگە كۆپ چۈشۈپ زىيارەت قىلسا، ئايىغى يېنىك بولسا، نۇرغۇن زىددىيەتنى مەنبەدىن ھەل قىلغىلى، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى تېز ھەم ئوڭاي ھەل قىلغىلى بولىدۇ».

بۇ، خىزمەت شەكلىدىكى ئۆزگىرىش، تېخىمۇ مۇھىمى خىزمەت ئىدىيەسىدىكى ئۆزگىرىش.

2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئەنجى ناھىيەسىنىڭ جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - تۈگىتىش مەركىزىگە كېلىپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت - ماجىرالىرىنى بىر بېكەت شەكلىدە قوبۇل قىلىش، بىرتۇتاش مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەل قىلىش ئەندىزىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام − جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى. جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - تۈگىتىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشى بىلەن ئاممىنىڭ ئەرز ئېيتىپ كېلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت - ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - تۈگىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقرالار مەسىلىگە يولۇققاندا «جاۋابقا ئېرىشەلەيدىغان» جاينىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىش كېرەك.

«دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ تۇتۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش»

«پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى 20 يىل سىجىل ئەمەلدە كۆرسىتىش

قەرەللىك تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش جېجياڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەس خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى.

2003 - يىلى پۇجياڭدا تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەھبەرلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ ئاممىنى كۈتۈۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنىڭ قىممىتى دائىم داۋاملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشتا، جەزمەن تاكامۇللاشقان تۈزۈمگە تايىنىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

− تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش.

2004 - يىلى 9 - ئاي، لىنئەن؛ 2005 - يىلى 8 - ئاي، دېچىڭ؛ 2006 - يىلى 8 - ئاي، چۈجياڭ. جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ ھەر يىلى بىر ناھىيە(شەھەر، رايون)نى تاللاپ ئۆمەك باشلاپ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشتا چىڭ تۇردى.

20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭدا ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى جەمئىي تەخمىنەن 150 مىڭ ئادەم قېتىم تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ، جەمئىي 200 نەچچە مىڭ تۈركۈمدە 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ئاممىنى كۈتۈۋالدى.

يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تەجرىبىسى قىلىپ، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى قېلىپلاشقان تۈزۈم قىلىپ تۇرغۇزۇپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ تۇتۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش كېرەك.

2017 - يىلى «جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى قەرەللىك كۈتۈۋېلىش، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەر يېرىم يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، شەھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەر پەسىلدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىشقا قاتنىشىش، ناھىيە(شەھەر، رايون)دىكى رەھبىرىي كادىرلار ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم نۇقتا بەلگىلەپ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەندى.

تۈزۈملەشتۈرۈش «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نىڭ قېلىپلىشىشى، ئۆلچەملىشىشى، دائىملىشىشىنى ئېلىپ كەلدى.

جېجياڭدا، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەر يىلى 11 شەھەردىكى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى، شەھەر باشلىقلىرى بىلەن ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنت تۆت دەرىجىلىك ۋە ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ قاتلاممۇقاتلام مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

جېجياڭدا، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش، شەھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر قەرەللىك ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش، ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەر نۆۋەتچىلىك قىلىپ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش، يېزا دەرىجىلىك رەھبەرلەر ھەر ۋاقىت ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش، كەنت دەرىجىلىك كادىرلار ئىشىك ئالدىغا بېرىپ زىيارەت قىلىشتىن ئىبارەت «بەش دەرىجىلىك كەڭ كۆلەمدە ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش» رامكىسى ئورنىتىلدى.

− سىستېمىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

پۇجياڭ ناھىيەسىنىڭ يەنتۇ بازىرىدىكى ۋۇشى كەنتى بىلەن جېڭجەي بازىرىدىكى شۈەنلۇ كەنتى ئىككى يېقىن قوشنا كەنت. 2020 - يىلى، ۋۇشى كەنتىدە قۇرۇلغان قۇم - شېغىل مەيدانى شۈەنلۇ كەنتىنىڭ بىر پارچە يېرىنى ئىگىلىۋالغاچقا، يېزا - بازار ھالقىغان ماجىرا يۈزبېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، جىنخۇا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پۇجياڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ئىككى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۈچ قېتىم ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىپ، ۋۇشى كەنتىنىڭ شۈەنلۇ كەنتىگە تولۇقلىما بېرىش لايىھەسىنى بېكىتتى.

«تولۇقلىما پۇلنى ئالغان بولسىمۇ، ئىككى كەنتنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىر - بىرىگە قايىل بولمىدى. بۇ چاغدا، كەنت كادىرلىرى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق، ئاخىرى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يەشتى» دېدى شۈەنلۇ كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ گوفاڭ.

«رەقىب كەنت»تىن قايتا «تۇغقان كەنت»كە ئايلىنىش «پۇجياڭ تەجرىبىسى» بىلەن «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ تەڭ مېڭىپ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

«فېڭچياۋ تەجرىبىسى» ئوخشاشلا جېجياڭدىن باشلانغان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا شەكىللەنگەن، «كىچىك ئىشلار كەنتتىن چىقماسلىق، چوڭ ئىشلار بازاردىن چىقماسلىق، زىددىيەتنى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ قويماسلىق» ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىنغان.

جېجياڭنىڭ ئەمەلدە كۆرسىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» مۇتلەق كۆپ قىسىم «كىچىك زىددىيەت»لەرنى تۈگىتەلەيدۇ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى» بولسا قېپقالغان «چوڭ مەسىلىلەر»نى ھەل قىلىدۇ. «بۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىدىغان يېپىق ھالقىلىق سىستېمىنى مەلۇم دەرىجىدە شەكىللەندۈردى» دېدى جېجياڭ ئۆلكىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شيا ۋېنشىڭ.

20 يىل چىڭ تۇرۇپ تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، «پۇجياڭ تەجرىبىسى» ئەرزىيەت قاتلىمىدىلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

جېجياڭ ئۆلكىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈ جيەنشىڭ مۇنداق قارىدى: يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يۈزلەنگەن «پۇجياڭ تەجرىبىسى» بىلەن تۆۋەندىن يۇقىرىغا يۈزلەنگەن «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ تەڭ مېڭىشى − مەنبەدىن تۈزەشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىشى.

− رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىش.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئەتىگەن سائەت 6دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، پۇجياڭ ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋىيشىندىكى «مىنچىڭ نۇەنشاۋ» كىچىك پىروگراممىسىدا مۇنداق بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى: خاڭفۇ بېيمېندىكى پىيادىلەر يولىدا ئاپتوموبىللار ئۇزاق مەزگىل قائىدىگە خىلاپ توختىتىلىۋاتىدۇ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلىنغان بولسىمۇ، خوجىلىق تارماقلىرى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمىدى.

سائەت 11دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچۇر پۇياڭ كوچا باشقارمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. كوچا باشقارمىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىن چىنيۈ ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرى، خوجىلىق خادىملىرى ۋە قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنى يىغىپ بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپتى.

بۇ رەقەملىك قوللىنىش دېتالى ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىكنى قاپلىغان تەكشۈرۈش نۇقتىسى سېپىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق ئەھۋالىنى بايقاش كۈچى، بىر تەرەپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە يېڭى شەكىل بارلىققا كەلدى.

رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان دەۋردە، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىدىغان «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن زىددىيەت - ماجىرانى ھەل قىلىدىغان «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر جايغا قاتراش» ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكىچە، جېجياڭ ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى.

يېقىندا، خاڭجوۋ شەھەر ئاھالىلىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ «خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن» سۇپىسىدا: مېترو 2 - لىنىيەسى بەيياڭ بېكىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئالتە يىل بولدى، بىر كىرىش - چىقىش ئېغىزى ئىزچىل ئېچىۋېتىلمىدى، بۇ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزدى، دەپ ئىنكاس قىلدى.

ئەرزىيەت تېزلىكتە خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ يۈخاڭ رايونىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ يىڭ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە مەركىزىدە بىر قىسىم شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىككە يەر ئېلىش رەسمىيىتىنىڭ بېجىرىلىۋاتقانلىقىنى، ئېچىۋېتىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى بېجىرىش ئەھۋالىنى سۇپىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«بۇ دائىملىق سۇپىدا، ھەربىر تەرتىپنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش نۇقتىسىدىن ئىز قالىدۇ، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى يۈخاڭ رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ كەي.

نۆۋەتتە، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سۇپا ئەرزىيەتكە چېتىشلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

جېجياڭدىكى ئۈچ دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ئاچقان «ئەرز قىلىشقا دائىر ئەرزىيەت بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ بېجىرىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىش سۇپىسى»دا مۇخبىر ئاممىدىن كەلگەن بارلىق خەت - چەكلەرنىڭ سىكاننېرلىنىپ ئامبارغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىش، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، نەتىجىنى قايتما ئىنكاس قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەنگە ئالدۇرۇش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەرياندا رەقەملەشتۈرۈشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆردى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خۇڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: سۇپا ئارقىلىق، سوت مەھكىمىمىزنىڭ سوت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلالايدۇ، گۇمانلىق دېلولاردا ئەرزىيەت تەرتىپى ئارقىلىق خاتالىق، نۇقسانلارنى بايقىيالايدۇ ھەم نازارەتچىلىكنى قوزغىتالايدۇ.

«كەلگۈسىدە يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئەرزىيەتلەرنى رەقەملىك سوت مەھكىمىسى ئاقىل چوڭ مېڭىسىگە كىرگۈزۈپ، دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز» دېدى جاڭ خۇڭۋېي.

«ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلەش»

«پۇجياڭ تەجرىبىسى» ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش

بۇ يىل 4 - ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەر، ئىلمىي سىستېمىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

«پۇجياڭ تەجرىبىسى»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە جانلىق نامايان قىلىنغان، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان تەلىپى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى» ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«پۇجياڭ تەجرىبىسى» ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشتا، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

2003 - يىلى پۇجياڭدا تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «رەھبەرلەر تۆۋەنگە كۆپ چۈشۈپ زىيارەت قىلسا، ئەرزىيەت خىزمىتى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى باشقا خىزمەتلەر، ئامما ئويلاۋاتقان، ئۈمىد قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ».

ھازىر، پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەڭ ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشى بىر مۇھىم تۇتقا.

جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلغاندا كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆلكە رەھبەرلىرى تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۆلكە رەھبەرلىرىنىڭ ئويۇن قويۇشى ئەمەس، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساختىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ ھەقىقىيسىنى ساقلاپ قېلىپ، پايدىلىق ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇپ زىيانلىق ئىشلارنى تۈگىتىپ، تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، بېيىتىپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى» 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، ئۇنىڭدا ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار رەھبىرىي كادىرلار ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش، تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر 4100 قېتىمدىن ئارتۇق ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلدى، 3200دىن ئارتۇق چىگىش، مۇرەككەپ ئەرزىيەت مەسىلىسى بويىچە دېلو بېجىرىشنى ئۈستىگە ئېلىپ ھەل قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

«پۇجياڭ تەجرىبىسى» ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشتا، خەلقتىن تەدبىر سوراپ، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش كېرەك.

خەلق سارىيىدىن ئېتىز بېشىغىچە، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگىچە، مەھەللە كوچىلىرىدىن «ئۈچ خىل قاتناش قورالىغا ئالمىشىپ» ئاندىن چۇڭچىڭدىكى تاغلىق كەنتلەرگە بېرىشقىچە... مەيلى قەيەردە بولسۇن، خەلق تۇرمۇشى باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولدى.

خۇش پېئىل مۇڭدىشىشلار، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئەھۋال سوراشلار، يېقىملىق، خۇشخۇي كۈلۈمسىرەشلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىگە گۇۋاھ بولدى.

2015 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغان چاغدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «مەن جېڭدىڭدىكى ۋاقتىمدا دائىم ۋېلىسىپىت مىنىپ يېزىلارغا باراتتىم، خۇتوخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىن خۇتوخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى گۇڭشېغا باراتتىم، ھەر قېتىم خۇتوخې دەرياسى ساھىلىغا كەلگەندە ۋېلىسىپىتنى مۈرەمگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭاتتىم. گەرچە ئازراق جاپا تارتقان بولساممۇ، لېكىن ھەقىقەتەن ئەھۋاللارنى ئېنىق ئىگىلىدىم، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە پۇقرالار بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇردۇم».

رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشى ھەم ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشتىكى ياخشى پۇرسەت، ھەم ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى زۆرۈر دەرسلىك.

«ھەر قېتىم ئامما بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشكەندە، قەلبىمدە ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن.» جېجياڭ ئۆلكىسىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر شۈ جيەنخۇا ئىلگىرى كۆپلىگەن ناھىيە (شەھەر)نىڭ ھاكىمى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ مۇنداق قارىدى: پەقەت ئامما بىلەن بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ سىردىشىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلغاندىلا، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭ «پۇجياڭ تەجرىبىسى»گە ئالاقىدار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى مەشغۇلات كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن جېجۈن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان ۋاقىتتا، «پۇجياڭ تەجرىبىسى» بويىچە تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا گېزىت، تور بېكەتلەردە ئالدىن خەۋەر بېرىپ، ئاممىنى يۈزتۇرا كۈتۈۋېلىپ، پۈتۈن جەرياننى يېپىق ھالەتتە باشقۇردى. «مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، بۇنداق ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلى يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى سۈن جېجۈن.

«پۇجياڭ تەجرىبىسى» ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشتا، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يولداش شى جىنپىڭ پۇجياڭدا تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشىدىكى ئاچقۇچ، ئامما ئۈچۈن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشتە. ئەگەر بىر قېتىم تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىنىڭ ھېچقايسىسىنى ھەل قىلماي، پەقەت شەكىلۋازلىق قىلىپ، يۈزەكى ئىش قىلغاندا، ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ».

تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ ئاممىنى كۈتۈۋېلىش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىنايدىغان چوڭ ئىمتىھان مەيدانى، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئامما ئىمتىھان ئالغۇچى، ئەرزىيەت مەسىلىلىرى ئىمتىھان سوئالى، ئاممىنىڭ رازى بولۇشى جاۋاب.

«پۇجياڭ تەجرىبىسى»دىكى خىزمەت ئۇسۇلى بويىچە، رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، تەۋەلىك بويىچە كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان بىر قەدەر مەركەزلەشكەن پىكرىنى ئېنىقلىشى كېرەك؛ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالغاندا، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، بىخ خاراكتېرلىك، يۈزلىنىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك.

مەسىلىنى تۈزىتىش، ئوخشاشلا باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلدى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش مۇنداق بىلدۈردى: بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ ئامما رازى بولمىغان جايلاردىن مەسىلىنى بايقاش، تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىغا باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يى ليەنخۇڭ مۇنداق دېدى: جېجياڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار «پۇجياڭ تەجرىبىسى»گە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان ئومۇمىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نىڭ دەۋر قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىش كېرەك.

ئىلگىرى نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلماقتا.

(مۇخبىرلار ۋۇ خۇەنچىڭ، جاۋ چاۋ، يۈەن جېنيۈ، شاڭ يىيىڭ، چۇ خاڭ، ۋۇ شۈەيشۈەي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)