ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئەكس ئېتىش ▕تاۋار ئاپتوموبىللار جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىندى

日期:2023年08月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭخەۋىرى،فوتوسى) 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، چۇڭچىڭ تۆمۈريول پورتىدا، يۆتكەپ توشۇش ئاپتوموبىلى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. پورتتىكى قاتار ـ قاتار تاۋار ئاپتوموبىللار جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا) ئارقىلىق شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىدىن ئۆتۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە توشۇلۇشقا تەق قىلىنغانىدى. چۇڭچىڭ تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە چۇڭچىڭدىن ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل 203 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.5 ئاشقان، قىممىتى 17 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49 ئاشقان.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، چۇڭچىڭ تۆمۈريول پورتىدىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋار ئاپتوموبىل (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، چۇڭچىڭ تۆمۈريول پورتى ئالدىدىكى تاۋار ئاپتوموبىللارنى يۆتكەپ توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، چۇڭچىڭ تۆمۈريول پورتىدا، خىزمەتچى خادىملار ئاپتوموبىللارنى قاچىلاپ چۈشۈرمەكتە.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خىزمەتچىلەر چاڭئەن ئاپتوموبىل شىركىتى لياڭجياڭ زاۋۇتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق، شىنجاڭ پورتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىندى.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خىزمەتچىلەر چاڭئەن ئاپتوموبىل شىركىتى لياڭجياڭ زاۋۇتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خىزمەتچىلەر چاڭئەن ئاپتوموبىل شىركىتى لياڭجياڭ زاۋۇتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.