چېگرادىكى ئۆتكۈر خەنجەر، ئېگىزلىكتىكى ئاۋانگارت

日期:2023年08月15日
来源:新疆日报网
【字体:

​− «يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل ئىنقىلابىي ھەربىي» چېڭ لىن توغرىسىدا

 لى يۈن، جاڭ شىن

1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، «جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى سادىق قوغدىغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن... قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ جۇڭشياۋسى چېڭ لىننىڭ مەيدىسىدە توپتوغرا 19 ئوردېن بار.

چېڭ لىن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى بولۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بىرىنچى سېپىدە ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كەلدى. قاش سۆڭىكىدىكى تارتۇق، مۇشتۇمىدىكى قاداق ئۇنىڭ تېرىسىگە ئويۇلغان شان - شەرەپ ئىدى.

چېڭ لىن ھەر كۈنى يەنىلا مەشىقنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۇ: مەن بىر پاي ئوق، بەتلىسىلا ھەر ۋاقىت ئېتىلىپ چىقىمەن، دېدى. ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ چوققىسى ئېتىكىدە، ھەمىشە چېڭ لىن بىلەن سەپداشلىرىنىڭ ئېلىشىشنى مەشىق قىلغان چاغدىكى جاراڭلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ نەزەرىدە، چېڭ لىن ئالاھىدە جەڭ مەشىقىدىكى «ھەربىي ئەليۇلئەلا» «ياخشى مەشقاۋۇل» شۇنداقلا ئالاھىدە جەڭ قىلىدىغان چاغدىكى «يول باشلىغۇچى» «تايانچ». لېكىن چېڭ لىن مۇنداق دېدى: مەن ئىزچىل بىر جەڭچى بولۇپ كەلدىم، ھەربىي مەشىقنى چىن كۆڭلۈمدىن قىزغىن سۆيىمەن، مەشق مەيدانىنى قىزغىن سۆيىمەن.

22 يىلدىن بۇيان، چېڭ لىن 28 قېتىم مۇھىم، زور ماھارەت سىنىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 23 قېتىم ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال ئالدى. مۇھىم، زور جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم، زور ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئون قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىشىپ، ئىجرا قىلىپ، يۇقىرى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

بىر قېتىم تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، چېڭ لىن جەڭچىلەرنى باشلاپ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چازا قۇرۇپ تەكشۈرۈشىگە ماسلاشتى. بىر ئەر تۇيۇقسىزلا بېلىدىن تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىڭراقنى چىقىرىپ چېڭ لىننى چاپماقچى بولدى.

ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەچكە، ئۇزاق مۇددەت قاتتىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن مۇسكۇل خاتىرىسىگە تايىنىپ، توسۇش، قايتۇرما زەربە بېرىش، كونترول قىلىش ئارقىلىق، چېڭ لىن ئۇنى بىراقلا بويسۇندۇردى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى تېز، چاققان بولۇپ، ئۈچ سېكۇنتتىلا جىنايەت گۇماندارىنى بويسۇندۇردى.

قىڭراق چېڭ لىننىڭ قالپىقىدىن جىجىپ ئۆتۈپ، بىر قورقۇنچلۇق پىچاق ئىزىنى قالدۇرۇپ قويدى.

«ئەگەر قالپىقىم بولمىغان بولسا، مەن قۇربان بولغان بولاتتىم.» چېڭ لىن مۇنداق دېدى: جەڭلەردە بۇنداق ھايات - ماماتلىق دەقىقىلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەشىق بىر خىل تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ بىر تەرەپتىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق سۆزلەشسە، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرۇق قول تامنى مۇشتلاپ، مۇشتىنى چېنىقتۇرىدۇ. بىر قولىدا ئىككى بارمىقى بىلەن يەر بېغىرلاش ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك «زۆرۈر دەرسى». مەشىق مەيدانىدىكى ھەربىر ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي جەڭ مەزگىلىدىكى ھايات - ماماتقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەنە چېڭ لىندا چوڭ - كىچىك 11 تارتۇق قالدۇردى.

بىر يىلى 7 - ئايدا، ئۇ قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە جەڭ قىلىش شۆبە ئەترىتىنىڭ ماھارەت سىنىشىش مۇسابىقىسىدىكى «ئەڭ يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش» بويىچە توسالغۇدىن ئۆتۈش تۈرىدە مۇسابىقىلىشىۋاتقاندا بېشى قۇدۇق گىرۋىكىگە تېگىپ كەتتى، يارا ئېغىزى ئوڭ كۆزىگە پەقەت 8 مىللىمېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، قان توختىماي ئېقىۋاتاتتى، ھەربىي دوختۇر ئۇنىڭ يارىسىنى 14 يىپ تىكتى.

ئۈچ كۈندىن كېيىن، چېڭ لىن ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 257 ئالاھىدە جەڭ قىلىش ماھىرى ئىچىدىن ئۇتۇپ چىقىپ، 30 مېتىر ئارىلىقتا ئېغىرلىق كۆتۈرۈپ ئارغامچىنى تۇتۇپ يامىشىشتا بىرىنچى بولدى، ھەربىي دوختۇر ئۇنىڭدىن: «ئەما بولۇپ قېلىشتىن قورقمىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى.

«غەلىبە ۋە شان - شەرەپتىنمۇ مۇھىم نەرسە يوق.» چېڭ لىن مۇنداق دېدى: مەشىق مەيدانى جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ، جان تىكىپ ئېلىشىشتا ئىنتىلىدىغىنىمىز دەل شان - شەرەپ، غەلىبە.

يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان، ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بۇ خىل جاسارەت بولغاچقا، نۇرغۇن جەڭچى چېڭ لىننى ئۈلگە قىلدى.

«ئۇ ئىزچىل ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلدى» دېدى ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ كادىرى مىرزات. بەدەن قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولغاچقا، مىرزات ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتىگە تاللاندى. لېكىن بۇ ئالاھىدە جەڭ قىلىش سەرخىللىرى توپىغا كەلگەندە، كەسپىي مەشىق قىلىپ باقمىغان مىرزات ئىنتايىن قىينالغانلىقىنى ھېس قىلدى، نۇرغۇن تۈرلەردە ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدى.

چېڭ لىن مەخسۇس ئۇنىڭغا چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىش، يامىشىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش مەشىق پىلانى تۈزۈپ بېرىپ، چۈشەندۈرۈشتىن ئۈلگە كۆرسىتىشكىچە ئۆزى ئەمەلدە كۆرسەتتى. ناھايىتى تېزلا، مىرزاتنىڭ چىدامچانلىقى ۋە بەدەن قۇۋۋىتى ناھايىتى ياخشى يۇغۇرۇلۇپ، كۆپ تۈردە ئەلا سەۋىيەگە يەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، مىرزات ئۆسۈپ يېتىلىپ چوڭ ئەترەتنىڭ شاڭۋېي سەنمۇسى بولدى. بۇ يىللاردا، چېڭ لىن يېتىشتۈرۈپ چىققان ئالاھىدە جەڭ ماھىرلىرى خۇددى چېگرادىكى ئاق تېرەكلەرگە ئوخشاش تۇتاش كەتكەن ئورمان بولۇپ يىلتىز تارتتى.

«ئۇ ئىشلارنى ئىنچىكە ئويلايدۇ، ھەر قېتىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى تۇغقان يوقلاپ كەلگەندە، ئۇ كۆپچىلىكنى چاقىرىپ بىر يەرگە يىغىدۇ.» ئالاھىدە جەڭ قىلىش 3 - چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي جياۋداۋيۈەنى جېڭ چاۋيۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ، جەم بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىتتىپاقلىق».

چېڭ لىن ئىلگىرى بۇ چوڭ ئەترەتنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان بولۇپ، جېڭ چاۋيۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن. چېڭ لىن چوڭ ئەترەتتىكى ھەربىر ئوفىتسېر - ئەسكەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، تۇغۇلغان كۈنى ئۇلارغا بەخت تىلەكلىرىنى ئەۋەتىدۇ.

ئېگىزلىكتە ئۆتكەن كېچىلەردە، چېڭ لىن بەزىدە ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنىپ ناخشا ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ مەشىق كىيىمىنىڭ يانچۇقىغا ئىككى پارچە سۈرەت مەڭگۈلۈك سېلىنغان بولۇپ، بىر پارچىسى ئاتا - ئانىسىنىڭ، يەنە بىر پارچىسى خوتۇنى بىلەن قىزىنىڭ سۈرىتى ئىدى.

ئۇلار ئۇ ئەڭ يۈز كېلەلمەيدىغان كىشىلەر بولۇپ، سۈرەتنى يۈرىكىگە ئەڭ يېقىن ئورۇنغا قويۇۋالسا، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغاندەك ھېس قىلاتتى.

بىر قېتىم قىزى دادىسىنى يوقلاپ ئېگىزلىككە كەلگەندە، چېڭ لىن قىزىغا بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ، ئاتا - بالىلىق ھېسسىياتىنى يېقىنلاشتۇرۇشنى ئويلىدى. ئويلاپ بېقىپ ئۇنىڭغا چامباشچىلىق ماھارىتىنى ئۆگىتىشنىڭ ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قىزىغا ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىتىش قارارىغا كەلدى.

ئاشۇ بىرنەچچە كۈن چېڭ لىن ئۈچۈن ئەڭ ئازادە كۈنلەر بولدى، قىزىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلەشتىن ۋېلىسىپىتنىڭ ئارقا جازىسىدىن يۆلەشكىچە، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا قولىنى قويۇۋېتىشكىچە، قىزىنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىپ ئاستا - ئاستا يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چېڭ لىن بىردىنلا قىزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

چېڭ لىن مۇنداق دېدى: ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ، گۈزەل شىنجاڭنى قايتىدىن ياخشىراق كۆرۈپ كېلىمەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)