دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: 7- ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.3 بولدى

日期:2023年08月15日
来源:新疆日报网
【字体:

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7- ئايلىق خەلق ئىگىلىكى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، شەھەر- بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.

7- ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.3 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. يەرلىك نوپۇستىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.3 بولغان؛ سىرتتىن كەلگەن نوپۇستىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.2 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتتىن كەلگەن يېزا نوپۇسىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.8 بولغان. 31 چوڭ شەھەرنىڭ شەھەر- بازارلىرىدا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.4 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە خىزمەت ۋاقتى 48.7 سائەت بولغان.

پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى