دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن ـ تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش

日期:2023年08月10日
来源:新疆日报
【字体:

− پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرىنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ شياۋشى

ھەيۋەتلىك بوخەي دېڭىزى قولتۇقىدا شامال چىقىپ دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. تومۇز كۈنلىرىدىكى بېيدەيخېدا ئوت ـ چۆپ ۋە دەل ـ دەرەخلەر بۈك ـ باراقسان ئۆسكەنىدى.

8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 7 ـ كۈنىگىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەكلىپى بىلەن 57 نەپەر مۇتەخەسسىس بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا كەلدى. ئۇلار دۆلەت ئىچىدىكى پەن ـ تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ھاياتلىق ـ ساغلاملىق، ئالەم بوشلۇقى پەن ـ تېخنىكىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل بولغان، ئۇلار دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى، خەلقنىڭ پەخرى، مىللەتنىڭ شەرىپى.

جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش. كۈچلۈك، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇرغان دولقۇن ئاۋازى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزمەكتە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان مەزمۇت قەدەملىرىگە گۇۋاھ بولماقتا.

چەكسىز، چوڭقۇر مۇھەببەت −

«پارتىيە ۋە دۆلەت بىزگە ئىنتايىن غەمخورلۇق قىلدى، دېڭىز كەبى تولۇپ تاشقان بۇ چوڭقۇر مۇھەببەت كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ»

دېڭىزغا نەزەر سالغاندا، كۆز يەتكۈسىز دېڭىز سۈيى زۇمرەت كەبى جىمىرلاپ تۇراتتى، كۈمۈش رەڭ دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. يۇمشاق قۇم ساھىلىدا، مۇتەخەسسىسلەر ئۈچ ـ تۆتتىن توپ بولۇپ، ئازادە سەيلە قىلىپ يۈرەتتى.

«قىزىل رەڭلىك تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇۋالغان ئاشۇ دەقىقىدە، مەن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم، بۇ، بىز يېزا ئىگىلىك خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق شان ـ شەرىپى» دېدى يۈننەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى فەن شىڭمىڭ. ئاددىي ـ ساددا كىيىنگەن، چىرايى قارىداپ كەتكەن، چېگرا رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مۇددەت جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان بۇ پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى كۆممىقوناق ئېرسىيىتى بويىچە سورت يېتىشتۈرۈش ساھەسىدە مول نەتىجىگە ئېرىشكەنىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى. 1998 ـ يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 22 تۈركۈمدە 1300دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسنى يازلىق دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

«ھەر تەرەپلىمە، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەتراپلىق غەمخورلۇق قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى ۋە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.» جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، گۇرۇھ دەرىجىلىك باش ئالىم ۋاڭ شياۋيۈن مۇنداق قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، بۇ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقانلىقىدىن بولدى.

ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىندى، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىندى، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىندى، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىندى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى.

2021 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

«بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان بىرىنچى بايلىق قىلىشتەك چوڭقۇر ئويلىنىشىنى تولۇق نامايان قىلدى» دېدى خۇاجۇڭ پەن ـ تېخنىكا داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يوۋ جېڭ.

8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، بېيدەيخې گوخەي مېھمانسارىيى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يازلىق دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇتەخەسسىسلەر بىرىنچى ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ھەقىقىي غەمخورلۇقىنى ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرى ۋە كەسىپداشلىرىغا يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئۈمىدىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ھەممە ئادەم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلالايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۇ يىللىق دەم ئېلىش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «قەتئىي ئىرادە بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش»تىن ئىبارەت.

«موزى» ناملىق، «شېنۋېي . تەيخۇجىگۇاڭ» دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسى، «دىچياۋ 1 ـ نومۇر» ناملىق 10 مىڭ مېتىرلىق بۇرغىلاش ماشىنىسى... مېھمانساراي زالىدىكى كۆرگەزمە جازىسىدا سۈرەت بىلەن يېزىق كىرىشتۈرۈلگەن «پەن ـ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى تېمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش» قوللانمىسى يېڭى دەۋردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تۈرلۈك مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. مۇتەخەسسىسلەر بىر بەت ـ بىر بەتتىن تەپسىلىي كۆرۈپ، ناھايىتى كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولدى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلىگەنلىكى، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكى، بىز پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پەن ـ تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى تىرىشىپ كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈردى» دېدى جياڭشى ئۆلكىسى ئېلېكتىرون گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ رۈي. ھازىر، ئۇ كوللېكتىپىنى باشلاپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشماقتا.

يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشەنچى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى دەم ئېلىشنى كىشىلىك ھاياتتىكى «ماي قاچىلاش پونكىتى» دەپ قاراپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

بىلىم دېڭىزىنىڭ چېكى يوق −

«بىلىمنىڭ چېكى يوق، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ مەڭگۈ چېكى يوق»

ئالاھىدە تۆھپە ياراتقانلار جەزمەن ئالاھىدە ئادەملەردۇر.

بۇ يىللىق دەم ئېلىشقا بارغان مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا، بىر «ئالاھىدە» كىشىلەر توپىنىڭ سىيماسى ئۆزگىچە چاقناپ تۇراتتى − ئۇلار «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكەن جۇڭ نەنشەن ۋە «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن جاڭ بولى، جاڭ دىڭيۈ، چېن ۋېي ئىدى.

ئۇلار ئاق خالاتلىق قوغدىغۇچىلار، چەكسىز مېھىر ـ مۇھەببەتلىك كىشىلەر. ئۇلار تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى باشلامچىلار، ئىلىم ـ پەن روھىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەر.

«دوختۇرلار ئەخلاقتا ۋە كەسىپتە تەڭ كامالەتكە يېتىشى، شۇنداقلا بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بېغىشلىشى، بىر ئۆمۈر ئۆگىنىشى كېرەك.» يېشى 70تىن ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا يۇقىرى سىجىللىقتا خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرغان جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭيى ئۇستازى جاڭ بولى مۇنداق قارىدى: باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىمىز، يەكۈنلەشكە، يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، يۈكسەلدۈرۈشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.

جاڭ بولى «جاسارەتلىك بولۇش» دېگەن سۆز بىلەن جۇڭيى دورىگەرلىكىنى ئۆگىنىش يولىنى يىغىنچاقلىدى: «بىر تەرەپتىن، ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن، <ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش>تە چىڭ تۇرۇپ، قىممەتلىك جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتىپ، جۇڭيى تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك».

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتى، تەجرىبىلىرىنى سۆزلىدى، توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشلار بىر ـ بىرلەپ بەس ـ بەستە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دەل جايىغا تېگىش قىلىندى.

«بىز دەيدىغان <گالنى بوغۇش>تا كۆپ ھاللاردا <بوغۇۋاتقىنى> ئۇل تېخنىكا ۋە ھۈنەر ـ سەنئەت. ياخشى تېخنىكىنى ئىگىلەشتە كۆپ ھاللاردا ئۇزاق مۇددەت جۇغلاشقا توغرا كېلىدۇ، بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، ئۇزاق مەزگىل يېڭىلىغاندىلا، بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.» جۇڭگو ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يۈ شياۋخۇي مۇنداق بىلدۈردى: پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى باشتىن ـ ئاخىر ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ساقلاپ، ئۇللۇق بوغما ھالەتنى بىر قەدەم ـ بىر قەدەمدىن بۇزۇپ تاشلىشى، ئۇلاردا سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بولۇشى، «ئون يىلدا بىر خەنجەر تاۋلاپ چىقىش»تىن قورقماسلىقى كېرەك.

باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېقىنقى زامان فىزىكا تەتقىقات ئورنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاۋ خۇڭۋېي ئىجتىھات بىلەن بىر ـ بىرلەپ خاتىرىلىۋالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارالاشقان رىقابەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىدىغان بىرىكمە تىپتىكى ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش كېرەك.

مۇكەممەل بىلىم ھاسىل قىلىش تىرىشىپ ئۆگىنىشكە باغلىق، تىرىشچان بولغاندىلا، مۇكەممەل ئادەم بولغىلى بولىدۇ.

«باشتىن ـ ئاخىر جەڭگىۋار روھىي ھالەتنى، كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاش كېرەك.» تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەندىن بۇيان، شىخەنزە داشۆ ماشىنىسازلىق ـ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان ۋېن خاۋجۈن ئىزچىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. «بىر ئىشنى تاللىغانىكەنمەن، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك، مەن بۇ ئىشنى ھەقىقىي ياخشى قىلالىساملا، بۇ ئۆمرۈمدە ئەرزىگۈدەك ئىش قىلغان بولىمەن.» ۋېن خاۋجۈننىڭ سۆزلىرى سەمىمىي بولۇپ، كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدىغان ئىرادە بولمىسا، ھېچقانداق نەتىجە ياراتقىلى بولمايدۇ؛ باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىمىسە، كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقىلى بولمايدۇ.

دېڭىز ساھىلىدا، ھويلا ـ ئارانلاردا، چايخانا، تاماق ئۈستىلى يېنىدا قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، ئەقىل ـ پاراسەت ئۇچقۇنلىرى يالقۇنجاپ، مەنىۋى ئۇلۇغ كۈچ ئۇرغۇتۇلدى.

بىپايان دېڭىز ـ ئوكيانلارنى كېسىپ ئۆتۈش −

«يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا بىز چوقۇم زور نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز»

شەنخەيگۇەن − جاھاندىكى بىرىنچى ئۆتكەل.

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، دېڭىز بىلەن ئاسمان بىرلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن تۈمەن چاقىرىملىق مەنزىرە قەلبلەرگە ئورنىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەلبى ھاياجانغا چۆمگەنىدى، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلىپ، بىزگە يېڭى كوردىنات بېكىتىپ بەردى. بىز سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەننىڭ بىپايان زېمىنىدا يېزىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىدا قوللىنىشىمىز كېرەك» دېدى بېيجىڭ داشۆنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چياۋ جيې.

دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىساد ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىش − بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەڭ ئالىملار ۋە پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە قويغان ئېنىق تەلىپى، شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەر نەچچە كۈندىن بۇيان چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلغان تېما.

«يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئالدى بىلەن جەزمەن دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىجادىي خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، دۆلەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنى كۆپ مودېللىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چياۋ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالدىنقى سەپتە تەتقىق قىلىش، پەن ـ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، قوللىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

دۆلەت تەجرىبىخانىلىرى، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر، پەن ـ تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شىجياجۇاڭ تۆمۈريول داشۆسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شاۋپۇ مۇنداق قارىدى: بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن ـ تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەت كوماندىسىلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات بويىچە ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ـ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

تۈزۈلمە راۋان، مېخانىزم جانلىق بولسا، ئىختىساسلىقلار توپلىنىپ، ئىشلار گۈللىنىدۇ. نۇرغۇن مۇتەخەسسىس: ھازىر ئىختىساسلىقلارنىڭ «قالپاق» سانى ئازىيىپ، قىممىتى ئۆسۈپ، «تۆت ھەممىنى بەلگىلەشنى بۇزۇپ تاشلاش» قارىشى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. «ئەمەلىي ئۈنۈم، ئەمەلىي نەتىجىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى قوللاش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ھەقىقىي تۈردە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن بەرپا قىلىشنىڭ <ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبە>سىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دېدى ئىچكى موڭغۇل داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋۇ لىمىن.

سىغدۇرۇشچان قەلب ئارقىلىق يىراق ـ يېقىندىن كەلگەنلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى تولۇق ئۇرغۇتۇلدى؛ ھەممە بەس ـ بەستە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەسكىن رىقابەتكە چۈشتى، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

بۇ پەيتتە، قاتمۇقات بۇژغۇنلار كۆتۈرۈلگەن زۇمرەتتەك دېڭىزدا، مۇتەخەسسىسلەر شامالدا بەھۇزۇر ئۈزۈپ سەيلە قىلدى، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تاشتى.

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شانلىق قىرغىقىغا قاراپ، دولقۇن بېشىدا مەزمۇت تۇرىدىغان نۇرغۇن يېڭى دەۋر ئەزىمەتلىرى دولقۇن يېرىپ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيدەيخې، 8 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)