«ئۇچقۇچىسىز جەڭ بۈركۈتى» كەلگۈسى جەڭ مەيدانىدا پەرۋاز قىلماقتا

日期:2023年08月10日
来源:新疆日报网
【字体:

− «يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل ئىنقىلابىي ھەربىي» لى ياڭ توغرىسىدا خاتىرە (1)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۇڭ گۇيچاڭ، دېڭ شيۇڭفېي، شاڭ زۇڭچاڭ

غەربىي شىمال چۆللۈكىنىڭ ئىچكىرىسىدە، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي، خۇددى بۈركۈتكە ئوخشاش يېنىك ۋە چاققانلىق بىلەن تۇتاش كەتكەن دولقۇنسىمان قۇم بارخانلىرىدىن تېز ئۇچۇپ ئۆتۈپ «ئولجا» ئىزدەۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى يەر يۈزىدىكى ئۆيدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى كونترول قىلىۋاتقان ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم تۇەنىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى لى ياڭ پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ئېكرانغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، ئېلېكتىر دولقۇنى بۇيرۇقىنىڭ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەر قېتىم «دۈشمەن»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوقىتىپ، تۈرلۈك ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشانلارنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

ئاسماننىڭ كۆزى، ئۆتكۈر شەمشەر، ئۆتكۈر قىلىچ، يول تەكشۈرۈش ئاۋانگارتى... پۈتۈن ئارمىيەدىكى رازۋېدكا قىلىش، زەربە بېرىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لى ياڭ تۈرلۈك سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئون نەچچە يۈرۈش جەڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، 50 نەچچە قېتىملىق مۇھىم، زور ۋەزىپىنى قالتىس ئورۇندىدى، ئۇ ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۆپچىلىك تەرىپىدىن ھاۋا ئارمىيەسىدىكى «ئۇچقۇچىسىز جەڭ بۈركۈتى» دەپ تەرىپلەندى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ئۇ «يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل ئىنقىلابىي ھەربىي» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

قانات قېقىپ، تاللىغان يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش

قانات قېقىپ بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىش لى ياڭنىڭ كىچىكىدىن باشلانغان ئارزۇسى ئىدى.

ئەلا نەتىجە بىلەن ئۇچقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىپ ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن، لى ياڭ ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە ئىزچىل قىيىنچىلىقلارنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ، ئىپادىسى ياخشى بولدى، ئۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈزبېرىۋاتقان ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇردى، ئۇ ئۇرۇش ھالىتىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ماشىنىلىشىشتىن ئۇچۇرلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، ئۇچقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇرۇش قىلىش ئىدىيەسىنىڭ جەزمەن دەۋرگە ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

«ئادەم <چېكىنىش يولىنى كۆزلىمەي>، بەلكى <ئىلگىرىلەش يولىنى كۆزلىشى> كېرەك. جەڭ ئورنى ئىچىدىن ئورنىنى دەل تاپقاندىلا، ئاندىن توغرا يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.» 2016 ـ يىلى، ئۇچقۇچىلىق كەسپىنى ئۆزگەرتىشكە دۇچ كەلگەن لى ياڭ چوڭ غەربىي شىمالغا بېرىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى بولدى، ئۇ قۇم ـ بوران قاپلىغان قۇملۇق چېگرا ئۆتكىلىدە، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئادەمسىز ئاقىل جەڭ قىلىشنىڭ يېپيېڭى ساھەسىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىغا ئايلاندى.

ئۇرۇش ئايروپىلانى «مېنى ئېلىپ ئۇچ»تىن «ماڭا ۋاكالىتەن ئۇچ»قا ئۆزگەردى، بۇ، ئىككى سۆز بىر خەت بىلەن پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئاسمان ـ زېمىن پەرقى بار ئىدى. ئۇچۇش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇچقۇچىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى سىناپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تەپەككۇرى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتىنى سىنايدۇ، ئېكران ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدىغان، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان، مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا تۇرغان ئەھۋالدا، «ئادەم بىلەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىم تاۋلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

«ئادەتتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەيدىگەندە، بەدەن ئۇچۇش ھالىتىنى ھەر ۋاقىت سېزەلەيدۇ.» لى ياڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ «ئادەم كۈچى+ ئەقلىي ئىقتىدار»لىق كونترول قىلىش ئەندىزىسى مىڭ چاقىرىم ئارىلىقتا ئايرىلىپ تۇرغان ئادەم بىلەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ جەزمەن قەلبداش بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، جەڭ مەيدانى پۈتۈنلەي چوڭ مېڭە ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

رولنىڭ تېز سۈرئەتتە ئالمىشىشى لى ياڭغا ئاز بولمىغان خىرىس ئېلىپ كەلدى.

«ھەرقانچە قىيىن ئىش بولسىمۇ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ قىلىش كېرەك.» لى ياڭ ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان جابدۇقلىرى نەزەرىيەسى، ئىچكى ھەرىكەت مېخانىزمى قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇچۇرۇشنى ئۆگەندى، خەۋەرلىشىشنى ئۆگەندى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىرى كاپالىتىنى ئۆگەندى... ئۇ خۇددى بۇلۇتسىمان كاۋچۇك سۇ سۈمۈرگەندەك، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىشتىياق بىلەن قوبۇل قىلدى.

مۇشۇنداق قەيسەرلىككە تايىنىپ، بۇ بىرقانچە يىلدا، لى ياڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەيدەش مەشغۇلات تېخنىكىسىنى تولۇق ئىگىلەپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ نۇرغۇن مۇھىم، زور تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كۆپ تۈرلۈك مەخسۇس دەلىللەشنى باشلامچىلىق بىلەن تاماملاپ، سەپداشلىرى تەرىپىدىن نەزەرىيەنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئۇچقۇچى دەپ ئاتالدى.

ھەر قېتىملىق بۆسۈش، ھەر قېتىملىق تاۋلىنىش داۋامىدا، لى ياڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىزلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ پەرۋاز قىلىش يول ئىزى بىلەن ئاللىقاچان جىپسىلىشىپ كەتتى.

قانات قېقىپ يېپيېڭى دەۋردە پەرۋاز قىلىش

«پەقەت قاقاس قۇملۇقلا بار، مەنىسىز ھايات يوق.» بۇ چۆللۈكتە، لى ياڭ ۋە سەپداشلىرى ئۇچۇش ئارقىلىق يېڭى مەنزىل ياراتتى.

لى ياڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان قىسىمنىڭ «چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»دە ھەربىر «تۇنجى قېتىم» ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە لى ياڭ ئىجاد قىلغان تۇنجى قېتىممۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى: تۇنجى قېتىم ئاخىرقى چەكتە ئېگىزلىكتە ھەقىقىي ئوق بىلەن قارىغا ئېتىش، مەلۇم تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تۇنجى قېتىم كۆچمە نىشانغا زەربە بېرىش... بۇ قاتار ـ قاتار شانلىق ئىزلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمى ياراتقان يېڭى بۆسۈشلەرگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يارقىن ئىزاھاتىدۇر.

مەلۇم بىر قېتىملىق ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىدا، لى ياڭ بۇيرۇققا بىنائەن مەلۇم بىر تۈرلۈك دەل جايىدا زەربە بېرىش سىناق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى، يەر شەكلى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك تەسىر تۈپەيلىدىن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئوق ـ دورىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىگىلەشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلغانىدى. ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا، لى ياڭ سەپداشلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى كونترول قىلىپ بەلگىلەنگەن ئېگىزلىككە ئۆرلىتىپ، يەر يورۇتقۇچنىڭ مۇقىم يېتەكلىشى بىلەن نىشانغا دەل جايىدا تەگكۈزدى.

قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان مانېۋىر ۋەزىپىسى يۇقىرى بوشلۇقتا ئاخىرقى چەكتە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۇدۇل قويۇپ بېرىش، يەر يورۇتقۇچ بىلەن كىچىك نىشانغا دەل جايىدا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك رېكورتنى يارىتىپ، بۇ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مەلۇم مۇرەككەپ رايوندا يۇقىرى قىممەتلىك نىشانغا زەربە بېرىشتىكى ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى دەلىللىدى. لى ياڭ ھەر قېتىملىق مانېۋىر، مەشىقنى ئەمەلىي ئۇرۇش دەپ بىلىپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى، شۇڭا رازۋېدكا قىلىش، يېتەكلەش، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش، يىراق مۇساپىلىك كونترول قىلىش قاتارلىق تۈرلەردە ھەر ۋاقىت ئەلا نەتىجىگە ئېرىشەلىدى ھەمدە ئۈزلۈكسىز تارىخ ياراتتى.

ئالاھىدە جەڭ قىلىش لۈيى، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈيى بىلەن بىرلىكتە مەشىق قىلىپ، بايقاشتىكى سۈرئەتنى، راست ـ يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرىدىغان «ئۆتكۈر كۆز»نى يېتىلدۈردى؛ مۇقىم قارىغا ئېتىشتىن ھەرىكەتچان قارىغا ئېتىشقىچە، روشەن چوڭ نىشانغا زەربە بېرىشتىن نىقابلانغان كىچىك نىشانغا زەربە بېرىشكىچە، بىر قېتىمدا يەككە نىشانغا زەربە بېرىشتىن بىرلا ۋاقىتتا كۆپ نىشانغا زەربە بېرىشكىچە «بىر قىلىچتا كېسىش»تەك ئەمەلىي جەڭ تېخنىكىسىنى يېتىلدۈردى... ئەمەلىي جەڭگە يېقىنلاشتۇرغاندىلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمىنىڭ ئۇرۇش كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرغىلى بولىدۇ، لى ياڭ دائىم پائال ئىزدىنىپ سىناپ كۆردى، دەل ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۆڭۈل قويۇشى بىلەن، بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىۋاتقان «ئۇچقۇچىسىز بۈركۈت»لەر تېخىمۇ مەزمۇت ھەم كۈچلۈك بولدى.

كەڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ تاۋلىنىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

2022 ـ يىلى لى ياڭنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى. شۇ يىلى، ئۇ شەرەپ بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، خەلق سارىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

«يېڭى ساھە، يېڭى خاراكتېرلىك ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمسىز ئاقىل جەڭ قىلىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش...» پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاڭلاپ، لى ياڭ ئىختىيارسىز قاتتىق ھاياجانلاندى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى يېزىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

«<ياخشى ئۇچۇش>تىن <غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش>قىچە، كەسپىي ئۇچۇش مەشغۇلات تېخنىكىسى، ئەمەلىي ئۇرۇشقا يېقىنلاشتۇرۇلغان مانېۋىر زۆرۈر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ ئاچقۇچلۇقى ئۇرۇش قىلىش تەپەككۇرى بولۇشى كېرەك». ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمى يېڭى ساھەدە جەڭ قىلىدۇ، ھەربىر قەدەم تەرەققىياتنىڭ ھەممىسى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، يېڭى تارىخ پۈتىدۇ، بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى كۈچلۈك دۈشمەن، رەقىب بىلەن بەسلىشىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزى بىلەن كۈچ سىنىشىشى كېرەك.

يېڭى جابدۇقلار يېڭى جەڭ مەيدانىدا قانداق قىلىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ؟ يېڭى تېخنىكىنى قانداق قىلغاندا مۇھىتى مۇرەككەپ بولغان زامانىۋىلاشقان ئەمەلىي جەڭدە ھەقىقىي قوللانغىلى بولىدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لى ياڭ تۇەن ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە تەتقىقات ئامبىرى قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيە ژۇرنىلى چىقىرىپ، دۇنيادىكى ئىلغار ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيەسىنى تونۇشتۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ جابدۇق تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە سانائەت تارماقلىرى بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ جابدۇقلارنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى. يېقىندا، ئالاقىدار يۇمشاق دېتاللارنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ جەڭ مەيدانى ۋەزىيىتىنى سېزىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

«ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمى كەلگۈسى جەڭ مەيدانىدىكى يېڭى كۈچ، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى ھازىرقى زامان ئۇرۇشىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشتىن ئىبارەت». قايتا ـ قايتا ئۇچۇشقا ئەگىشىپ، لى ياڭدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمىنىڭ ئەمەلىي جەڭ قوللىنىشىغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشكە بولىدىغان تەسەۋۋۇر پەيدا بولدى، ھەربىر مۇمكىنچىلىك ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى خۇلاسىلەش ۋە ئىدىيەنىڭ گىرەلىشىپ ئۇچرىشىشى داۋامىدا بارلىققا كەلدى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش.

بۈگۈنكى كۈندە، جابدۇقلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق، لى ياڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا دائىر كۆپ تۈرلۈك مۇھىم، زور تېخنىكا قىيىن مەسىلىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىرقاتار ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى، جەڭ قىلىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تەدرىجىي ھالدا جەڭ مەيدانىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، كەلگۈسى جەڭ مەيدانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاچقۇچلۇق رولغا ئايلاندۇردى. ئۇ ساداقىتى ۋە ئەجىر تەرى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ خىسلىتىنى پۈتۈپ چىقتى.