«جىتەي ناملىق» جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى يولغا چىقتى

日期:2023年08月09日
来源:新疆日报
【字体:

   يېقىندا «جىتەي ناملىق» جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جىتەي ناملىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى دېيىلىدۇ) چاڭچۇن ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، 700دىن ئارتۇق ساياھەتچى شىنجاڭنى چوڭقۇر ساياھەت قىلىش 17 كۈنلۈك سەپىرىگە ئاتلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزىنىڭ بۇ يىللىق ساياھەتچى توشۇش مۇقەددىمىسىنى باشلاپ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يەنە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ساياھەتچىلەر چاڭچۇندىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.   سۈرەتنى جىلىن گېزىتى تەمىنلىگەن

   2018-يىلى، «جىتەي ناملىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى تۇنجى قېتىم قاتناپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتتى.

   جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ بو مۇنداق تونۇشتۇردى: جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ساياھەت خىزمىتىنى پىششىق بىلىدىغان ئىككى نەپەر كادىر ۋە ئۈچ نەپەر كەسپىي تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىنى تاللاپ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بازىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قارىتا، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ھازىرغا قەدەر، «جىتەي ناملىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى ۋە ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانلار شىنجاڭغا جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى يەتكۈزدى.

   «جىتەي ناملىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى ئاساسلىقى جىلىن ئۆلكىسىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، پۈتۈن يىلدا ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە يولغا سېلىش پىلانلانغان، ھازىر 8-، 9-ئاينىڭ تىزىملىتىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ. 17 كۈنلۈك مۇساپىدە، ساياھەتچىلەر جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىدۇ.

   جاڭ بو مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى مەنزىرە رايونىنى تاللاش جەھەتتە، توردا ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى ئالدىن تاللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاقىت يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، ساياھەتچىلەر ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپىغا بىرلەشتۈرۈپ، يەنە قىزىق نۇقتا لىنىيەلىرى كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئېھتىياجى يەنىمۇ قاندۇرۇلىدۇ.