بىر مەقسەتتە بوران ـ چاپقۇندا بىللە بولۇش خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش

日期:2023年08月07日
来源:新疆日报
【字体:

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كۈچلۈك قوماندانلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى سەھەر سائەت 2دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ مېنتوۋگوۋ رايونىدىكى ئەنجياجۇاڭ ۋوگزالى، لوپولىڭ ۋوگزالىدا تۇرۇپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم يولۇچى بېيجىڭ فېڭتەي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن، قارا يامغۇردا قاپسىلىپ قالغان K396 ـ قېتىملىق، K1178 ـ قېتىملىق، Z180 ـ قېتىملىق پويىزدىكى بارلىق يولۇچىلارنى بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇپ توشۇش تاماملاندى.

ھازىرغا قەدەر، مېنتوۋگوۋ، فاڭشەن، چاڭپىڭ قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا خەۋەرلىشىش، توك تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يوللار ئارقا ـ ئارقىدىن راۋانلاشتۇرۇلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇلماقتا...

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىرنەچچە كۈندە، بېيجىڭ تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى −

7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى سائەت 20:00دىن 8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى سائەت 7:00گىچە، بېيجىڭدا قاتتىق قارا يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، يامغۇر مىقدارى بېيجىڭ رايونىدا ئەسۋاب ئارقىلىق ئۆلچەپ خاتىرىلىنىۋاتقان 140 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتتى. قارا يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك يىغىپ، كەلكۈن شىددەت بىلەن كەلدى.

كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قىممەتلىك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بېيجىڭ شەھىرى ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

( 1 )

7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، بېيجىڭغا قايتىدىغان بىر مەخسۇس پويىز خۇابېي تۇپرىقىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى. سىچۇەن ۋە شەنشىنىڭ خەنجۇڭدىكى تەكشۈرۈشنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان باش شۇجى شى جىنپىڭ دېرىزە سىرتىغا قارىغىنىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

بۇ چاغدىكى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىدا دەرىجىسى قايتا ـ قايتا ئۆستۈرۈلگەن قارا يامغۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قاتتىق قارا يامغۇرلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى.

شۇ كۈنى كەچ سائەت 8:00دە، بېيجىڭ شەھىرىدە يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يامغۇر ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

«7 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، 8 ـ ئاينىڭ باشلىرى»دىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، يەتتە چوڭ دەريا ۋادىسى ئومۇميۈزلۈك ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى −

7 ـ ئاينىڭ بېشىدىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ تۈرلۈك زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلكۈن ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپەتتىن ئىلمىي قۇتقۇزۇپ، ئەگەشمە ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ۋە مال ـ مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

«دۇسۇرۇي» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، خۇابېي، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە گېئو ئاپەت يۈزبەردى.

بۇ قېتىم بېيجىڭدا تۇيۇقسىز ياغقان قاتتىق يامغۇر فېڭتەيدىن شاچېڭغىچە بولغان تۆمۈريول (فېڭتەي ـ شاچېڭ لىنىيەسى)دا ئېغىر سۇ ئاپىتىنىڭ يۈزبېرىشىگە سەۋەب بولدى. 7 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، يولدا كېتىۋاتقان K396 ـ قېتىملىق، K1178 ـ قېتىملىق، Z180 ـ قېتىملىق پويىز جىددىي توختىتىلدى.

يېمەكلىك قىس، ئىچىملىك سۇ چەكلىك بولۇپ، سىگنال ئۈزۈلۈپ قالدى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا يامغۇر يېغىپ يول ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، سىرتتىكى ماددىي ئەشيالارنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق پىيادە پاتقاق كېچىپ تەستە يەتكۈزۈشكە توغرا كەلدى... ئۈچ قېتىملىق پويىزدا قاپسىلىپ قالغان 2800دىن ئارتۇق يولۇچى تەقەززالىق ئىچىدە كۈتۈپ تۇردى.

«يەرلىك ۋە ئالاقىدار تارماقلار پويىزدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەشكىللەپ، يېمەكلىك، دورا يەتكۈزۈپ بېرىشى، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى يۆتكەپ، تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ قاپسىلىپ قالغان يولۇچىلارنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال ـ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

شارقىراپ يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇردا، لوپولىڭ ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئەتراپتىكى كەنتلەردىن تەييار چۆپ، خوتۈيچاڭ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىپ، K396 ـ قېتىملىق پويىزغا يەتكۈزۈپ بەردى. يەنخېچېڭ ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئىككى خالتا ئۇننى K1178 ـ قېتىملىق پويىزغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئەنجياجۇاڭ ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىملار تەييار چۆپ، باباۋجوۋ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى جىددىي سېتىۋېلىپ، پويىز گۇرۇپپىسى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە Z180 ـ قېتىملىق پويىزغا توشۇدى. يېمەكلىك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ۋاقتىنچە پەسەيدى.

قاتتىق يامغۇر يېغىش جەريانىدا، مېنتوۋگوۋ رايونىدىكى نۇرغۇن جايدا خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلدى؛ فاڭشەن رايونىدىكى يەتتە يېزا ـ بازاردىكى 62 كەنتنىڭ خەۋەرلىشىش سىگنالى ئۈزۈلۈپ قالدى؛ يۇڭدىڭخې دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى شياۋچىڭخې كۆۋرۈكى ئۆرۈلۈپ چۈشتى... ئاپەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى سىجىل ئاشتى.

8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ، قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق يوليورۇق بەردى: «بېيجىڭ شەھىرى زامانىۋىلاشقان چوڭ مەركىزىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مەيدان سىناققا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك».

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما قىلدى:

− ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. مەركەزلىك بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، يول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك؛

− تۆمۈريول تارماقلىرى يەرلىك بىلەن بىرلىكتە ئۈزۈلۈپ قالغان تۆمۈريوللارنى چىڭ تۇتۇپ جىددىي رېمونت قىلىشى كېرەك؛

− دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋادىلاردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللىشى كېرەك، كەلكۈن قاچىلاش رايونىنى قوزغاتقان جايلار ئاممىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يۆتكىشى كېرەك؛

− ئارمىيە كۈچنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىشى كېرەك...

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى ھەم ئالاقىدار تارماقلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا تېلېفون بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆرسەتمىگە ئەمەل قىلىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش. بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تەكشۈردى ھەم كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۇدا ئورۇنلاشتۇردى. پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بالدۇر ھۆكۈم قىلىپ، بالدۇر ھازىرلىق كۆرۈپ، ئاممىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يۆتكەپ، ماددىي ئەشيا زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توسمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەھكەملەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە 3100دىن ئارتۇق قوشۇننى، 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئەمەلىيلەشتۈردى ...

دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى قاتارلىق ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بېيجىڭ شەھىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بەردى؛ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيە قىسمى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشكە دەرھال ئاتلاندى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى تېزدىن سەپەرۋەرلىككە كەلدى، 2000دىن ئارتۇق ئوفىتسېر ـ ئەسكەر خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى ...

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەلىك كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا يۆلەنچۈكى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك».

«مەن پارتىيە ئەزاسى، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك.» K396 ـ قېتىملىق پويىزدا پويىز خادىمى جاۋ ياڭ ئۆكسۈپ تۇرۇپ يولۇچىلارغا تەسەللى بەرگەن كۆرۈنۈش سانسىزلىغان تورداشنى تەسىرلەندۈردى، «مەن بۇ كىيىمنى كىيگەن ئىكەنمەن چوقۇم كۆپچىلىككە يۈز كېلەلىشىم كېرەك».

«پەرزەنت ئەسكەرلەر كەلدى!» بېيجىڭ ۋېيشۇچۈ مەلۇم قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، «پارتىيە ئەزالىرى زەربىدار ئەترىتى»نى قۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئاتاكىدا ئەڭ ئالدىدا ماڭدى، يېشىل مىسەي كىيىم ۋە قىپقىزىل بايراق شۇ جايدىكى ئاممىغا ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

قانچىكى يامغۇر قاتتىق يېغىپ، دولقۇن ئېگىز كۆتۈرۈلگەنسېرى، تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرا ئېقىندا مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى شۇنچە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

( 2 )

8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ بېيجىڭ شەھىرى مېنتوۋگوۋ رايونىغا جىددىي يېتىپ بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

«باش شۇجى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، قاپسىلىپ قالغانلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى، سىزنىڭ باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە كۆيۈنگەنلىكىنى ھەربىر يولۇچىغا يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.» جاڭ گوچىڭ K1178 ـ قېتىملىق پويىزنىڭ پويىز باشلىقى نەن رۇيۈ بىلەن تېلېفونلاشتى.

تېلېفوننى قويۇپلا، نەن رۇيۈ دەرھال پويىزدىكى رادىيو ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ ھال سورىغانلىقىنى قىيىن ئەھۋالدا قالغان يولۇچىلارغا يەتكۈزدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى پويىزدىكى ھەممە كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

شارقىراپ يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇردا، مېنتوۋگوۋ، فاڭشەن، چاڭپىڭ... بېيجىڭدىكى ئالاقىدار تارماقلار، تۆمۈريول تارماقلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار، قوراللىق ساقچى قىسىم، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، يەرلىكتىكى پۇقرالار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي بىر مەيدان چوڭ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى.

يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ، دورا قاتارلىق ماددىي ئەشيالار ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا تېز يەتكۈزۈلۈپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىندى −

7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، مېنتوۋگوۋ رايونىدا يامغۇر يەنىلا شارقىراپ يېغىۋاتاتتى، قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى بولكا، تەييار چۆپ، مىنېرال سۇ ۋە خوتۈيچاڭلارنى مۈرىسىگە ئېلىپ، قولىدا كۆتۈرۈپ، يۈدۈپ لوپولىڭ، ئەنجياجۇاڭ ۋوگزالىغا بېرىپ، ماددىي ئەشيالارنى پويىز توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن قاپسىلىپ قالغان يولۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بەردى.

«تۇنجى تۈركۈمدىكى 40 نەپەر زەربىدار ئەترەت ئەزاسى ئاۋۋال ئاپتوموبىل بىلەن بەش كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئاندىن پىيادە 12 كىلومېتىر مېڭىپ، لوپولىڭ ۋە ئەنجياجۇاڭ ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. ئېشىپ قالغان بىرنەچچە توننا ماددىي ئەشيا ئارقا ـ ئارقىدىن يەتكۈزۈلدى» دېدى نەق مەيداندىكى بىر مەسئۇل خادىم.

قۇرۇقلۇقتا، تۈركۈم ـ تۈركۈم قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى قىيىن ئەھۋالدا قالغان كەنت ئاھالىلىرى، يولۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى؛ بوشلۇقتا يېمەكلىك، يامغۇرلۇق، يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى لىق قاچىلانغان توشۇغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار پايدىسىز ھاۋا رايىنى يېڭىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى قاپسىلىپ قالغان ئاممىنىڭ قولىغا ھاۋادىن تاشلاپ بەردى.

تۈرلۈك قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، قاپسىلىپ قالغانلار ئىزدەپ قۇتقۇزۇلۇپ، ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلدى −

«مىدىرلىدىمۇ؟ مىدىرلىدىمۇ؟» 7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، مېنتوۋگوۋ دايۈ جەنۇبىي يولى ئولتۇراق رايونىدىكى بىر يېرىم يەر ئاستى ئۆيىدە، ئۈچ نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى لاي سۇدا پۇت ـ قولىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ، لاي ـ لاتقىدا كۆمۈلۈپ قالغان 80 ياشلىق ياشانغان كىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى.

ئىككى سائەتتىن كۆپرەك جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، بەدىنىنىڭ يېرىمى كۆمۈلۈپ قالغان، پۇت قىسمى ئۇششاق ـ چۈششەك نەرسىلەر بىلەن چىڭ قىسىلىپ قالغان بۇ ياشانغان كىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىقىلدى ھەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلدى.

فاڭشەن رايونى شىلۇ كوچا باشقارمىسى بېيلۇيۈەن مەھەللىسىدە، ئولتۇراق رايوندىكى ئەڭ چوڭقۇر سۇ ئورنى 1.7 مېتىرغا يەتكەنىدى، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرى ئاتاكا قولۋىقىدىن پايدىلىنىپ قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى مەھەللىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن سىرتقا توختىماي توشۇدى؛

مېنتوۋگوۋ رايونى نەنشىنفاڭ كەنتىدە، كەنتكە كىرىدىغان يولنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەنىدى، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرى دەريا ھالقىپ ئارغامچا قۇرۇلمىسى ياساپ، ئارغامچىنى بويلاپ كەنتكە كىرىپ، قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بىخەتەر رايونغا يۆتكىدى؛

يەنچىڭ رايونى جىڭجۇاڭ بازىرىدا، كەنتتە سۇ، توك ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كەمچىل شۇنداقلا كەنتتىكى بىردىنبىر يول ۋەيران بولغانىدى، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرى كېچىلەپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئاپتوموبىل چىرىغىنىڭ يورۇقىدىن پايدىلىنىپ سەپ بولۇپ كەلكۈننى پىيادە كېچىپ ئۆتۈپ، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش يېمەكلىكلىرى ۋە ئىچىدىغان سۇنى قارشى قىرغاققا يەتكۈزۈپ بەردى...

زىيانغا ئۇچرىغان تۆمۈريول، تاشيول، كۆۋرۈك ھەمدە خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر جىددىي رېمونت قىلىنىپ، تېزدىن راۋانلاشتۇرۇلۇپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش «جان تومۇرى» تېزدىن تۇتاشتۇرۇلدى −

كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بېيجىڭدا خەۋەرلىشىش ئۈزۈلۈپ قالغان كەنت بىر مەھەل 270 نەچچىگە، توك ئۈزۈلۈپ قالغان كەنت 210 نەچچىگە يەتتى.

چاڭپىڭ رايونىدا، ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتى ليۇسۈن بازىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئارغامچا بىلەن دەريادىن ئۆتۈپ، تاغلاردىن يامىشىپ ئۆتۈپ، ئاخىر ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان بەش كەنتنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇردى، قاپسىلىپ قالغان 583 كىشىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى.

سىرت بىلەن تېزدىن ئالاقىلىشىش، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم ئىزدەش ئۈچۈن، مېنتوۋگوۋ رايونى جەيتاڭ بازىرى فاچېڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ ۋېيگۇاڭ ئىككى تاغدىن ھالقىپ، بازارغا پىيادە بېرىپ كەنتنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. «كەنتتىكىلەردە مەسىلە يوق، ئۆيلەرنىڭ بىرىمۇ ئۆرۈلۈپ كەتمىدى، يوللارنىڭ ھەممىسىگە سۇ يىغىلىپ قالدى، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى سۇغا چىلىشىپ كەتتى».

قاتناش لىنىيەسى خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنىڭ «جان تومۇرى». ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، كېچىلەپ خادىم ۋە ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەپ، يوللاردىكى لاي ـ لاتقىلارنى تازىلاشقا ياردەم بېرىپ، قۇرۇلۇش قىلىش، جىددىي رېمونت قىلىشنى قانات يايدۇردى.

مۇنداق بىر كۆرۈنۈش كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ: مېنتوۋگوۋ رايونىدا، 109 ـ نومۇرلۇق دۆلەت يولىدا، كەلكۈن بىر قىسىم يوللارنى بۇزۇۋەتكەنىدى. ھەممىلا يېرىنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن تاشلار قاپلىغان يولدا، نەچچە يۈز خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىمى مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، تاغلىق رايونغا كىرىپ چىقىدىغان بۇ ھاياتلىق يولىنى جىددىي رېمونت قىلدى.

كېلىۋاتقان خەۋەرلەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، تۆمۈريول تارماقلىرى فېڭتەي ـ شاچېڭ لىنىيەسىدىكى شاچېڭدىن جيۇجۇاڭۋوغىچە بولغان ئارىلىقتىكى لىنىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جىددىي راۋانلاشتۇردى؛

8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، فاڭشەن رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندىن سىرتقا چىقىدىغان يول − فاڭشەن رايونىدىكى 108 ـ نومۇرلۇق دۆلەت يولىدىن ئىبارەت ھاياتلىق يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جىددىي راۋانلاشتۇرۇلدى؛

8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈش سائەت 12دە، فاڭشەن رايونى چىڭلۇڭخۇ بازىرىدىكى ئون كەنتتىن سىرتقا تۇتۇشىدىغان يول راۋانلاشتۇرۇلدى...

سەمىمىي تاپشۇرۇق جان تىكىپ ئېلىشىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. رەھىمسىز تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا، پارتىيە رايى، خەلق رايىدىن قۇرۇلغان مۇداپىئە سېپى قەيسەرلىك بىلەن مەزمۇت قەد كۆتۈردى.

( 3 )

فېڭتەي ـ شاچېڭ لىنىيەسىدە، 2800دىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان يولۇچىنىڭ ئەھۋالىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملاشقان قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، قايتا ـ قايتا تاپىلاپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى: «يولۇچىلارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ئورۇنلاشتۇرۇشتا كاپالەتنى ياخشى قىلىش، تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنى تېزدىن يۆتكەپ، بالدۇرراق بېيجىڭغا ئەكېلىش، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»

8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى سائەت 5تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، فېڭتەي ـ شاچېڭ لىنىيەسىدىكى K396 ـ قېتىملىق پويىزدا تۇرۇپ قالغان تۇنجى تۈركۈم يولۇچى شيېخېجيەن ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، بىرتۇتاش ھالدا پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ فېڭتەي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى.

سائەت 17دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، Z180 ـ قېتىملىق پويىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم يولۇچى تۆمۈريول خىزمەتچى خادىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ ياردىمىدە بەش كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ پويىزغا چىقىش نۇقتىسىغا بېرىپ، بىرتۇتاش ھالدا پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ فېڭتەي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى.

سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭجياكوۋ ۋوگزالىدىن يولغا چىققان ۋاقىتلىق گاۋتيې پويىزى بېيجىڭ شىمالىي ۋوگزالىدا توختىدى، K1178 ـ قېتىملىق پويىزدا تۇرۇپ قالغان يولۇچىلار تىنچ ـ ئامان يېتىپ كەلدى.

8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى سەھەردە، فېڭتەي ـ شاچېڭ لىنىيەسىدىكى ئەنجياجۇاڭ ۋوگزالى، لوپولىڭ ۋوگزالىدا تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن تىنچ ـ ئامان ئايرىلىپ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئارقىلىق بېيجىڭ فېڭتەي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۈچ قېتىملىق پويىزدىكى تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى تىنچ ـ ئامان تارقاقلاشتۇرۇلدى.

كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشنى كۆرۈپ، K396 ـ قېتىملىق پويىزنىڭ پويىز خادىمى جاۋ ياڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بىخەتەر قايتىپ كېلەلىشىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىزگە كۈچ بەرگەنلىكىدىن بولدى».

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش − باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا ـ قايتا تەكىتلىگەن، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان پىرىنسىپ.

8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى سائەت 14 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئون سائەت جاپالىق يول يۈرۈش ئارقىلىق، دۆلەت ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئىدارىسى جىدۇڭ تارماق ئەترىتى بىلەن فاڭشەن، تۇڭجوۋ، خۇەيروۋ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى ھەم فاڭشەن رايونىدىكى بازار، كەنت ئىككى دەرىجىلىك كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن زەربىدار ئەترەت قىيان سەۋەبىدىن سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان شىدۇ بازىرى شىشىمېن كەنتى، بېيشىمېن كەنتىگە پىيادە بېرىپ، سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى ئارقىلىق ئىككى كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ تىنچ ـ ئامان ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلدى. بۇ، فاڭشەندىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان كەنتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ قېتىمقى قاتتىق يامغۇر تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان مېنتوۋگوۋ رايونى لوپولىڭ مەھەللىسىنى بىر مەھەل سۇ، توك، يول ئۈزۈلۈپ قېلىشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، لوپولىڭ مەھەللىسىدىكى تاغ ئارىسىدا تۇرۇپ قالغان 180 يۇرتداش ئەتىگەن سائەت 6 دىن ئاشقاندا تاغدىن ئارقا ـ ئارقىدىن چۈشۈپ، 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جۈنجۇاڭ بازىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى چىڭ تۇتۇپ رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

تەرتىپلىك يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىللار، تىجارىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتقان سودا ساراي، تاللا بازارلار... بۇ، 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتە فاڭشەن رايونى چىڭلۇڭخۇ بازىرى بېيچېيىڭ كەنتىدىكى ئاساسىي كوچىنىڭ قىياپىتى. ئالدىنقى كۈنىلا بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرىنى لاي ـ لاتقا قاپلىغان بولۇپ، ۋەيرانە ھالەتتە ئىدى.

8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى سەھەردىن باشلاپ، بېيجىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق گۇرۇھى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇش، كېچىلەپ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇما قىلىش، كېچىلەپ ئادەم ۋە ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەش، كېچىلەپ قۇرۇلۇش قىلىش، جىددىي رېمونت قىلىش ئارقىلىق، 400دىن ئارتۇق زەربىدار ئەترەت ئەزاسى، 100دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىسى فاڭشەن رايونىدىكى نەچچە ئون نۇقتىدا ئۇدا 36 سائەت كۈرەش قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەتەرنى تۈگىتىپ، ئۈزۈك نۇقتىلارنى تۇتاشتۇردى.

يوللاردىكى لاي ـ لاتقىلار ئومۇميۈزلۈك تازىلاندى، خەۋەرلىشىش سىگنالى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، ئاساسلىق يوللاردا قاتناش ئەسلىگە كەلدى... مېنتوۋگوۋ رايونىدا شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ئارقا ـ ئارقىدىن ئىزىغا چۈشتى.

8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىگىچە، مېنتوۋگوۋ رايونىدىكى خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە ئاساسىي پونكىتلىرىدىكى زىيانغا ئۇچرىغان 493 پونكىتنىڭ 36سى ئەسلىگە كەلدى؛ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، كۆچمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغان جەمئىي 1176 پونكىتنىڭ 156سى ئەسلىگە كەلدى. ھەرقايسى تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان 62 خەۋەرلىشىش ئوپتىكىلىق كابېلىنىڭ 13ى ئەسلىگە كەلدى. نۆۋەتتە تەنجېسى بازىرى ھەم مياۋفېڭشەن بازىرىنىڭ خەۋەرلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى. يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانM1، 383قاتارلىق ئون ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە 8 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تۇنجى ئاپتوبۇس قاتناپ، تىجارەت ئەسلىگە كەلدى.

ھازىر دەل «7 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، 8 ـ ئاينىڭ باشلىرى»دىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئەڭ كۈچەش باسقۇچى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ـ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەرگىزمۇ قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىكلەر ھەر ۋاقىت غېمىدە بولىدىغان خىزمەت ھالىتىنى ساقلاپ، چارلاپ تەكشۈرۈش، نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىشى، نۆۋەتتە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەرقىي شىمال رايونلىرىنىڭ يامغۇر ئەھۋالى ۋە كەلكۈن ئەھۋالىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىشى كېرەك.

يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزگە ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن بېيجىڭ، خېبېي، تيەنجىندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە 44 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ـ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللاشقا ئىشلەتتى.

8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى مەركەز مالىيەسىنىڭ سۇچىلىق بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 450 مىليون يۈەننى جىددىي چۈشۈرۈپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ «7 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، 8 ـ ئاينىڭ باشلىرى»دىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى توسما، سۇ ئامبىرى، سۈڭگۈچ، پومپا پونكىتى، دەريا يولى قۇرۇلۇشى قاتارلىق سۇ بۇزۇۋەتكەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ـ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىدىكى قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىگە قارىتا، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاشقا ئىشلەتتى.

يامغۇردىن كېيىن كېسەللىك يۈزبېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسى مېنتوۋگوۋ رايونى، فاڭشەن رايونى ۋە چاڭپىڭ رايونى قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا «يۇرت ـ ماكاننى تازىلاش، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش» كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ـ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

كەلكۈن پەسىيىۋاتىدۇ، ئەمما خىزمەتنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ كادىرلار، ئامما بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرۈپ، پايتەخت شەھەرنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.