ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش

日期:2023年08月04日
来源:新疆日报
【字体:

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىشى، ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ مەزمۇت، پۇختا قەدەم تاشلاندى.

تىرىشىپ ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش −

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش»

تومۇزدىكى 7 - ئايدا، جۇڭگو دۇنياغا يېرىم يىللىق ئىقتىساد جاۋاب قەغىزىنى كۆرسەتتى −

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئاشتى، 3 -كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى... مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىتتا، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئايلىنىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، بىر قاتار كۆرسەتكۈچلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى.

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭنەنخەي. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى يەرشارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي ھالىتى ئۆزگەرمىدى، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق».

خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» ئارقىلىق «دۇنيانىڭ قالايمىقانچىلىقى»غا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى.

بۇلتۇرقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك».

مەۋقەنى يېڭى باشلىنىشقا قويۇپ، يېڭى مۇساپە رولىنى تۇتۇش.

ئىدىيە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەش −

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، جياڭسۇنى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش»قا ئىلھاملاندۇردى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چۆرىدەپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى:

يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ؛ خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقى − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاخىرقى مەقسەت؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي بولدى.

تۆت ئايدىن كېيىن، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇنىڭ سۇجوۋ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جياڭسۇنىڭ «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جياڭسۇ يېڭى ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، <ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باي - باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى> بولغان يېڭىچە جياڭسۇنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈش» كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەم جياڭسۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەم ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىغا يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە»، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك ماھىيەتلىك تەلەپ، شۇنداقلا باشلىنىش يىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا تەكىتلىگەن ئاچقۇچلۇق سۆز.

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن باشلىنىش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك» «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك»؛

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ئۈنۈم ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك»؛

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى. يىغىندا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى شەكىللەندۈرۈش» كېرەك دەپ تەكىتلەندى؛

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا «يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش» كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى...

بىر قاتار مۇھىم بايانلار، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش −

«ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇرقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇشۇنداق تەكىتلىدى ھەم «ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىش» «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» «<ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك>نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش» «تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش» «ئېغىر، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش» قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

قانچىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىككە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى توغرا چۈشىنىش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىش، دادىل تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ سىجىل كۈچىيىشى، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ سىجىل تۈگىتىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك...

2023 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈردى.

2 - پەسىلدىن بۇيان، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئاپپاراتلار بۇ يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى بەس - بەستە تەڭشەپ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى نامايان قىلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل جۇڭگونىڭ پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىم ئەتراپىغا يېتىدىكەن.

«پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن نەپكە ئېرىشىدۇ.» دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى سچۋاب مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش −

«جەزمەن سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش»

ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچتە، بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى −

توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىق «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلاتنىڭ جەمئىي ئېكسپورتى %61.6 ئېشىپ، جۇڭگو ئېكسپورتىنىڭ 1.8 پىرسەنت پوئېنت ئومۇميۈزلۈك ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئېشىپ، بارلىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %53.9كە يەتتى.

ئىقتىساد قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى توپلانماقتا، بۇ، مۇقىم ئەسلىگە كېلىش، جانلىنىشنىڭ دەلىلى، شۇنداقلا تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاياغ تىۋىشى.

«ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە مۇشۇنداق تەكىتلىدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كېلىش، جانلىنىش ۋە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يەنىلا كۈچلۈك ئەمەس، ئېھتىياج يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش يېڭى توسالغۇغا دۇچ كەلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا سۈپەت بىلەن مىقدارنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىيالېكتىك تونۇش، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش، مىقدار ئۆزگىرىشىنىڭ جۇغلىنىشى ئارقىلىق سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش... شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈردى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاش −

«كەسكىن خەلقئارا رىقابەت جەريانىدا، بىز تەرەققىياتتا يېڭى ساھەلەر، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، تەرەققىياتتا يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىمىز دەيدىكەنمىز، تۈپتىن ئېيتقاندا، يەنىلا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشىمىز كېرەك.» بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش يولىدا مېڭىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» «بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تايىنىپ، پەن - تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىمىز كېرەك»... يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مۇھىملىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

مەركىزىي كومىتېت پەن - تېخنىكا كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇش... «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، دىققەت پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلاش، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تېز ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يەرشارى بويىچە تۇنجى 16 مېگاۋاتلىق دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تورغا ئۇلىنىپ توك تارقاتتى، دۆلىتىمىزدە ياسالغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى سىناق تەرىقىسىدە قاتناشنى تاماملىدى... بۇ يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ساھەلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ كۆزىنى چاقناتتى.

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش −

شاڭخەينىڭ ئۆزىلا ئۆزەك، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان «چوڭ مېڭە» بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ غەربىدىكى تەخمىنەن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جياڭسۇ چاڭجوۋ ئېنېرگىيە باتارېيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ جەنۇبىدىكى 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جېجياڭ نىڭبو بىر گەۋدىلەشكەن بېسىملىق قۇيۇش ماشىنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ... چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىدا، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇشقا كېتىدىغان يانداش ئۇششاق زاپچاسلار بىلەن تەمىنلەشنى ئاپتوموبىل بىلەن تۆت سائەت ئىچىدىلا توشۇپ كېلىپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

كەسىپ سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ.

5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: مۇكەممەللىككە، ئىلغارلىققا، بىخەتەرلىككە ئىگە بولغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى: «ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈۋرۈك كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك» «رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك».

دىققەتنى ئاجىز ھالقىلاردىكى زەنجىرنى تولۇقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپكە قايتا ئاساس سالىدىغان قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇش؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش... زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزدىن يەرلىككىچە بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تېزلىتىلدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، سانائەت كونترول كومپيۇتېرى ۋە سىستېمىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %54.5، %34.1 ئاشتى. ھازىرغا قەدەر، ھەرقايسى جايلار قۇرغان رەقەملەشكەن سېخ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت 8000غا يېقىنلاشتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى لايىھەسى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش داۋامىدا رىقابەت كۈچى ۋە سىجىللىقنى ئاشۇرۇش −

«ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، يېشىل تەرەققىيات دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە.» 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا شۇنداق تەكىتلىدى.

ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆكخوت شەھىرىدىكى جۇڭخۇەن كەسىپلەر باغچىسىغا كەلدى. باغچە رايونىغا ماكانلاشقان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە يورۇقلۇق ۋولت ساھەسىدىكى 16 كارخانا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى بىرىنچى سەپ قاتارىغا بەس - بەستە كىرىپ، ئۈچ شىمال رايونىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكى، يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ماڭغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ قالدى.

ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇملۇقتىكى ئاشۇ چوڭ تۈرلەرنى تەپسىلىي سورىدى، قىزىل سىزىق، كۆك سىزىق گىرەلىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانىدى.

7 - ئايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 78 مىليون 420 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن توك مەنبەسى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشتى؛ ھازىرغا قەدەر جەمئىي 30 مىڭغا يېقىن يېشىل مەھسۇلات ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، 3616 يېشىل زاۋۇت، 267 يېشىل سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئۈلگە زاۋۇتلىرىدا كاربون قويۇپ بېرىش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21.2 ئازايتىلدى...

تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشتە «يېشىل بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلەش، رايونلار، شەھەر - يېزىلاردىن كەسىپلەرگىچە پۇختا قەدەم تاشلاش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇقەررەر يول ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

خەلقچىل ھېسسىياتنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاش −

«خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقى − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاخىرقى مەقسەت»

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئۆزگەرمەس قائىدە بولىدۇ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۇنىڭ ئاساسى».

كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى قانچە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنسېرى، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى شۇنچە ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئىللىق ئاساسىي رېڭىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

بۇلتۇرقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «جەزمەن خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تۇرمۇش سۈپىتىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك».

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك».

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كەڭ پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە، بۇ يىلدىن بۇيان ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، كاپالەتنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، خەلق قەلبىنى ئىللىتتى، ئىشەنچنى كۈچەيتتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇش −

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئەڭ مۇھىم ئىش. بۇ يىل شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تېگىشلىك يېڭىدىن يېتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆلىمىدە بىردەك يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك».

مەركەز مالىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇل مەبلىغىدىن 66 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە مەدەت بەردى؛ ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلىدۇ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتى قويۇپ بەرگەن پايدا 150 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى باشلاندى؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سۈرئىتى تېزلىتىلدى...

بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن يولنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا 6 مىليون 780 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 240 مىڭ ئادەم كۆپەيدى؛ شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.3 بولۇپ، 1 - پەسىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى.

خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش −

ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش پۇقرالار يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغان «ئائىلە ئىشى»، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان «چوڭ ئىش».

بۇ يىل باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەندە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «بولۇپمۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان، چوڭ ياشلىق، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.» بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ھەر قېتىملىق مۇھىم يوليورۇقلار كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرلەر تېزدىن يېتىشىپ ماڭدى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ياشانغانلارغا دوستانە بولۇش تىپىدىكى ئۈلگىلىك مەھەللىدىن 1000ى بەرپا قىلىنىدۇ؛ 429 شەھەر «ياشانغانلار، بالىلار» مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تاماملىدى؛ «دۆلەتنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تىزىملىكى»دە ياشانغانلار قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە دۆلەتنىڭ 16 ئاساسىي مۇلازىمەت تۈرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى...

«خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئەمەلىي قىلىپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى ئىنچىكە قىلىپ، خەلق رايىغا ياقىدىغان ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 4 - ئايدا گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق دەپ سەمىمىي تاپىلىدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى 42 مىڭ 600 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلاندى، بۇ، 7 مىليون 420 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدۇ؛ دۆلەت 333 خىل دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تەشكىللەپ، جەمئىي 500 مىليارد يۈەن يۈكنى يېنىكلەتكەندىن كېيىن، جۇڭيى تەييار دورىلىرىنى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى باشلىدى... قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى.

خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش −

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە، شەندۇڭ لىنيىدىكى مېڭيىن ناھىيەسى دوجۇاڭ بازىرى دوجۇاڭ كەنتىدىكى مەيداندا، بىر مەيدان يېزا - كەنت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى قىزغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردا، دوجۇاڭ بازىرىدا مەدەنىيەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەيدانىدىن 90دىن ئارتۇقى، يېزا - كەنت مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسىدىن 55ى قۇرۇلدى، ھەممە كەنتتە ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشى زور دەرىجىدە بېيىتىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئادەمنىڭ ئەركىن ھەم ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش».

«ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىش؛ «15 مىنۇتلۇق مەدەنىيەت تۇرمۇش چەمبىرىكى» قۇرۇشنى تېزلىتىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش بوشلۇقىغا سىڭدۈرۈش؛ «كەنت BA مۇسابىقىسى» «كەنت دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» «كەنت ۋالىبول مۇسابىقىسى» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بىخەتەر قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش... خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر - بىرىگە ماسلاشقان ئادىمىيەت ئىقتىسادىدىكى «ئىللىقلىق ماقالىسى» تېز يېزىلدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى يوق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان، خەلق ئاممىسىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 4 - ئايدا گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىش −

«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش»

بوشلۇقتىن چيۇڭجوۋ دېڭىز بوغۇزىنىڭ جەنۇب - شىمال ئىككى قىرغىقىغا قارىساق، گۇاڭدۇڭ جەنجياڭدىكى شۈۋېن پورتى ۋە خەينەننىڭ خەيكوۋدىكى يېڭى دېڭىز پورتى دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ.

بۇ يىل 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۈۋېن پورتىدىكى مەخسۇس پىرىستانغا كېلىپ پاراخوتلارنىڭ يۈرۈش ۋاقتى، پورتنىڭ كىرگۈزۈش - چىقىرىش ئىقتىدارى، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى.

پورتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجى شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: «چيۇڭجوۋ دېڭىز بوغۇزى دۆلەتنىڭ نەنخەي دېڭىزىنى ئىدارە قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يول، شۈۋېن پورتىنى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان زامانىۋىلاشقان سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال تۈگۈنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

2020 - يىلىدىن باشلاپ شۈۋېن پورتى يېڭى پورت رايونىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ بىلەن خەينەندىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ دېڭىزدا يۈرۈش مۇساپىسىنىڭ يېرىمى قىسقاردى، پەقەت تەخمىنەن بىر سائەتتىلا قارشى قىرغاققا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى پورت ئۆز ئالدىغا قۇرغان ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى تۈرى ياكى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ياكى قۇرۇلۇش كۈچەش باسقۇچىغا كىرىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»ىغا كۈچ قوشتى.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەلگۈسى تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا ئاچقۇچ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى (ساياھەت ئومۇمىي خىراجىتى) 2 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 1 تىرىليون 120 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، %95.9 ئاشتى؛ بۇ يىل يازلىق يولۇچى توشۇشتا مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە 760 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن خېلى زور دەرىجىدە ئېشىشى مۆلچەرلەندى؛ تۆمۈريول، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم، زور تۈرلەر تېز ئالغا سىلجىتىلدى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى يۇقىرى ئېشىشنى ساقلىدى...

بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى ۋە سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قويۇپ بەردى.

ئېھتىياجنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىدىكى ئاچقۇچ. 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىش»كە قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش تەكىتلەندى.

بىرقانچە تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆي جابدۇقلىرى، ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش سىياسەتلىرىنى تېزدىن تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش؛ دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كاپالەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خەلق ئىچى سېلىنمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش... بىر قاتار سىياسەتلەر توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى نىشانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا.

«پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى» ئېلان قىلىنىپ، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى رەسمىي ئېسىش؛ بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان سىياسەت - تەدبىرلەرنى مەركەزلىك رەتكە سېلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىش؛ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىدا «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش... بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ھەرگىزمۇ بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى ئايلىنىش ئەمەس، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش.

3 - نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە، 3300دىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال داڭلىق ماركىسى توپلىنىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى؛ 133 - نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە 220دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر قاتناشتى؛ 6 - نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا كېلىشىم ئىمزالىغان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە ساھە باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ كەتتى؛ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» يۇقىرى سۈپەتتە يولغا قويۇلدى...

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى مۇقەررەر ھالدا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 4 - ئايدا گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. جۇڭگو دەرۋازىنى ئۆزى تاقىۋالمايدۇ، بىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىمىز يەنە تېخىمۇ كېڭىيىدۇ».

قانچىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى شۇنچە ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، مۇقىملىق قۇدرەت تېپىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.» بۇ يىل 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاشلىق مۇقىم بولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ. يېقىندا ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 292 مىليارد 300 مىليون جىڭغا يېتىپ، تارىختا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، يەنىلا مول ھوسۇل پەسلى بولغان. يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنسا، پۈتۈن يىل مۇقىم بولىدۇ.

ئېنېرگىيە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر، خام نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %4.4، %2.1 ۋە %5.4 ئېشىپ، ئېنېرگىيەدە ئىشلەپچىقىرىش مۇقىم بولدى، ئىشلەپچىقىرىش ئاشتى، تەمىنات كاپالىتى كۈچلۈك بولدى.

كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»تەك بېسىشىغا قارىتا، دۆلىتىمىز ئۆزەك قاتارلىق ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەيتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، بىز يۈزلىنىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس پەقەت بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، بارغانسېرى كەسكىنلىشىدۇ».

ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، زېھىن ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئاچقۇچ.

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات خەرىتىسى ئېچىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلماقتا.

تومۇزدىكى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا، مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى: باشلىنىش رايونىدىكى «تۆت توغرا يۆنىلىش، ئون تىك يۆنىلىش»تىكى غول يول تورىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى، تۆت مەركەز كارخانىسىنىڭ باش ئىشتابى، تۆت ئالىي مەكتەپ، ئىككى دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشى كەينى - كەينىدىن ئەمەلىيلەشتى...

بۇ يىل 5 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «شيۇڭئەن يېڭى رايونى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش بىلەن بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش باسقۇچىغا كىردى».

بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولۇش رولى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىش، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى ئانا دەريا ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىش، 21 ئەركىن سودا سىناق رايونى ھەممە تەرەپنى قاپلاش، خەينەن ئەركىن سودا پورتى يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقىش... مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەر، مۇھىم پىلانلار بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

باشلىنىش يىلىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ روھىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇقەررەر ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.