گۈزەل جۇڭگونىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىش

日期:2023年08月16日
来源:新疆日报网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېكايە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

2023 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى.

18 يىل ئىلگىرى، يولداش شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، 2005 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خۇجوۋ شەھىرىنىڭ ئەنجى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تۇنجى قېتىم «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدىكى يادرولۇق ئىدىيە.

ۋەتىنىمىز ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك، يېرىنىڭ تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك بولۇشى ئۈچۈن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قەدىمى جۇڭگو زېمىنىنى قاپلىدى: چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق چىڭ تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەكىتلىدى؛ شەندۇڭدا خۇاڭخې دەرياسىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تىنچ ئېقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى؛ گۇيجوۋدا ۋۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتى ۋە سۇ سۈپىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ لىجياڭ دەرياسىدا گۇيلىننىڭ تاغ - دەريالىرىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلدى؛ قارلىق ئېگىزلىكتە يەرشارىنىڭ 3 - قۇتۇپىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداشنى تاپىلىدى...

كىشىلەر تەبىئەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىسا، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. بۇ چوڭقۇر بولغان يېشىل ئۆزگىرىش گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

(1) يېشىل يول: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»

تاغلار خۇددى ئەگمە قاشتەك يىراققا سوزۇلغانىدى، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، بامبۇكلار شامالدا تەۋرىنىپ تۇراتتى... جېجياڭنىڭ ئەنجى ناھىيەسىدىكى يۈسۈن كەنتىنى سەيلە قىلغاندا، قېنىق ۋە سۇسلۇقى ئوخشاش بولمىغان يېشىللىق كۆز ئالدىدا تەدرىجىي نامايان بولىدۇ.

«بۇ يىل سودا بەك ياخشى بولدى.» چۇنلىن شەنجۇاڭنىڭ ئىگىسى پەن چۇنلىن مېھمانلارنى كۈتكەچ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «تاغقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىشتىن، تاغنى بېيىتىپ، تاغنى بېقىشقىچە بىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ بىزنىڭ بەختلىك يۆلەنچۈكىمىز ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق».

20 نەچچە يىل ئىلگىرى، «تاش ئىقتىسادى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋەبلىك، يۈسۈن كەنتىدىكى تاغلار «تاقىرباش»قا ئايلانغان، سۇ «جياڭيۇ شورپىسى»غا ئايلانغانىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلانغان كەنت ئاھالىلىرى ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى، كان ۋە سېمونت زاۋۇتلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تاقاپ، قانداق قىلغاندا مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلمايمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەندى.

2005 - يىلى 8 - ئايدا، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ يۈسۈن كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يۈسۈن كەنتىنىڭ ئۇسۇلىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، «دانا تەدبىر بوپتۇ» دەپ باھا بەردى ھەم تۇنجى قېتىم «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىتقا تايىنىپ، يۈسۈن كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، بامبۇكزارلىقنىڭ كاربون يىغىشىمۇ كەنتنى «ھاۋاغا تايىنىپ پۇل تېپىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يۈسۈن كەنتى ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار بېيىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتتى. 2020 - يىلى 3 - ئايدا، باھار يامغۇرى توختىماي يېغىۋاتقان بىر كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈسۈن كەنتىنى قايتا زىيارەت قىلىپ، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يۈسۈن كەنتىنىڭ ھازىر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى يېشىل تەرەققىيات يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، يولنى توغرا تاللىغان ئىكەن، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىش كېرەك».

بىر كىچىك تاغلىق كەنت خۇددى بىر كۆزنەكتەك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشنى ئەكس ئەتتۈردى.

«مەن ئېكولوگىيە - مۇھىت خىزمىتىنى ئەزەلدىن ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. جېڭدىڭ، شيامېن، نىڭدې، فۇجيەن، جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغان مەزگىلدىمۇ، بۇ خىزمەتنى مۇھىم، زور خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتتۇم» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى. يېڭى دەۋردە جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى يولىدا قەتئىي ماڭدى.

سىچۇەن يىبىن «تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى بىرىنچى شەھەر». مىنجياڭ دەرياسى بىلەن جىنشاجياڭ دەرياسى مۇشۇ يەردە قوشۇلغاچقا، چاڭجياڭ دەرياسى باشلىنىشتىلا «چاڭجياڭ» دەپ ئاتالغان. يىراقتىكى تاغلار يېشىللىققا پۈركەنگەن، دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بولۇپ، قىرغاقتا «كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق» دېگەن چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈچ دەريا قوشۇلغان جايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق دوكلات قىلدى: يىبىن شەھىرىمۇ ئىلگىرى «خىمىيە سانائىتى دەريانى قورشىۋېلىش، بۇلغىنىش شەھەرنى ئوراپ تۇرۇش» مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر كارخانىلارنى چېكىندۈرۈش، قەغەز ياساش كىچىك دۇكانلىرىنى تاقاش، دەريا بويىدىكى قۇم - شېخىل مەيدانلىرىنى تاقاش، يۇندى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، قىرغاق لىنىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە مۇنداق تەكىتلىدى: «چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى ئېقىن مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، دەريا بويىدا <قارا دۇكان ئېچىش>قا، يۇندى قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئېسىل ھاراق ئېچىتىش ئۆلچىمى بويىچە، بار ئاماللار بىلەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ سۈپىتىنى ياخشى قوغداپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى ۋە پۈتۈن ئېقىن رايونىغا بەخت يارىتىش كېرەك».

«كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق» كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دەريا بويىنى تۈزەش، «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش» قاتارلىق تەدبىرلەر ھازىر ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەردى... چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، زۇمرەتتەك دەريا سۈيى، ئىككى قىرغاقتىكى ياپيېشىل تاغلار قايتا نامايان بولدى.

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قايتا ياراتماقتا ۋە ئۆزگەرتمەكتە.

يېقىندا، بىر پارچە ئالاھىدە جاۋاب خەت شاڭخەي شەھىرى خۇڭكوۋ رايونى جياشىڭ يولى كوچا باشقارمىسىدىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش پىدائىيلىرىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى.

بۇ خەتكە شى جىنپىڭ دەپ ئىمزا قويۇلغانىدى.

«مەن بەش يىل ئىلگىرى كۆپچىلىك بىلەن ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىدىم، سىلەرنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش غەيرىتىڭلار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى»، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە شۇنداق دېگەنىدى.

بەش يىل ئىلگىرى، 2018 - يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇڭكوۋ رايونلۇق شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتى جياشىڭ يولى كوچا باشقارمىسىدىكى 1 - تارماق پونكىتقا كەلدى. بۇ يەردە، بىرنەچچە ياش مەھەللىدە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى. بىر يىگىت باش شۇجىغا تونۇشتۇرۇپ ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىش ياشلارغا نىسبەتەن بىر يېڭى مودا، دېدى.

«ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش دەل يېڭى مودا!» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەخلەتنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي خەلقنىڭ قاتنىشىشىغا ئېھتىياجلىق، مەن بۇ ئىشقا دىققەت قىلىۋاتىمەن، شاڭخەينىڭ بۇ خىزمەتنى پۇختا تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەككىز ئايدىن كېيىن، 2019 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «شاڭخەي شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» يولغا قويۇلدى.

بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە شاڭخەيدە، پۈتۈن شەھەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ ھەممىسى زىيانسىزلاندۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ، ئەخلەتلەرنى ئاڭلىق ھالدا تۈرگە ئايرىش بارغانسېرى كۆپ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى. پىدائىيلار تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى باش شۇجىغا خەت يېزىپ دوكلات قىلىپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە بايلىقى، شۇنداقلا جەمئىيەت بايلىقى، ئىقتىسادىي بايلىق.

چاي دەرىخى بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، چاي كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇيىشەن شەھىرى شىڭسۈن بازىرى يەنزىكېدىكى 1000 مولۇق ئېكولوگىيەلىك چايزارلىقتىكى ياپيېشىل چاي دەرەخلىرى ئارىسىغا دادۇر تېرىلغانىدى. كۈز كەلگەندە، بۇ دادۇرلارنىڭ غولى ئۆز جايىغا كۆمۈلۈپ ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇلاتتى.

2021 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس چايزارلىققا كېلىپ، ئەتىيازلىق چايلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جاينىڭ چايچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «چاي مەدەنىيىتى، چايچىلىق كەسپى، چاي پەن - تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قىلىش كېرەك» «يېشىل تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

«ئېكولوگىيەلىك چايزارلىق ئۇسۇلى باش شۇجىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، بىزنىڭ غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى.» شۇ چاغدىكى مەنزىرىنى تىلغا ئالغاندا، چايزارلىقنىڭ مەسئۇلى ياڭ ۋېنچۇننىڭ ھېلىھەم ئېسىدە ئىدى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتمەيدىغان تېرىقچىلىق ئەندىزىسى بۇ جايدىكى چايچى دېھقانلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، «ئېكولوگىيە ياخشى بولسا، چاينىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى، باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغدىن ئىبارەت بۇ <ئالتۇن تاماق قاچىسى>نى ساقلاپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى».

يېشىل بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى رېڭى.

ھەقىقەتەن باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ كۆرسەتكەندەك، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان قىلىپ، بىر قاتار ئىجادىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق، ئىرادىمىزنىڭ زورلۇقى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، ئۈنۈمىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور قەدەم تاشلىدۇق.

(2) ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرى: «پۇقرالارغا ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك»

مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، قۇشلار توختىماي سايرىشىپ تۇراتتى. سەھەردىكى تۇمان تېخى تارقالماستىن، ديەنچى كۆلى ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا كەلگەن كۇنمىڭ شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويغاندى.

ديەنچى كۆلىدىن ئىبارەت بۇ «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت» بىرمەھەل دۆلىتىمىزدىكى بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان كۆللەرنىڭ بىرى ئىدى. شۇ جايدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرى كۆل يۈزىدىكى كۆك يۈسۈنلار خۇددى بىر قەۋەت يېشىل سىرغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، «چاشقان ئۈستىدە يۈگۈرەلەيدىكەن، تاش كۆلگە چۈشسىمۇ چۆكۈپ كەتمەيدىكەن».

2020 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ئالايىتەن ديەنچى كۆلىنى كۆرگىلى كەلدى. 2008 - يىلىلا، ئۇ يۈننەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ديەنچى كۆلىنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىگەنىدى: ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىي نەتىجە، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى ساقلاپ قېلىش تېخىمۇ زور سىياسىي نەتىجە دېگەن ئىلمىي يۆنىلىشنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

2020 - يىلى تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شۇ جايدىكىلەر نەچچە ئىستاكان سۇ ئەۋرىشكىسى تەييارلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەم ديەنچى كۆلىنىڭ سۈيىمۇ، ھەم باش شۇجى ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئېرخەي كۆلى ۋە فۇشيەنخۇ كۆلىنىڭ سۈيىمۇ بار ئىدى.

بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈردى، تەپسىلىي سورىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ديەنچى كۆلى كۇنمىڭغا زىننەت قوشقان بىر گۆھەر، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان غەيرەت بىلەن، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيە بويىچە، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ديەنچى كۆلىنى تۈزەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك».

مەنبەدىن تىزگىنلەپ، بۇلغىنىشنى توسۇش، ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قىرغاقتا بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەش... بۈگۈنكى كۈندە ديەنچى كۆلى ناچار 5 - دەرىجە دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى، سۈزۈك سۇلار دولقۇنلىنىپ، چايكىلار پەرۋاز قىلىپ، مەرۋايىتتەك قىياپىتى تەدرىجىي قايتا نامايان بولدى.

«ئەگرى - توقاي يوللاردىمۇ ماڭدۇق، تېخىمۇ مۇھىمى كېيىنكى قەدەمدىكى يۆنىلىشنى ئېنىق تونۇپ يەتتۇق.» كۇنمىڭ شەھەرلىك ديەنچى كۆلىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چېن جىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ديەنچى كۆلىنى قوغداش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى، ئىلگىرى يەنە كارخانىلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىۋېتەتتى، ھازىر كارخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ «بۇنداق قۇرۇلۇش قىلساق ديەنچى كۆلىنى قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇنمۇ - يوق» دەپ سورايدىغان بولدى.

چەكسىز زۇمرەتتەك سۇلار، سۈپسۈزۈك ئاسمان، ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى، كىشىلەر قەلبىنىڭ تەقەززاسى.

«پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، پۇقرالارغا ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق دەپ ئېنىق تەلەپ قويدى.

شىمالىي رايونلاردا كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئېغىر بۇلغانغان ھاۋا رايى بىرمەھەل كۆپ يۈزبەردى، ئۈزۈلمەي يۈزبەردى، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى.

2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارنى ئېغىر تۈتەك قاپلاپ، داۋاملىشىش ۋاقتى يەتتە كۈنگە يەتتى. 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، يۇندى، ئەخلەت، تۇمان - تۈتەكنى تىزگىنلەش بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ئىدى.

«مۇھىتنى تۈزەش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، ئۇنى جەزمەن مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك.» باش شۇجى كەسكىن ھالدا مۇنداق دېدى: ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بېيجىڭنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئەڭ گەۋدىلىك بىر مەسىلە.

بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن بېيجىڭدا ئېچىلدى.

شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق سورىدى: «PM2.5تە شاڭخەينى بېيجىڭغا سېلىشتۇرغاندا قانداقراق؟» «ھازىر بېيجىڭدا كۆمۈر قالايدىغان كىچىك پار قازانلارنى تۈزەشتە ھەرىكەت ئىنتايىن زور، شاڭخەيدە قانداق بولۇۋاتىدۇ؟»

شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مۇنداق جاۋاب بەردى: «شاڭخەينىڭ سالمىقىمۇ ئىنتايىن زور، ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا بولغان ئىنكاسى شۇنچە كۈچلۈك، بۇ بىر تەرەققىيات باسقۇچىدا ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئىش، جەزمەن بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشنى بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتە ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق بولۇشى كېرەك».

ۋەدىسىدە تۇرۇش كېرەك، ئىش ئادەمگە باغلىق بولىدۇ.

شىمالىي رايونلاردا تەخمىنەن 37 مىليون ئائىلىلىك يېزا ئاھالىسى قويۇق ئىس - تۈتەك چىقىدىغان كۆمۈر قالىنىدىغان مەش بىلەن خوشلىشىش، كۆمۈر ئېلېكتىر، پولات - تۆمۈر قاتارلىق ساھەلەردە ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى تېخىمۇ چىڭىتىش... بۈگۈنكى كۈندە، كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، تۇمان - تۈتەك ئازايدى، كۆك ئاسمانلىق كۈنلەر كۆپەيدى، جۇڭگو دۇنيادىكى ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەڭ تېز دۆلەت بولدى.

ئۇزاق مەزگىللىك پىلان، ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تەدبىر. ھەربىر جانلىق كۆرۈنۈشلەر كىشىلەرنى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى.

2022 - يىلى 8 - ئايدا، لياۋنىڭ جىنجوۋدىكى دۇڭخۇ ئورمان باغچىسىدا، باش شۇجى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە قانداق تەدبىرلەرنىڭ بارلىقىنى، دەريا - ئېقىن سۇ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىنى، بېلىق تۈرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى تەپسىلىي سورىدى.

شياۋلىڭ دەرياسى بويىدا قەدىمىنى توختىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدىن قارىغاندا، ئەگەر بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر كېيىنكىلەرگە بىرەر نەرسە قالدۇرالايمىز دېسەك، مېنىڭچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى دەل ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پۇقرالارغا ئەڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلەيدۇ، مۇھىت ياخشىلانسا، پۇقرالارنىڭ تەسىراتىمۇ ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ».

ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، تەرەققىيات مەسىلىسى، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، تېخىمۇ مۇھىمى سىياسىي مەسىلە.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، شەنشى شىئەندىكى داتاڭ نېلۇپەر باغچىسىدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت يىلى ھەم جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلار سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئويۇنى قويۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى. چوڭ ئېكراندا «چىنلىڭ تېغىدىكى تۆت گۆھەر» − قىزىل ئىبىس، مۈشۈكئېيىق، سېرىق يالىلىق مايمۇن، بۆكەن كالا ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولدى، قۇش، ھايۋان، قۇرت - قوڭغۇز، بېلىقلار ئەركىن ماكانلاشقان گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمى كىشىنى زوقلاندۇردى.

ئەمما بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، چىنلىڭ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان 1000دىن ئارتۇق داچا خۇددى پارچە - پارچە ئېكولوگىيە تاتۇقىغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، تاغ ئېتىكىدىكى يېشىللىقنى پىلە قۇرتىدەك يەپ تۈگەتكەنىدى.

مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى. مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان 1194 داچا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى، يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قانات يايدۇرۇلدى.

2020 - يىلى باھاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ شەنشىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، چىنلىڭ تېغى بىرىنچى بېكەت ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۆزى بىۋاسىتە «تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى». يېشىللىق ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن داچا رايونىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان چىنلىڭ تېغىغا يىراقتىن نەزەر سېلىپ، باش شۇجى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا رەھبىرىي كادىرلارغا مۇنداق تاپىلىدى: «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەن كەڭ قورساقلىق بىلەن، ھەقىقىي تۈردە تارىخقا مەسئۇل بولۇش، مىللەتكە مەسئۇل بولۇش كېرەك، تارىختا يامان ئاتاق قالدۇرۇشقا بولمايدۇ».

قەتئىي پوزىتسىيە، زور سالماق. «ئۇلانسۇخا كۆلى توغرىسىدا مەن كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن» «تېڭگىر توغرىسىدىمۇ مەن تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن. بۇلغىمىلارنىڭ ھەممىسىنى قۇملۇققا تۆكىدىغان بۇ ئىشنى مەن قاتتىق تەنقىدلىگەن»... بەزى ئېكولوگىيە - مۇھىتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش بىر قىسىم جايلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئېكولوگىيە - مۇھىت «جاھىل كېسەللىك»لىرىنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىر بولدى.

«پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى قايتۇرۇپ بېرىش» «پۇقرالارغا سۈزۈك سۇ ۋە يېشىل قىرغاقنى، بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈۋاتقان مەنزىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش» «پۇقرالار ئۈچۈن قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرىدىغان، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان سەھرا مەنزىرىسىنى ساقلاپ قېلىش»... باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن گۈزەل يۆگىمە رەسىم ھازىر رېئاللىققا ئايلاندى.

(3) بىللە ئۆتۈش يولى: «ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى»

«سۈييۈنلاڭ ھەقىقەتەن ئاپىرىن ئوقۇشقا لايىق ئىكەن!» «كۆرۈپ قانمىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.» بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان بىرىنچى بېكەتتە جيەنمېن شيۇڭگۇەن ئەتراپىغا جايلاشقان سۈييۈنلاڭغا كەلدى.

بۇ جاي قەدىمكى دەۋردىكى گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكىدىن سىچۇەن ئويمانلىقىغا ئۆتىدىغان قەدىمىي سىچۇەن يولىنىڭ مۇھىم بۆلىكى بولۇپ، ھازىرغىچە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمكى دەۋردىكى سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن پوچتا يولى قەدىمىي ئارچىزارلىقى بار.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ سۈنئىي قەدىمىي ئارچىزارلىقنىڭ شۇنچە ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، شۇنچە ياخشى قوغدىلىشى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ «ئەمەلدارلار، پۇقرالار دەرەخ كېسىشنى ئۆزئارا چەكلەش» «دەرەخ سانىنى ئۆتكۈزۈپ تامغا تاپشۇرۇش» قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى، ئادەتكە ئايلانغانلىقىدىن بولغان، شۇنداقلا شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئورتاق قوغدىشىدىن بولغان.

ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، قەدىمىي ئارچىلار بىلەن بىللە داۋاملىشىپ كەلگىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشكە بولغان ئىزچىل ئىنتىلىشى بولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئارشەن ئورمانچىلىق رايونىدىن سەيخەنباغىچە، بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىن نەنخەيدىكى كەڭ كەتكەن مانگروۋا ئورمىنىغىچە... ھەربىر تۈپ دەرەخ، ھەربىر پارچە ئورمان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە ئىناقلىقىغا بولغان چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشىگە گۇۋاھ بولماقتا.

«مەن ئىلگىرى جۇڭگودىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى بىر كىچىك كەنتتە كۆپ يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن، شۇ چاغدا ئۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىمۇ نامراتلىقتا قالغانىدى. مەن شۇ چاغدىلا تەبىئەتكە بولغان زىيانكەشلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدىم.» شۇ چاغدىن باشلاپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش ئېڭى ياش شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى.

2002 - يىلى 4 - ئايدا، مۇتەخەسسىسلەر مىنجياڭ دەرياسى خېكوۋ سۇلۇق يەر بايلىقىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداشنى مۇراجىئەت قىلغان بىر پارچە ماتېرىيال شۇ چاغدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ ئۈستىلىگە يەتكۈزۈلدى. ئۇ مۇنداق تەستىقىي يوليورۇق بەردى: «سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى، ئۆلكىمىز ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە قۇرۇشتا جەزمەن سۇلۇق يەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك».

مىنجياڭ دەرياسى خېكوۋ سۇلۇق يېرىدە «ئېكولوگىيەنى قوغداش جېڭى» شۇنىڭ بىلەن باشلاندى:

2003 - يىلى، مىنجياڭ دەرياسى خېكوۋ سۇلۇق يەر ناھىيە دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تەسىس قىلىندى، يولغا قويۇلۇپ بولغان قاشالاپ بوز يەر ئېچىش تۈرى شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ 2007 - يىلى، بۇ سۇلۇق يەرنىڭ دەرىجىسى ئۆلكە دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ئۆستۈرۈلدى؛ 2013 - يىلى، دەرىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ئۆستۈرۈلدى؛ 2015 - يىلى، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇش تەستىقلاندى...

بۈگۈنكى بىلەن بۇرۇنقى سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا، سۇلۇق يەردە «ئادەملەر چېكىنىپ چىقىپ يېشىللىق كېڭەيتىلگەن»لىكىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ: مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، باقمىچىلىق مەيدانى ۋە بېلىق كۆلچەكلىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ، زور كۆلەملىك قارا رەڭ شەكىللەنگەنىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، يېشىللىقلار تۇتىشىپ دائىرە شەكىللەندۈرۈپ، كۆپكۆك دېڭىز بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى.

نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈش كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى: سۇ كەڭ يېيىلغان، پىيىزەكلەر ياپيېشىل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، كۆپكۆك ئاسماندا قۇشلار پەرۋاز قىلماقتا ئىدى، جۇڭخۇا پۆپۈچەكلىك قارلىغاچسىمان چايكىسى، قوشۇق تۇمشۇق لايخورەك، قارا باش ئۇقار قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق قۇشلار بۇ يەردە قايتا پەيدا بولدى... 21 يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، مىنجياڭ دەرياسى خېكوۋ سۇلۇق يېرى «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش»تىن «قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتى».

«ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» ئىكەنلىكى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يولى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىلدى.

2013 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل بىر ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى، كېيىنچە «ئوتلاق»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى.

«تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، بۇ يەرگە <قۇم> دېگەن سۆزنى قوشۇش كېرەك.» 2021 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا شۇنداق دېدى. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدا، باش شۇجى «بىرتۇتاش پىلانلاش» دېگەن سۆزنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى، بۇ قېتىم قۇمنى تىزگىنلەش مەسىلىسىمۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى.

«تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشتا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش كېرەك، بۇ، بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ» «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق ئايرىلماس ئېكولوگىيە سىستېمىسى. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتا، باش ئاغرىسا باشنىلا داۋالاشقا، پۇت ئاغرىسا پۇتنىلا داۋالاشقا بولمايدۇ»... باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ئۇيغۇنلىشىش ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى بېقىش كېرەك. بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تېمىسىدىكى مەزمۇن، شۇنداقلا تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدە بولۇش، شەيئىلەر بىر - بىرىگە زىيان يەتكۈزمەي بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى.

بۇ يىل 5 - ئىيۇن مۇھىت كۈنى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننورغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

1 - كۈنى، ئالدى بىلەن ئۇلانسۇخا كۆلىگە بېرىپ، سۇنى كۆردى؛ ئاندىن ئۇلانسۇخا كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىغا بېرىپ، ئېتىزلارنى كۆردى.

2 - كۈنى، لىنخې رايونىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ ئورماننى كۆردى. ئارقىدىن خېتاۋ سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ مىقدارىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىگە بېرىپ، ئۆستەڭنى كۆردى.

ئارقىدىن ئېچىلغان چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈكنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇم تىزگىنلەش، سۇ تىزگىنلەش، تاغ تىزگىنلەشتىكى تولۇق ئامىللىق ماسلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساغلام، مۇقىم، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

نەزەر خەينەنگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى بۈك - باراقسان ئىدى.

2022 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. سەپەردە، باش شۇجى ئەتراپىدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە بولغان تولۇپ تاشقان قىزىقىشى بىلەن، پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ ئەتراپتىكى دەل - دەرەخلەرنى كۆزىتىپ، تەبىئەتنىڭ ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، يەنە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان − ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئىشىنى ئەستىن چىقارمىدى.

«باش شۇجى <خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى خەينەنگىلا مەنسۇپ بولماستىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مەنسۇپ، يەرشارىغا مەنسۇپ، ئۇ دۆلەت گۆھىرى> دېدى، بىز پۈتۈن جىسمىمىزنىڭ غەيرەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدۇق، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز» دېدى باغچە باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋۇجىشەن تېغى شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جۇڭ شىجىن.

جۇڭ شىجىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باغچىنىڭ ئاقىل باشقۇرۇش مەركىزى ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى. ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئورمان بايلىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش... پەقەت مائۇسنى يېنىك چەكسەكلا، سانلىق مەلۇماتلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يەتكۈزگىلى، سانلىق مەلۇماتلارغا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز لايىھە ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە دۆلەت باغچىسى نامزات رايونىدىن 49نى تاللاپ چىقتى، 2035 - يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت باغچىسى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

بارچە مەۋجۇدات ئىناق ئۆتۈپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەرقايسىسى مۇناسىپ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

«ئورمان شەھىرى» يىچۇندە «ئادەم بىلەن ئورماننىڭ قارشىلىشىشى»دىن «ئادەم بىلەن ئورماننىڭ ئىناق ئۆتۈشى»گىچە بولغان ئۆزگىرىش ھېكايىسى يېزىلماقتا.

بۇ يەر ئىلگىرى دەرەخ كېسىشنى ئىقتىسادىي تۈۋرۈك قىلاتتى. 2013 - يىلى، كېسىشكە بولىدىغان دەل - دەرەخ بايلىقى تۈگەپ كېتىشكە يېقىنلىشىشتەك رېئاللىق ئالدىدا، يىچۇن تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختاتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ گاڭگىراش پەيدا بولدى − دەرەخ كەسمىسەك، قانداق ياشايمىز؟

2016 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىچۇنگە كېلىپ، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى -خىزمەتچىلەرنى سەمىمىي يوقلىدى. ليۇ ياڭشۇننىڭ ئۆيىدە، باش شۇجى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئۈستىدە پاراڭلاشتى، كىرىم - چىقىم ھېساباتى قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ئورمانچىلىق رايونى تىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن «كۆپرەك يېڭى يول تېپىش»ىغا ئىلھام بەردى.

يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش دەل ۋاقتىدا بولدى. ئىلگىرىكى دەرەخ كەسكۈچىلەر بەس - بەستە قىزىل قارىغاي تىكتى، شۇ جاي ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتتى، تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى قۇردى، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۈرلەرنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇردى...

چىقىش يولى ئورمانلىقتا. تاغ - دالىنى قاپلىغان دەل - دەرەخلەرگە تايىنىپ، شۇ جايدىكى ئامما ئورمان ئىقتىسادى بىلەن شۇغۇللاندى، لەنمېي، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق كەسىپلەر گۈللەندى. دەرەخ كېسىش توختىتىلغان ئون يىلدا، ئورمان بەرپا قىلىش، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەگىشىپ، ئورمان رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

ليۇ ياڭشۇن بۈگۈنكى كۈندە دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ لاۋبەنىگە ئايلاندى. «ئاۋات پەسىلدە تاماق يەيدىغانلار ئالدىن زاكاز قىلىشى كېرەك، ھويلىدىكى ئون نەچچە ئۈستەل ھەر كۈنى مېھمانلار بىلەن لىق تولىدۇ».

دەرەخ كېسىشتىن ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىشقىچە، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئورمانچىلىق رايونىدىكى كىشىلەر ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈردى: ئورمانلىقنى ئاسراپ تېخىمۇ يېشىللاشتۇرغاندىلا، «يېشىل دەرەختىن ئالتۇن ئېلىش» يولى ئاندىن ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتتى، جۇڭخۇا زېمىنىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.

(4) كەلگۈسى ۋەدە: «يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش»

ئوتتۇرا ياز مەزگىلىدە، بېلگىيە گۈزەل ماكان ھايۋانات باغچىسىنىڭ جۇڭگو باغچىسىدا ئاق چېچەكلىك ماگنولىيە دەرىخى بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، زۇمرەتتەك ياپيېشىل ئىدى.

2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئاق چېچەكلىك ماگنولىيە دەرىخى ئالدىدا، گۈزەل ماكان ھايۋانات باغچىسىنىڭ باش مۇدىرى، قۇرغۇچىسى دۇڭ بو جۇڭگونىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تاپشۇرۇپ بەرگەن بىر پارچە قىممەتلىك جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالدى.

يېقىندا، دۇڭ بو رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يازغانىدى. «خەتتە، مەن ئەينى يىلى شى جۇشى زىيارەتكە كەلگەن چاغدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، يەنە ھايۋانات باغچىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى بايان قىلدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن ئالدىراش، مەن شۇنچە تېزلا جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋېلىشىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم».

2014 - يىلى 3 - ئايدا، بېلگىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىرلىكتە گۈزەل ماكان ھايۋانات باغچىسى مۈشۈكئېيىق باغچىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. پائالىيەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىرلىكتە دوستلۇققا سىمۋول قىلىنغان بىر تۈپ ئاق چېچەكلىك ماگنولىيە دەرىخىگە يېڭى توپا يۆلىدى.

«ھازىر، جۇڭگو پائال تۈردە ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتماقتا، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنى يولغا قويماقتا، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان زور بىر تۈركۈم ئەتىۋارلىق جانلىقلار تۈرلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىماقتا، مۈشۈكئېيىق <يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش>تىن <يوقىلىش گىردابىغا ئاز قېلىش> دەرىجىسىگە تۆۋەنلىدى.» خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە ئېيتقاندەك، جۇڭگو ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

ھازىر، يەرشارى كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلار كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كىرىزىسكە دۇچ كەلمەكتە، بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق يېشىشكە تېگىشلىك قىيىن مەسىلە.

«ئېكولوگىيە - مۇھىت خىرىسى ئالدىدا، ئىنسانلار بىرى گۈللەنسە ھەممىسى گۈللىنىدىغان، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا ھەممىسى زىيانغا ئۇچرايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولماسلىقىغا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتكەنىدى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش −

2021 - يىلى ئالتۇن كۈزدە، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنى كۇنمىڭدا ئېچىلدى.

«ئالدىنقى مەزگىلدە، يۈننەن پىلىنىڭ شىمالغا بېرىش ۋە قايتىش سەپىرى بىزگە جۇڭگونىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە سۆزلىگەن ھېكايە يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئەزىز مېھمانلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

يىغىن ئېچىلىش ھارپىسىدا، يۈننەندىكى بىر توپ ئاسىيا ياۋا پىلى شىمالغا باردى ھەم جەنۇبقا قايتتى، «مۇساپىسى» 1000 كىلومېتىردىن ئېشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئاممىنىڭ پىلنى قوغداش ھەرىكىتى دۇنيانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، پىلنى قوغداش يولى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

«خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يەرشارىۋى ماكاننى بەرپا قىلىش، ئىقتىساد بىلەن مۇھىت ماس ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان يەرشارىۋى ماكاننى بەرپا قىلىش، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يەرشارىۋى ماكاننى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باشلامچىلىق بىلەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلى مەبلەغ چىقىرىپ، كۇنمىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى فوندى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللىدى. كۇنمىڭدىن يولغا چىقىپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە «كۇنمىڭ − مونترېيال يەرشارىۋى جانلىقلار كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشى. ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەرشارى بار، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

«ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى»نى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، «يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ئېكولوگىيە - مۇھىت ساھەسىگە كېڭىيىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو ۋەدىسى بېرىش −

«جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030 - يىلىدىن بۇرۇن تىرىشىپ چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈپ، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ».

2020 - يىلى 9 - ئايدا، 75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن دۇنياغا شۇنداق جاكارلىدى.

جۇڭگو مۇشۇنداق دېدى، ھەمدە مۇشۇنداق قىلدى:

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئورناتتى ۋە تاكامۇللاشتۇردى، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە سىجىل تۈرتكە بولدى، مەملىكەت بويىچە كاربون بازىرى سودىسىنى باشلىدى، چېگرا سىرتىدا كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىنى قايتا يېڭىدىن قۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، «قوش كاربون» سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى خەلقئارا سۆھبىتىگە پائال قاتناشتى...

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدا، غايەت زور تىپلىق پەلەمپەيسىمان ئالتە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى «مارجاندەك بىر - بىرىگە تۇتىشىپ»، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ «پاكىز ئېنېرگىيە كارىدورى»نى بەرپا قىلدى؛ جۇڭگو پۈتۈن يەرشارىنى %50 شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى، %80 يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتال ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلىدى؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئۇدا سەككىز يىل يەرشارى بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، پۈتۈن يەرشارىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل جۇڭگودا ھەيدىلىۋاتىدۇ...

كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى تەلىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «<قوش كاربون> نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشقىلار بىزنىڭ قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئەمەس، بەلكى بىز ئۆزىمىز جەزمەن قىلىشىمىز كېرەك».

2021 - يىلى 9 - ئايدا، شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كۆمۈرچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا، بايلىق، ئېنېرگىيە، مۇھىتنىڭ ئاخىرقى چېكىدىن ھالقىپ كېتىلمەيدۇ».

بۇ يىل 4 - ئايدا، بېيجىڭدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پايتەختتىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئورمان ھەم سۇ ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، شۇنداقلا كاربون ئامبىرى. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئالىيجاناب ئىش، شۇڭا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، سىجىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك».

بۇ يىل 6 - ئايدا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇەن كەسىپلەر باغچىسىغا بېرىپ، شۇ جاينىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى.

ئاددىي ھالدا GDP ئارقىلىق قابىللىققا باھا بەرمەي، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلدى... تەرەققىيات ئىدىيەسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش جۇڭگونىڭ يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشنى تېزلىتىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش −

«جۇڭگو ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك»، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى تومۇرداش بولدى.

كېنىيەنىڭ گارىسسا ۋىلايىتىدە، جۇڭگو كارخانىلىرى شەرقىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى پارنىك گازى قويۇپ بەرمەيدۇ ھەم كېنىيەنىڭ «توك قىيىنچىلىقى»نى پەسەيتىدۇ؛ جۇڭگونىڭ سۇ تېجەيدىغان پەلەمپەي ئېتىز ئەندىزىسى مىسىرغا «كۆچۈرۈلۈپ»، شىناي يېرىم ئارىلىدىكى تاغلىق رايونىنىڭ سۇ مەنبەسى ساقلاپ قېلىندى؛ ئافرىقىدىكى «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» جۇڭگونىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبقا ھۇجۇم قىلىشىنى توستى... جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى يەرشارىۋى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەشكە ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنى قىلىپ، بىر قاتار يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېشىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىل ئېنېرگىيە، يېشىل قاتناش قاتارلىق بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى.

بۇ يىل 5 - ئايدا، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلارنىڭ ئورتاق گۇۋاھلىقىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەن خىتابنامىسى»نى ئورتاق ئىمزالىدى، بۇ، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورتاق يولغا قويۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

داغدام يولدا ئورتاق مېڭىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان خۇاشيا يۆگىمە رەسىمىدە يېڭى يارقىن نۇقتىلار ئۈزلۈكسىز نامايان بولماقتا.

(مۇخبىرلار زوۋ ۋېي، گاۋ جىڭ، خۇاڭ ياۋ، يەن فۇجىڭ، ۋېي خۇڭيى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)