جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 2دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە، شەندۇڭ دېجوۋ شەھىرىنىڭ پىڭيۈەن ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 37.16 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 116.34 گىرادۇس)دە 5.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىر. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 8گىچە، 59 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى يەر تەۋرەشتە ئادەم تەۋرىنىشنى ھېس قىلغاندىن تارتىپ ئىمارەتلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پەقەت 12 سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، سالماقلىق بىلەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، تۇرۇۋاتقان مۇھىتقا ئاساسەن دەرھال بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى بەلگىلىگەندە، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
مەنبە: ئۇنىۋېرسال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش بۆلۈمى ھۆكۈمەت تەرەپ تورى ئالاقىدار خەۋىرى
«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى