ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى ئىستېمالچىلارنى 590 مىليون 640 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى

日期:2023年08月04日
来源:新疆日报
【字体:

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ 8- ئاينىڭ 2- كۈنى ئېلان قىلغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىش ئەھۋالى تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ 615 مىڭ 365 ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، 497 مىڭ 142سىنى ھەل قىلغان، ئەرزنىڭ ھەل قىلىنىش نىسبىتى %80.79كە يېتىپ، ئىستېمالچىلار 590 مىليون 640 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قېلىنغان.

  كونكرېت تاۋارغا چېتىلىدىغان ئەرزلەر ئىچىدە، ئەرز قىلىنىش مىقدارى جەھەتتە يېمەكلىك، كىيىم- كېچەك، ئاپتوموبىل ۋە زاپچاسلىرى، خەۋەرلىشىش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، ئاياغ قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ئالدىنقى بەش ئورۇنغا تىزىلغان. 2022- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا سېلىشتۇرغاندا، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، كومپيۇتېر تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئەرز قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان.

  كونكرېت مۇلازىمەتكە چېتىلىدىغان ئەرزلەر ئىچىدە، ئەرز قىلىنىش مىقدارى جەھەتتە تىجارەت خاراكتېرلىك ئالاقە تورى مۇلازىمىتى، يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى، تەربىيەلەش مۇلازىمىتى، قونالغۇ مۇلازىمىتى، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ئالدىنقى بەش ئورۇنغا تىزىلغان. 2022- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا سېلىشتۇرغاندا، قونالغۇ مۇلازىمىتى، يىراق مۇساپىلىك مال سېتىۋېلىش، ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى مۇلازىمەت تۈرىدىكى ئەرز- شىكايەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئون ئورۇننىڭ ئىچىگە كىرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قونالغۇ مۇلازىمىتى، يىراق مۇساپىلىك مال سېتىۋېلىشنىڭ ئەرز قىلىنىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان، كۆچمە تېلېفون مۇلازىمىتىنىڭ ئەرز قىلىنىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل تۆۋەنلىگەن.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرى قوبۇل قىلغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز- شىكايەت قىززىق نۇقتىسى ئاساسلىقى ساياھەت سەپىرى، ئويۇن بېلىتى، مائارىپ تەربىيەلەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئائىلە بېزەش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپ ۋە ساھەلەرگە چېتىلغان.