بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش

日期:2023年08月09日
来源:新疆日报
【字体:

​− ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ مىڭ، ليۇ يى، خۇاڭ يىچېن

«دۇسۇرۇي» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، خۇابېي، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئېغىر كەلكۈن، گېئوئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر باش قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىزاھلىدى.

جىددىي ياردەم بېرىپ، ئارمىيەنىڭ زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش

باش قوماندان خەلققە كۆڭۈل بۆلدى، قىسىم بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كەلدى. ئاپەت يۈزبەرگەن رايونلارغا ياردەم بېرىشنى قەتئىي كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ −

«7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ باشلىرى»دىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىرگەندە، ئۇدا ياغقان قارا يامغۇر بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونى ليۇلىخې بازىرى ئەتراپىدىكى دەريا يولىدا سۇ ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۇ تېشىپ كېتىش خەتىرى شىددەت بىلەن ئاشتى. قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىدىكى 2000دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر بىرىنچى ۋاقىتتا ھەرىكەتكە كېلىپ، دەريا قېنىدىكى پەس، ئويمان جايلارغا توسما ياساپ، پۈتۈن بازاردىكى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خېبېي ئۆلكىسى گاۋبېيدىيەن شەھىرى بەيگوۋخې ۋەزىپە رايونىدا، تېزدىن يېتىپ كەلگەن ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 82 - جىتۇەنجۈنى «تۆمۈر ئارمىيە لۈيى»نىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى قارا يامغۇر، پاتقاقتا گۈرجەكلەرنى ئىشقا سېلىپ، تاغارلارنى توشقۇزۇپ، توسمىنى مۇستەھكەملىدى.

خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ جولۇ ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن كەنت - بازارلار ئۇدا ياغقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن قىيانغا ئۇچرىدى. ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 81 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم لۈيىدىكى 200گە يېقىن ئوفىتسېر - ئەسكەر قۇرۇلۇشنى جىددىي رېمونت قىلىدىغان ۋە ماشىنىلاشقان كۆۋرۈك جابدۇقلىرىدىن 40تىن ئارتۇقنى ئېلىپ، نۇرغۇن مەشىق ئورۇنلىرىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا كېچىلەپ ئاتلاندى...

كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قىممەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقىدا، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىگە توپلاندى، بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار قوماندانلىق مەركىزىدىن چۈشۈرۈلدى:

ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق مەركىزى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قوماندانلىق ئورنىنى ئالدىغا يۆتكەپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر، خەلق ئەسكىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلاردا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.

شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق مەركىزى بەش قېتىم مەخسۇس يوليورۇق چۈشۈرۈپ، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن تەرەپكە ۋاقتىدا ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئورنى ئەۋەتتى، ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆپلىگەن قىسمى بۇيرۇققا بىنائەن ھەرىكەتكە كەلدى.

قوراللىق ساقچى قىسىم ئۇرۇش لاۋازىمەت قوماندانلىق مەركىزى 24 سائەت خىزمەت قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كەلكۈن ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئەسكىرىي كۈچ ئەۋەتىپ، تۈرلۈك كاپالەتنى ھەرىكەتچان ماسلاشتۇردى.

...

خەتەرلىك پەيتتە، پارتىيە بىلەن خەلق قەلبداش؛ ھايات - ماماتلىق پەيتتە، پەرزەنت ئەسكەرلەر خەلق بىلەن بىللە!

«دۇسۇرۇي»نىڭ شىمالغا سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كەلكۈن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا قىستاپ كەلدى، شەھەر - بازار، كەنتلەر كەلكۈن بېسىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 78 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم بىرىكمە لۈيى، مەلۇم قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى - خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش ئەسكەرلىرى لۈيى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ چوڭ تىپتىكى ماشىنا - جابدۇقلارنى ئېلىپ ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا ئاتلاندى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم خېيلۇڭجياڭ باش ئەترىتى خاربىن تارماق ئەترىتىدىكى 200دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر مايىخې دەرياسىنىڭ شاڭجى بۆلىكىدە كېچىلەپ توققۇز سائەت جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى.

قەيەردە ئاپەت كۆرۈلسە، قىسىم شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ۋە يېشىل مىسەي كىيىمنى كۆرگىلى بولىدۇ −

قارا يامغۇردا يول ئۇلى بۇزۇلۇپ كەتكەن فېڭتەي - شاچېڭ تۆمۈريولىدا، قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ سەنموۋجاڭى ۋاڭ فېڭ 40 نەچچە ئوفىتسېر - ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن زەربىدار ئەترەتنى باشلاپ، 12 كىلومېتىر يول يۈرۈپ يولۇچىلار پويىزى قاپسىلىپ قالغان رايونغا كىردى؛ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جوجوۋ شەھىرى جىڭيا مەكتىپىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا 1000دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى قاپسىلىپ قالدى، چېڭدې شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى ليۇ ۋېيپىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئېقىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 15 مېتىر كېلىدىغان كەلكۈن ئىچىگە كىرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقاردى؛ جىلىن ئۆلكىسى شۇلەن شەھەرلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ جېڭۋېيسى جوۋ كۇنشۈن ئالدىنقى سەپكە بېرىش يولىدا خەتەرگە ئۇچراپ، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى...

«بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پۇقرالارغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئادەمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى قوراللىق ساقچى قىسىم خېيلۇڭجياڭ باش ئەترىتىنىڭ نەق مەيدان قوماندانى جيا خۇڭيۈن.

ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش

قارا يامغۇردىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونى ياڭلىنشۈي كەنتىدە يول ئۈزۈلۈپ قالدى، توك ئۈزۈلۈپ قالدى، خەۋەرلىشىش ئۈزۈلۈپ قالدى، سىرت بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 82 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم بىرىكمە لۈيى بۇيرۇققا بىنائەن رازۋېدكا گۇرۇپپىسىنى ياڭلىنشۈي كەنتىگە ئەۋەتتى. تامامەن تىك دېگۈدەك تىك يارلارغا يامىشىپ، سۇ شىددەتلىك ئېقىۋاتقان چوڭقۇر جىلغىدىن ئۆتۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ياڭلىنشۈي كەنتىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، 13 ياشلىق بىر قىزنىڭ قىيان كەلگەندە ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بايقىدى.

رازۋېدكا يىڭىنىڭ مۇئاۋىن يىڭجاڭى جوۋ شىن دەرھال ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قىزنى سىرتقا يۆتكەشكە تەشكىللىدى، تۆت سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈش جەريانىدا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۈرىلىرىنى شوتا، دۈمبىلىرىنى كۆۋرۈك قىلىپ، قىزغا ھاياتلىق يولى ئېچىپ بەردى.

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلار، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتى... بوران - چاپقۇندا، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى.

قەيەردە قىيىنچىلىق بولسا، قىسىم شۇ يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

خۇابېيدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا قارا يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياغدى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئاتاكىدا ئالدىدا ماڭدى، ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى −

ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى چارلاپ، سۇ بېسىپ كەتكەن جايلاردا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇۋاتقان يەر يۈزىدىكى كۈچلەرنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 81 - جىتۇەنجۈنى، 82 - جىتۇەنجۈنىنىڭ كۆپلىگەن كەسپىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى يوللارنى جىددىي راۋانلاشتۇردى، توسمىلارنى مۇستەھكەملىدى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى، خېبېي باش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، قاپسىلىپ قالغانلارنى سىجىل ئىزدەپ قۇتقۇزدى؛ خېبېي ئۆلكىسى ھەربىي رايونىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتە جايغا بېرىپ خەتەردىن، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزدى...

شەرقىي شىمال كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىرىنچى سېپىدە خەتەرلىك ئەھۋاللار كەينى - كەينىدىن يۈزبەردى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پاسىلدىن ئۆتەيلا دەپ قالغان كەلكۈن پەللىسى بىلەن مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئېلىشتى −

8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سەھەر سائەت 4تە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى مۇدەنجياڭ شەھىرى، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ مەلۇم لۈيى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتىنى تېزدىن تەشكىللىدى، 200 ئوفىتسېر - ئەسكەر يامغۇرغا قارىماي ھەرىكەتكە كېلىپ توسما ياساش، چارلاپ مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.

8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 8گىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن دەريا ئېقىنلىرىنىڭ سۇ ئورنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى، جىلىن ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن دەريا يولىنىڭ خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى ئاشتى.

دەريا ئېقىنلىرىدىكى سۇ ئورنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى! كەلكۈن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى!

شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 78 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم لۈيىدىكى 350تىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر كېچە - كۈندۈز ئارام ئالماي، ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىردىن ئاشىدىغان قوشۇمچە توسما ياسىدى ھەم داۋاملىق ئېگىزلىتىپ، ئۇزارتىپ، كەلكۈن پەللىسىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇردى. نەچچە كۈن ئىلگىرىلا، بۇ جىتۇەنجۈننىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى شاڭجى شەھىرىدە قاپسىلىپ قالغان 30دىن ئارتۇق ئاممىنى كېچىلەپ قۇتقۇزۇپ يۆتكىدى ھەم ئايرىم - ئايرىم ھالدا چىچىخار شەھىرى، مۇدەنجياڭ شەھىرى، خاربىن شەھىرى قاتارلىق نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ توسمىنى رېمونت قىلىش، ياساش، مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، قوراللىق ساقچى قىسىم جىلىن باش ئەترىتى چاڭچۇن تارماق ئەترىتى، سۇڭيۈەن تارماق ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى نۇقتىلىق ئورۇنلارغا تېزدىن يېتىپ بېرىپ چارلاپ، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ، توسما ياساپ قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى...

خەتەرلىك، مۈشكۈل ئەھۋالدا، پەرزەنت ئەسكەرلەر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قەتئىي تاماملاش

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بېيجىڭدا قاتتىق يامغۇر ئەمدىلا توختىغانىدى.

چاڭپىڭ رايونى ليۇسۈن بازىرى گاۋياكوۋ كەنتىنىڭ كەنت كومىتېتىغا بەش مېتىر كەلمەيدىغان جايدا كەلكۈننىڭ ئېقىتىشىدىن نەچچە ئون مېتىر كەڭلىكتىكى بىر يېڭى «دەريا يولى» ھاسىل بولغانىدى. بۇ ئەسلىدە تاغقا چىقىشتىكى بىردىنبىر يول بولۇپ، كەلكۈن ئاللىقاچان نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى يول ئۇلىنى ئېقىتىپ كەتكەنىدى.

ناھايىتى كۈچلۈك گۈرۈلدىگەن ئاۋازدا، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 82 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى لۈيىنىڭ بىرنەچچە چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىسى دەريا يولىنى تازىلاپ، يول ئۇلىنى قايتا تىندۇرۇۋاتاتتى.

كەنت كومىتېتى ئالدىدا، پەقەت ۋېلىسىپىتلا ماڭالايدىغان قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تېزدىن راۋانلاشتۇرۇلدى. ليۇسۈن بازىرىدىكى نەچچە يۈز ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشتىكى ھاياتلىق يولى، تېخىمۇ مۇھىمى يۇرت - ماكاننى قايتا قۇرۇشتىكى ئۈمىد يولى ئىدى.

ھازىر، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يەنىلا كۆپ قىسىم قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى، قېيىق كۆۋرۈك، خەۋەرلىشىش قىسىملىرى كەسپىي جابدۇقلارنى ئېلىپ جايلارغا ياردەم بېرىپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ.

كەلكۈن يانغاندا، خېبېي ئۆلكىسى جوجوۋ شەھىرى دياۋۋو بازىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئاۋات سودا كوچىسى ۋەيرانە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

«يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خەتەر چارلاش، توسما مۇستەھكەملەشتىن ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا ئۆزگەردى، نۆۋەتتە ئاساسلىقى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، لاي - لاتقىلارنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىمىز» دېدى ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 82 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم لاۋازىمەت لۈيىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لۇ فېڭلياڭ.

ھاۋا دىمىق بولغاچقا، ئەخلەت دۆۋىسىدىن چىققان غەيرىي پۇراق بۇرۇننى ناھايىتى ئېچىشتۇراتتى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۇدا ئۈچ سائەت جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغاندىن كېيىن كوچىلارنىڭ راۋانلىقى ئەسلىگە كەلدى.

كەلكۈن يانغاندىن كېيىنكى خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھىرى لەيشۇي ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدا يوللار ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، سۇ ئېقىنى يەنىلا شىددەتلىك ئىدى.

8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 8دە، لەيشۇي ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى بۇيرۇققا بىنائەن 65 خەلق ئەسكىرىنى تەشكىللەپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان جاۋگېجۇاڭ بازىرى تاڭجياجۇاڭ كەنتىگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سەھەر سائەت 3تە، ئۇدا تۆت قېتىم يۆتكەپ توشۇش ئارقىلىق، خەلق ئەسكەرلىرى ئاخىر بارلىق ماددىي ئەشيانىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ بولدى.

ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، لەيشۇي خەلق ئەسكىرى شۆبە ئەترىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 20 قېتىمدىن ئارتۇق ھەرىكەتكە كېلىپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان كەنتلەرگە چېدىر، يوتقان - كۆرپە، يېمەكلىك قاتارلىق تۇرمۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھەل قىلدى.

ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيە قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي ئاجرىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۆبە ئەترىتىنى تەشكىللەپ ۋەزىپە رايونىغا يېتىپ بېرىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، سۇ تەكشۈرۈش، زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەكشۈرۈش ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولدى؛ بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمى 984 - دوختۇرخانىسى داۋالاش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، سەييارە كېسەل كۆرۈش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى قانات يايدۇردى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم خېبېي باش ئەترىتى دوختۇرخانىسى كىچىك شۆبە ئەترەت ئەۋەتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئېلىپ باردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى...

كەلكۈن يانمىسا، پەرزەنت ئەسكەرلەر ھەرگىزمۇ چېكىنمەيدۇ.

بۇ يازدا، خەلق ئارمىيەسى يەنە بىر قېتىم ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدى: كەلكۈن ئاپىتى ئالدىدا، خەلقنىڭ قەلبىدە بىر ئىشەنچ بار، ئۇ بولسىمۇ «خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى»!