بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا ياغقان قاتتىق يامغۇر ئېل نىنو بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

日期:2023年08月04日
来源:新疆日报
【字体:

  8-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يېقىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا قاتتىق يامغۇر يېغىش قاتارلىق ناچار ھاۋا رايىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى ئېل نىنو بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جيا شياۋلۇڭ مۇقاۋا خەۋەرلىرى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن يېرىم ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاۋاسى ئادەتتىن تاشقىرى «قىزىپ كەتتى»، ئاساسلىقى تەيفېڭ بورىنى ھەرىكىتى، غەربىي شىمالىي تىنچ ئوكيان سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمى قاتارلىق ھاۋا رايى سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، نۆۋەتتىكى ئېل نىنو ھالىتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى چوڭ ئەمەس. 

  يېقىندا، دۆلىتىمىزدە ناچار ھاۋا رايى ھادىسىسى كۆپ يۈز بەردى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 7- ئايدا، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 68 مىڭ 800 ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرى تارقىتىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.02 ئاشقان. تەيفېڭ بورىنى، قىيان ئاپىتى، گېئولوگىيەلىك ئاپەت، بوران، قارا يامغۇردىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %422، %112، %38.5، %35.3 ۋە %18.2 ئاشقان. قىيان ئاپىتى، گېئولوگىيەلىك ئاپەت، بوران، قارا يامغۇردىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرى ئىلگىرىكى يىللار(2017- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە)دىكى ئوخشاش مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان سانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى بولۇپ قالغان.

  7- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، «دۇسۇرۇي» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ قالدۇق ئايلانما ئېقىمىنىڭ شىمالغا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا قارا يامغۇر ۋە زور قارا يامغۇر يېغىپ، قىسمەن رايونلاردا پەۋقۇلئاددە زور قارا يامغۇر يېغىپ، يىغىندى ھۆل- يېغىن مىقدارى 400- 600 مىللىمېتىرغا يەتتى، بېيجىڭنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى، خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا 600 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتتى، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى لىنچېڭ ناھىيەسىدە يامغۇر مىقدارى 1003.0 مىللىمېتىر، بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونىدىكى ۋاڭجيايۈەن سۇ ئامبىرىدا 738.3 مىللىمېتىر بولدى.

  جيا شياۋلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، ئېكۋاتوردىكى ئوتتۇرا شەرقىي تىنچ ئوكيان ئېل نىنو ھالىتىگە كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ ئايدا ئېكۋاتوردىكى ئوتتۇرا شەرقىي تىنچ ئوكياننىڭ دېڭىز تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن، بۇ يىل كۈزدە بىر قېتىملىق ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئېل نىنو ھادىسىسى شەكىللىنىپ، كۈز ۋە قىش پەسلىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

  ئېل نىنو ئېكۋاتوردىكى ئوتتۇرا شەرقىي تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ بىنورمال ئۆرلەش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىز ئېلان قىلغان «ئېل نىنو/لانىنا ھادىسىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى»غا ئاساسلانغاندا، دېڭىز تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رايون(نىنو 3.4 رايونى)نىڭ ئۈچ ئايلىق سىيرىلما ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزى تېمپېراتۇرىسى كىلىماتنىڭ ئوتتۇرىچە ھالىتى ℃0.5قا يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئېل نىنو ھالىتىگە كىرىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال بەش ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق داۋاملاشسا، بىر قېتىملىق ئېل نىنو ھادىسىسى شەكىللىنىدۇ. 

  دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ باش مەلۇماتچىسى گاۋ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئېل نىنو ئىسسىق بەلباغ تىنچ ئوكيان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، قارا يامغۇر قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ناچار ھاۋا رايى كىلىمات ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 1998- يىلى يازدا، دۆلىتىمىزدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلاردا پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىمۇ ئېل نىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولغان.