دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: 7- ئايدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 تۆۋەنلىدى، سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.2 ئاشتى

日期:2023年08月10日
来源:新疆日报网
【字体:

بۇ يىل 8- ئاينىڭ 8- كۈنى 15- قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى»، كۆپچىلىكنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. سىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ قايسى ھەرىكەت ئەڭ قارشى ئېلىنىدۇ؟ «جۇڭگو گۈزەل تۇرمۇش چوڭ تەكشۈرۈشى» سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق سىزگە جاۋاب بېرىدۇ!

«جۇڭگو گۈزەل تۇرمۇش چوڭ تەكشۈرۈشى»نىڭ توردا تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %51.90 ئادەم چېنىقماقچى بولسا، ئالدى بىلەن يۈگۈرۈشنى تاللايدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا، پەي توپ قاتارلىق كىچىك توپ تۈرلىرى ھەرىكىتى ۋە چوڭ قەدەم ئېلىپ تېز مېڭىش، پىيادە مېڭىش، تاغقا چىقىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئەرلەرنىڭ يۈگۈرۈشكە بولغان قىزغىنلىقى ئاياللارنىڭكىدىن 13 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. ئەرلەر يۈگۈرۈش ئارقىلىق ئىرادىسىنى تاۋلايدىكەن، ئاياللار يۈگۈرۈش ئارقىلىق بەدەندىكى ماينى ئازايتىپ، بەدەن شەكلىنى گۈزەللەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ئويلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىن قارىغاندا، 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان كىشىلەر يۈگۈرۈشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدىكەن. جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمى، غەربىي جەنۇب، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى يەتتە چوڭ رايون ئىچىدىكى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان «يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلار چەمبىرىكى» ئىكەن. ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال رايونلىرىدىكى كىشىلەر توپى نىسبەتەن «يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار» ئىكەن. يۈگۈرۈش بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان تەنھەرىكەت بولۇپلا قالماي، يەنە ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىدۇ.

دائىم يۈگۈرۈپ بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئېشىپلا قالماي، يەنە ياخشى بەدەن شەكلىنىمۇ ساقلاپ قالالايدىكەن. ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىكەن. يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان جۇڭگولۇقلارغا بىر چوڭ ئالقىش ياڭرىتايلى.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023- يىلى 7- ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەردە %0.2، يېزىلاردا %0.6 تۆۋەنلىگەن؛ يېمەكلىك باھاسى %1.7 تۆۋەنلىگەن، يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى تەڭلەشكەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %1.3 تۆۋەنلىگەن، مۇلازىمەت باھاسى %1.2 ئۆرلىگەن. 1- ئايدىن 7- ئايغىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئۆرلىگەن.

7- ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەردە %0.3 ئۆرلىگەن، يېزىلاردا تەڭلەشكەن؛ يېمەكلىك باھاسى %1.0 تۆۋەنلىگەن، يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى %0.5 ئۆرلىگەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %0.1 تۆۋەنلىگەن، مۇلازىمەت باھاسى %0.8 ئۆرلىگەن.

CPI سېلىشتۇرما نىسبىتى تۆۋەنلەشتىن ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل- پەل تۆۋەنلىگەن

7- ئايدا، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى داۋاملىق ئەسلىگە كەلگەن، CPI سېلىشتۇرما نىسبىتى تۆۋەنلەشتىن ئۆرلەشكە يۈزلەنگەن، ئەمما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئاساسىي ساننىڭ يۇقىرى بولۇشى تەسىرىدە، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن. يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى چىقىرىۋەتكەن يادرولۇق CPI كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پوئېنت كېڭەيگەن.

سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا، CPI ئالدىنقى ئايدىكى %0.2 تۆۋەنلەشتىن %0.2 ئۆرلەشكە ئۆزگەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك باھاسى %1.0 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت كېڭىيىپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 0.18 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يېمەكلىكلەر ئىچىدە، پەسىللىك مېۋە- كۆكتاتلار كۆپلەپ بازارغا سېلىنغان، يېڭى مېۋە ۋە يېڭى كۆكتات باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %5.1 ۋە %1.9 تۆۋەنلىگەن؛ بازار تەمىناتى يېتەرلىك بولۇپ، چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى تەڭلەشكەن، تۇخۇم، ياغ، كالا- قوي گۆشى ۋە ئۆي قۇشلىرى گۆشىنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى %0.4تىن %1.4كىچە بولغان. يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكى %0.1 تۆۋەنلەشتىن %0.5 ئۆرلەشكە ئۆزگىرىپ، CPIغا تەسىر كۆرسىتىپ تەخمىنەن 0.40 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلار ئىچىدە، مۇلازىمەت باھاسى %0.8 ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن، ئاساسلىقى سەپەرگە چىقىش تۈرىدىكى مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تۈرتكە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، يازلىق ساياھەتكە چىقىش زور دەرىجىدە ئاشقان، ئايروپىلان بېلىتى، ساياھەت ۋە مېھمانخانىلارنىڭ ياتاق باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %26.0، %10.1 ۋە %6.5 ئۆرلىگەن. سانائەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكى %0.4 تۆۋەنلەشتىن %0.3 ئۆرلەشكە ئۆزگەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن باھاسى %1.9 ئۆرلىگەن؛ «18- ئىيۇن» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئاياغلىشىپ، چوڭ تىپتىكى ئائىلە سايمانلىرى، ئائىلە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە شەخسىي پەرۋىش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ باھاسى سەل- پەل ئۆرلىگەن، ئۆسۈش نىسبىتى %0.7تىن %1.2كىچە بولغان.

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، CPI ئالدىنقى ئايدىكى تەڭلىشىشتىن %0.3 تۆۋەنلەشكە ئۆزگەرگەن. تەڭلىشىشتىن تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلىنىشى، ئاساسلىقى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سېلىشتۇرما ئاساسىي ساننىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك باھاسى ئالدىنقى ئايدىكى %2.3 ئۆرلەشتىن %1.7 تۆۋەنلەشكە ئۆزگىرىپ، CPIغا تەسىر كۆرسىتىپ تەخمىنەن 0.31 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. يېمەكلىك ئىچىدە، چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى %26.0 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 18.8 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن؛ كۆكتات باھاسى ئالدىنقى ئايدىكى %10.8 ئۆرلەشتىن %1.5 تۆۋەنلەشكە ئۆزگەرگەن؛ تۇخۇم، كالا، قوي گۆشى ۋە شيا، قىسقۇچپاقا تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى %1.5تىن %4.8كىچە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى بىردەك كېڭەيگەن؛ يېڭى مېۋە، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە ئۆي قۇشلىرى گۆشىنىڭ باھاسى %2.2تىن %8.8كىچە ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى بىردەك ئەسلىگە يانغان. يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكى %0.6 تۆۋەنلەشتىن تەڭلىشىشكە ئۆزگەرگەن. يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلار ئىچىدە، مۇلازىمەت باھاسى %1.2 ئۆرلىگەن، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئايروپىلان بېلىتى باھاسى ئالدىنقى ئايدىكى %5.8 تۆۋەنلەشتىن %11.9 ئۆرلەشكە ئۆزگەرگەن، مېھمانخانا، ساياھەت، كىنو ۋە ئويۇن بېلەتلىرىنىڭ باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %13.2، %13.1 ۋە %5.9 ئۆرلىگەن، ئۆسۈش نىسبىتى بىردەك كېڭەيگەن؛ سانائەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %1.9 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 0.8 پىرسەنت پوئېنت كىچىكلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېنېرگىيە باھاسى %6.9 تۆۋەنلىگەن، ئېنېرگىيەنى چىقىرىۋەتكەندە سانائەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %0.3 تۆۋەنلىگەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى بىردەك كىچىكلىگەن.

مۆلچەر ھېساباتقا ئاساسلانغاندا، 7- ئايدىكى %0.3لىك CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەش نىسبىتىدە، ئالدىنقى يىلدىكى باھا ئۆزگىرىشىدىكى ئارتۇق- كەملىك تەسىرى تەخمىنەن 0 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا 0.5 پىرسەنت پوئېنت بولغان، بۇ يىلقى باھا ئۆزگىرىشىدىكى يېڭى تەسىر تەخمىنەن 0.3- پىرسەنت پوئېنت بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا 0.5- پىرسەنت پوئېنت بولغان.

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلىگەن. كېيىنكى باسقۇچتا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بازار ئېھتىياجى مۇقىم ئاشىدىكەن، تەمىنلەش- ئېھتىياج مۇناسىۋىتى سىجىل ياخشىلىنىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يۇقىرى ئاساسىي ساننىڭ تەسىرى تەدرىجىي تۈگىتىلگەچكە، CPIنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى