پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى: خېبېي قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان 16 رايوندىكى سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى 432 مىليون يۈەن تۆلەم بەردى

日期:2023年08月10日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇخبىرنىڭ 8- ئاينىڭ 8- كۈنى دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10غىچە، خېبېي قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان 16 رايوندىكى سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتا دېلوسى مەلۇماتىدىن 207 مىڭ 900نى تاپشۇرۇۋالغان، مۆلچەردىكى زىيان سوممىسى 7 مىليارد 131 مىليون يۈەن بولغان. ھازىرغىچە 68 مىڭ 600 سۇغۇرتا دېلوسىغا 432 مىليون يۈەن تۆلەم بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 8- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10غىچە، خېبېي، بېيجىڭ، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، تيەنجىندىن ئىبارەت ئاپەتكە ئۇچرىغان بەش رايوندىكى سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتا دېلوسى مەلۇماتىدىن 117 مىڭ 600نى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، مۆلچەردىكى زىيان سوممىسى 5 مىليارد 370 مىليون يۈەن بولغان. ھازىرغىچە 22 مىڭ 600 سۇغۇرتا دېلوسىغا 190 مىليون يۈەن تۆلەم بېرىلگەن.

خېبېي، بېيجىڭ، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، تيەنجىندىن ئىبارەت ئاپەتكە ئۇچرىغان بەش رايوندىكى سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى تاپشۇرۇۋالغان سۇغۇرتا دېلوسى مەلۇماتى ئىچىدە، ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى دېلوسى مەلۇماتى 70 مىڭ 500 بولۇپ، مۆلچەردىكى زىيان سوممىسى 1 مىليارد 470 مىليون يۈەن بولغان؛ كارخانا مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى دېلوسى مەلۇماتى 3564 بولۇپ، مۆلچەردىكى زىيان سوممىسى 1 مىليارد 444 مىليون يۈەن بولغان؛ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى دېلوسى مەلۇماتى 22 مىڭ 500 بولۇپ، مۆلچەردىكى زىيان سوممىسى 1 مىليارد 749 مىليون يۈەن بولغان.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا تورى