لىبوغا گاۋتىيې قاتنىدى

日期:2023年08月09日
来源:新疆日报
【字体:

    تىيانشان تورى خەۋىرى گۇيجوۋ-گۇاڭشى چېگراسىغا جايلاشقان دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنى لىبو «يەر شارىدىكى يېشىل ياقۇت» دەپ تەرىپلىنىدۇ. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى گۇيياڭدىن نەننىڭغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ گۇيياڭدىن لىبوغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى. دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنى جۇڭگو گاۋتيېسى بىلەن «ئۇچراشتى»، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتچىلەر شياۋچىكۇڭ قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا تېز سۈرئەتتە يېتىپ بېرىپ، «يېشىل دالىدىكى گۈزەللەر ئىز باسقان جاي»نىڭ سىرلىق مەنزىرىسىنى ھېس قىلالايدۇ. (مۇخبىرلار: شياڭ دىڭجيې، ليۇ شۈ)