31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېڭدۇدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

日期:2023年08月10日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 8 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمى 8 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى كەچتە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

«چېڭدۇدا ئارزۇ ئىشقا ئاشۇرۇلدى». ئۆتكەن 12 كۈن ئىچىدە، 113 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 6500 تەنھەرىكەتچى ياشلىق كۈچىنى نامايان قىلىپ، ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە قالتىس ھالىتى بىلەن ياشلىق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. جۇڭگو تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەستايىدىل نەقلەشتۈرۈپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسى چوڭ ئائىلىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 103 ئالتۇن مېدال، 178 مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال تىزىملىكى ۋە مېدال تىزىملىكىدە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.

تۈن پەردىسى يېيىلغان پەيتتىكى چېڭدۇ ئۈستى ئوچۇق مۇزىكا باغچىسىدا رەڭگارەڭ نۇرلار چاقنىغان، ياشلىقنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى جىلۋىلەنگەن بولۇپ، ئايرىلىشقا قىيالماسلىقتەك دوستلۇق مېھرى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«ئارزۇ . كەلگۈسىنى يورۇتۇش» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئېدېر قاتارلىقلار بىلەن بىللە رەئىس سەھنىسىگە چىقتى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ساليۇتلار بوشلۇقتا تەتۈر ساناق سانىنى نامايان قىلدى، پۈتۈن مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر سانغا ئەگىشىپ تەڭ توۋلىدى. «قۇياش سۇمۇرغى» يېپىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئۇچۇپ كەلدى. چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى.

يېقىملىق مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، بىر تۈپ بۈك ـ باراقسان ئۆسكەن زور «كەپتەر دەرىخى» سەھنىدە ئۆسۈپ چىقتى، ئۇنىڭدا تىنچلىققا سىمۋول قىلىنغان دانە ـ دانە «كەپتەرگۈل»لەر پورەكلەپ ئېچىلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بايراق ۋە بەلگە تاختىسىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىرىپ، سەھنىنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزدى.

ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، چاقناپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلدى.

چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى خۇاڭ چياڭ سۆز قىلىپ، دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۆھپە قوشقان بارلىق خادىملارغا رەھمەت ئېيتتى.

خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئېدېر سۆز قىلىپ، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىللەش خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تەنھەرىكەت نەتىجىسى ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى بىر بۆلەك كەچۈرمىشكە، ئۆمۈر بويى داۋاملىشىشى مۇمكىن بولغان دوستلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. ئاخىرىدا، ئېدېر چېڭدۇ 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

«ئارزۇ . كەلگۈسىنى يورۇتۇش» ناملىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى قالتىس ئورۇنلاندى. ئويۇن مۇقەددىمە «چۈش . بىۋاسىتە كۆرسىتىش» ھەمدە «ئارزۇ . ھاياتلىققا بېغىشلاش» «ئارزۇ . ياشلىققا بېغىشلاش» «ئارزۇ . كەلگۈسىگە بېغىشلاش»تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. «ئارزۇ . بىۋاسىتە كۆرسىتىش»تە بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى بىرىنچى كۆرۈش نۇقتىسى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر چېڭدۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا يېتەكلەندى، دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سالاپىتى نامايان قىلىندى؛ «ئارزۇ . ھاياتلىققا بېغىشلاش»تا مۇسابىقە مەيدانىدىكى تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ تەر ئاققۇزۇپ جان تىكىپ ئېلىشىش ئارقىلىق ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى نامايان قىلىندى؛ «ئارزۇ . ياشلىققا بېغىشلاش»تا پىدائىيلارنىڭ پۈتكۈل جەريانلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئارقىلىق ياشلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى يۈكسەلدۈرگەنلىكى نامايان قىلىندى؛ «ئارزۇ . كەلگۈسىگە بېغىشلاش»تا يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ كەلگۈسى بىلەن بولغان ياشلىق ئۇچرىشىشى بايان قىلىنىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، تەقدىرداش بولغان گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسى ناخشىسىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسى بايرىقى ئاستا ـ ئاستا چۈشۈرۈلدى.

خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسى بايرىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى باشلاندى. چېڭدۇ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋاڭ فېڭچاۋ بايراق كۆتۈرگۈچى − سىچۇەنلىك ئولىمپىك چېمپىيونى گاۋ مىن ۋە چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن ساۋ ماۋيۈەننىڭ قولىدىن بايراقنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا قاراپ پۇلاڭلاتتى، ئاندىن خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئېدېر ۋە خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى سېنچاۋغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئېدېر بىلەن سېنچاۋ بايراقنى كېلەر نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان جاينىڭ ۋەكىلى گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ئىچكى ئىشلار ۋە دۆلەت زېمىنى مىنىستىرلىقى پارلامېنتىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئۆزدېمىر ھەم خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ھەيئىتى باركقا تاپشۇرۇپ بەردى.

گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ئىچكى ئىشلار ۋە دۆلەت زېمىنى مىنىستىرلىقى پارلامېنتىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئۆزدېمىر سۆز قىلىپ، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، پۈتۈن دۇنيانى كېلەر نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

ئارقىدىن، رېئىن − لۇئېر دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى كۆرۈرمەنلەرگە بەش مىنۇتلۇق قالتىس ئويۇن ئورۇنلاپ بېرىپ، گېرمانىيە ياشلىرىنىڭ قىياپىتى ۋە شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى جانلىق نامايان قىلدى.

سائەت 21دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۆزگىچە بولغان مەشئەل ئۆچۈرۈش مۇراسىمى باشلاندى. سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئېكراندا دۇڭئەن كۆلى بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئەل مۇنارى كۆرۈندى، يالقۇن ئاستا ـ ئاستا ئۆچۈپ، چاقناپ تۇرغان بىر تال چوغقا ئايلاندى. بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن «قۇياش سۇمۇرغى» چوغنى چىشلەپ ئېلىپ، بىر نەپەر ياشقا يەتكۈزۈپ بېرىپ، پىرقىراپ ئايلانغاندىن كېيىن يىراققا ئۇچۇپ كەتتى.

لەرزان مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، شەرق شۇ ئېقىمى گۇچىنى بىلەن غەرب ئىسكىرىپكىسى بىرلىكتە «ئېگىز تاغ، ئېقىن سۇ» ۋە «دوستلۇق مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ»نى ياڭراتتى، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز پەيتلىرى ئېكراندا ئارقا ـ ئارقىدىن كۆرسىتىلدى، چېڭدۇنىڭ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن بولغان قىممەتلىك ئەسلىمىلىرى قايتا نامايان قىلىندى، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن چوڭقۇر مېھىرلىك قۇچاقلاشقانلىقى دىللارغا ئورنىدى.

خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق ئىجرائىيە ھەيئەتلىرىمۇ ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.