دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ھەق ئېلىنمايدۇ

日期:2023年08月18日
来源:新疆日报网
【字体:

دۆلەت ئېلان قىلغان «مۇھىم، چوڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقىت دائىرىسى باھار بايرىمى، چىڭمىڭ، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۆت بايرام، دەم ئېلىشكۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى: ھەقسىز يۈرۈش ۋاقىت بۆلىكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنىنىڭ بىرىنچى كۈنى(9-ئاينىڭ 29-كۈنى) سائەت 00:00دە باشلىنىدۇ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى(10-ئاينىڭ 6-كۈنى) سائەت 24:00دە ئاخىرلىشىدۇ (ئادەتتىكى تاشيولدا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ).

ھەقسىز يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىللار: ھەقسىز يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ دائىرىسى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرىدىغان يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن(يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولۇچىلارئاپتوموبىللىرىبولۇپ، ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان موتوسىكلىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى