7-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئېشىپ، جانلىنىشنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى

日期:2023年08月15日
来源:新疆日报网
【字体:

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7- ئايلىق خەلق ئىگىلىكى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. مۇلازىمەت كەسپى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. 7- ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشتى. كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، قونالغۇ ۋە يېمەك- ئىچمەك كەسپى، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى، پۇل مۇئامىلە كەسپى، قاتناش- تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %20.0، %11.2، %7.6، %7.3 ئاشتى.

1-ئايدىن 7-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشتى. 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كەسپى كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشتى. 7- ئايدا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %51.5، كەسپىي پائالىيەتنىڭ كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى %58.7 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، پوچتا تېز يوللانمىسى، تېلېگراف، رادىيو- تېلېۋىزىيە ھەم سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى، ئالاقە تورى يۇمشاق دېتالى ھەم ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %60تىن يۇقىرى سەۋىيەدىكى گۈللىنىش دائىرىسىدە بولدى.

پايدىلانغان مەنبە: بېيجىڭ گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى