مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلار بىلىشكە تېگىشلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2023年08月04日
来源:新疆日报
【字体:


سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلار بىلىشكە تېگىشلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيە نىزامى، دۆلەت قانۇنىغا رىئايە قىلىشنى نىشان قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلار بىلىشكە تېگىشلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇش كېرەك؛ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، ھوقۇقنى قانۇن بېكىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئاساسىي قانۇنچىللىق قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق ئاساسىدا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان خىزمەت تەدبىرلىرى مۇنۇلار:

بىرىنچى، رەھبىرىي كادىرلار بىلىشكە تېگىشلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى تىزىملىكىنى دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ تۈزۈش.

ئىككىنچى، رەھبىرىي كادىرلار بىلىشكە تېگىشلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنى ئۆگىنىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش.

ئۈچىنچى، رەھبىرىي كادىرلارنى قانۇن ئۆگىنىش، قانۇندىن پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش.