جايىدا ئەمەلىيلەشتى! ئەرزانلىدى! ئوتتۇرىچە باھاسى %56 چۈشتى! بىر يىلدا 16 مىليارد 700 مىليون يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ

日期:2023年08月04日
来源:新疆日报
【字体:

  جېجياڭ، جياڭسۇ، سىچۇەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ 7- ئاينىڭ 31- كۈنى 8- تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن دورىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە، بۇ قېتىم 39 خىل مەركەزلىك سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن دورىلار 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئەمەلىيلەشتى، ئوتتۇرىچە باھاسى %56 چۈشۈرۈلدى، پۈتۈشكەن سېتىۋېلىش مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر يىلى مەملىكەت بويىچە 16 مىليارد 700 مىليون يۈەن تېجىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلەتكىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

  8- تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن دورىلار يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرىدىغان دورىلار، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دورىلىرى، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرىدىغان دورىلار، روھىي كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم مەركەزلىك سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن دورىلار ئىچىدە يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى دورىلار %40تىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، كىلىنىكىدا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن ئانتىبىيوتىكلارنىڭ چوڭ تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلارنىڭ داۋالاش جەريانىدا ئىشلىتىش قېتىم سانى كۆپ، داۋالاش باسقۇچى بىرقەدەر ئۇزاق بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىشتىن ئېرىشىدىغان پايدىسى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

 بۇ يىل ئىچىدە يېڭى تۈركۈمدىكى دورا ۋە يۇقىرى قىممەتتىكى خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ

  دورا ۋە خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، دائىملىق قانات يايدۇرغاندا، تېببىي دورا كەسپىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇپ، دورا خورىما ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ ساختا يۇقىرى بولۇشىغا ئارىلىشىپ كەتكەن ساختىپەزلىكنى سىجىل سىقىپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەنە يېڭى تۈركۈمدىكى دورا ۋە يۇقىرى قىممەتتىكى تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  ھازىرغا قەدەر، دۆلەت جەمئىي سەككىز تۈركۈم مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى تەشكىللىدى، 333 خىل دورا مەركەزلىك سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىردى، ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ چۈشۈشى %50تىن ئېشىپ كەتتى، مەركەزلىك سېتىۋېلىنغان يۈرەك تىرىكى، سۈنئىي بوغۇم قاتارلىق سەككىز خىل يۇقىرى قىممەتتىكى تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىيالنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ چۈشۈشى %80تىن ئېشىپ كەتتى؛ جايلارنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈپ سېتىۋالغىنىنى قوشقاندا، جەمئىي 500 مىليارد يۈەن يۈك يېنىكلىتىلدى. ئىسلاھات يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. 2022- يىلىنى 2018- يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ دورا سېتىۋېلىش باھا كۆرسەتكۈچى %19 تۆۋەنلىدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل يەنە 4- تۈركۈمدىكى يۇقىرى قىممەتتىكى تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئاساسلىقى كۆز بۆلۈمىدىكى سۈنئىي كىرىستال ۋە سۆڭەك بۆلۈمىدىكى تەنھەرىكەت مېدىتسىناسى تۈرىدىكى خورىما ماتېرىياللارغا قارىتىلىدۇ، مۇۋاپىق پەيتتە يېڭى تۈركۈمدىكى دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. يەرلىكنىڭ قاتلىمىدا، نۇقتىلىق ھالدا دۆلەت مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى تەشكىللىگەنلىرىدىن باشقا خىمىيەلىك دورا، جۇڭيى تەييار دورىلىرى، ئىنتېرفېرون ۋە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر خورىما ماتېرىيالى، بەدەن سىرتىدىن دىياگنوز قويۇش رېئاكتىپى قاتارلىقلارنى ئۆلكىلەر ئارا ئىتتىپاق تۈزۈپ سېتىۋېلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مەركەزلىك سېتىۋالغان دورا سانىنى جەمئىي 450 خىلغا يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.