​جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تېببىي ھۆسن تۈزەش ئېھتىياجىغا ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، تۇزاقتىن ھوشيار بولۇشى كېرەك

日期:2023年08月10日
来源:新疆日报
【字体:

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېببىي ھۆسن تۈزەش كەسپىدە قىزغىنلىق تۆۋەنلىمىدى، «چىراي تەشۋىشى» قاتارلىق سەلبىي ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تەسىرى چوڭقۇرلاشتى، تېببىي ھۆسن تۈزەش قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قىزىق تاللىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرمۇ بۇنىڭغا چوڭقۇر بېرىلىپ كەتمەكتە. مەلۇم تېببىي ھۆسن تۈزەش سۇپىسىنىڭ «2022- يىللىق تېببىي ھۆسن تۈزەش كەسپى ئاق تاشلىق كىتابى»دىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 20 ياشتىن تۆۋەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.12كە يەتكەن. ھازىر دەل يازلىق تەتىل مەزگىلى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى يېتەرلىك ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى ۋە تۆۋەن باھالىق تىجارەت ئۇسۇلى نۇرغۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تېببىي ھۆسن تۈزەش، شەكىل ئۆزگەرتىش يولىغا مېڭىشقا جەلپ قىلماقتا، لېكىن بۇنىڭدا بىرقەدەر چوڭ خەۋپ- خەتەر ۋە ئېنىقسىز ئامىل مەۋجۇت. شۇڭا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى كەڭ ئائىلە باشلىقلىرى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىستېمالچىلارنى تېببىي ھۆسن تۈزەش ئېھتىياجىغا ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تېببىي ھۆسن تۈزەش ئىستېمالىنى تاللاشتا ئېھتىياتچان بولۇشقا ئەسكەرتتى.

  بىرىنچى، تېببىي ھۆسن تۈزەش ئېھتىياجىغا ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەجرىبىسى كەم بولغاچقا، ئۇلار بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ ئوپېراتسىيە ئۈنۈمىنى مۇبالىغە قىلغان تەشۋىقاتىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ. ئىستېمالچىلار تېببىي ھۆسن تۈزەش ئۈنۈمىگە ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، خەۋپ- خەتىرىگە سەل قارىماسلىقى، قارىغۇلارچە گۈزەللىك قوغلاشماسلىقى ياكى چولپان، ۋاڭخۇڭلارنى قارىغۇلارچە دوراپ، ھاياجانلىنىپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك، بىردەملىك ھاياجانلىنىش ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قويۇشى مۇمكىن.

  ئىككىنچى، خەۋپ- خەتىرى ۋە زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دەل بەدىنى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، سۆڭەك، بەش ئەزا قاتارلىق جايلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك يېتىلىشى تېخى تۇراقلاشمىغان بولىدۇ، تېببىي ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى بەدەندە زەخىم پەيدا قىلىدۇ ۋە سىرتقى ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈپ كىرگۈزىدۇ، بۇلار كەلگۈسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى، ھەتتا تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشى، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا چوقۇم ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىستېمالچىلار چوقۇم دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تارقاتقان داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى بار مۇنتىزىم داۋالاش- گۈزەللەشتۈرۈش ئاپپاراتى ياكى شارائىتى بار 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى تاللىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوقۇم مەسئۇل دوختۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەتكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى، شۇ تۈر بويىچە ئوپېراتسىيە قىلىش تەجرىبىسىنىڭ بار- يوقلۇقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشى كېرەك. داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتى ۋە داۋالاش، سەھىيە خادىملىرىنى بىردەك دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (www.nhc.gov.cn)دىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرامىغا يەتمىگەن ئىستېمالچىلار دوختۇرغا كۆرۈنگەندە يېشىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى ھەم مەسئۇل دوختۇرنىڭ تەن ساغلاملىقى، نورمال يېتىلىش نۇقتىسىدىن بەرگەن كەسپىي باھاسى ۋە مۇۋاپىق تەكلىپىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. «تېببىي ھۆسن تۈزەش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن: «ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك ئادەملەرگە قارىتا تېببىي ھۆسن تۈزەش تۈرىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ». ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇرۇن كۆتۈرۈش، ماي تارتىش، سۆڭەك قىرىش قاتارلىق ئادەم بەدىنىنىڭ سۆڭەك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىدىغان ئوپېراتسىيەلەرنى قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن قىلدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، تۈر مەزمۇنى ۋە خەۋپ- خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، تۇزاقتىن ھوشيار بولۇش كېرەك. ئائىلە باشلىقى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىستېمالچىلار ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى، توختام مەزمۇنى ۋە ھەق ئېلىش تەپسىلاتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشى ھەم ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى ۋە بەدىنىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۇنجى دىياگنوز قويغان دوختۇر بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىشلەيدىغان تۈرنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنى ھەم خەۋپ- خەتىرى ۋە ماس كەلمەيدىغان كېسەللىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى مۇنتىزىم بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى «مۇقىم باھالىق تېببىي ھۆسن تۈزەش»، «بىر يۈەنلىك تېببىي ھۆسن تۈزەشنى ھېس قىلىش» قاتارلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نامى بىلەن، قۇرامىغا يەتمىگەن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىپ، تۈرلۈك تۈر ۋە مەھسۇلاتلارنى ساتىدۇ ھەم ئۇلارنى قەرز ئېلىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ قەرز ئېلىش ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەشكە يېتەكلەيدۇ، ئىستېمالچىلار داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكى، چوقۇم ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە تاللاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

  بەشىنچى، ئىستېمال دەلىل- ئىسپاتىنى ياخشى ساقلاپ، ھوقۇقنى ھەر ۋاقىت قوغدىشى كېرەك. ئەگەر ھوقۇق- مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراش مەسىلىسىگە دۇچ كەلسە، ئائىلە باشلىقى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىستېمالچى ئىستېمال دەلىل- ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ياخشى ساقلاپ، تېببىي ھۆسن تۈزەش تىجارەتچىسى بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىشى ياكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلارغا ئەرز قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.

  ياشلىق باھارىنىڭ ئاساسىي رېڭى رەڭدار، يارقىن بولىدۇ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى بولىدۇ، ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل «سۈنئىي گۈزەللىك» ياشلىقنىڭ بارلىق رەڭلىرىنى ئىگىلىۋالمىسۇن. بۇ يەردە، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى يەنە ئىجتىمائىي سۇپا ۋە تاراتقۇلارنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز مەزمۇنلارنى چىقىرىشنى توسۇپ، توغرا يۆنىلىشلىك قىممەت تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ساغلام، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى