ياشلىق ئارزۇسى چېڭدۇدا نۇر چاچتى

日期:2023年07月29日
来源:新疆日报
【字体:

− چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ چىنئوۋ، يۈەن چيۇيۆ، جېڭ جى، لى چۇنيۈ

بۈگۈن كېچىدىكى چېڭدۇدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تولۇن ئاي، يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى. كېچە ئاسمىنىدا، دۇڭئەن كۆلى تەنتەربىيە باغچىسىنىڭ ئاساسىي تەنھەرىكەت مەيدانىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. تورۇسقا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن «قۇياش سۇمرۇغى»نىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بۇ مەيدان ـ ساراي خۇددى يېيىلىش ئالدىدا تۇرغان يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاش كاتتا مەرىكىنىڭ باشلىنىشىنى جىمجىت كۈتۈپ تۇراتتى.

بۇ ھەممە كىشى كۆز تىكىۋاتقان پەيت، يۈكسەك تەنتەربىيە روھىغا سىمۋول قىلىنغان ئاساسىي مەشئەل بۇ يەردە تۇتاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ياشلىق ناخشىسى ياڭرىغان پەيت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەتچىلەر تەنتەربىيەنى ۋاسىتە قىلىپ بۇ جايدا توپلىنىپ، ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، دوستلۇقنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندا، نەق مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭراپ، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى.

تومۇز مەۋسۇمىدە، ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە چېڭدۇ ياشلىق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيانى تەسىرلەندۈردى!

ياشلىق كاتتا مەرىكىسى

تەنھەرىكەت مەيدانىدا، ھەممەيلەن تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى. چىراغلار يورۇغاندا، بىر «قۇياش سۇمرۇغى»نىڭ تەسۋىر سۈرىتى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا نامايان بولدى. نۇر كۆلەڭگۈسى ئۆزگىرىپ، «سۇمرۇغ»نىڭ قۇيرۇق قانىتى ئايلىنىپ، 12 تال نۇر چېچىپ، چېڭدۇنىڭ كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى. ساليۇتلار ئېتىلىپ، «12» دېگەن ساننى بوشلۇقتا شەكىللەندۈردى. پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ساليۇتتىن شەكىللەنگەن سانغا ئەگىشىپ بىرلىكتە تەتۈر ساناق سانىدى.

31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى باشلاندى.

«قۇياش سۇمرۇغى» جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يورۇقلۇققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئەدەبىيات باش سېنارىستى چياۋ ۋېي «قۇياش سۇمرۇغى» ئوبرازىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز قۇياش نۇرىدىن «قۇياش سۇمرۇغى»غىچە، ئاندىن يەنە ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ياشلىق باھارنىڭ كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشقىچە بولغان ئىنتايىن قالتىس، مۇكەممەل بىر كۆرۈنۈش ئۇلىنىشىنى شەكىللەندۈردۇق.

تەنھەرىكەت مەيدانىدا بالىلارنىڭ لەرزان، جاراڭلىق ئاۋازى ياڭرىدى، «دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بايرىقى ھەقىقەتەن گۈزەل» دېگەن مېلودىيە ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا ـ ئاستا مەيدانغا كىردى. ناخشىنى باشلاپ ئېيتقان قىز جىخاۋ يوۋگو سىچۇەن دالياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ جاي ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى ئىدى.

تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن كەلگەن بۇ بالا ھازىر ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنىشىنى ئىپادىلىدى.

بۇ، كىشىلەرگە ئىختىيارسىز بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئەسلەتتى. ئوخشاشلا ئىلگىرىكى قاقاس تاغدىن كەلگەن مالەنخۇا خور ئۆمىكى ئاشۇ مەيدان تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلەنگەنىدى.

بۇ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ 2001 ـ يىلى بېيجىڭدىكى ۋە 2011 ـ يىلى شېنجېندىكى مۇسابىقىدىن كېيىن 3 ـ قېتىم دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان ياشلىق كاتتا مەرىكىسى بىلەن قول تۇتۇشۇشى. جۇڭگو تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 49 مەيدان ـ سارىيى 2021 ـ يىلى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەمدە 2022 ـ يىلى دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى مۇزىكا ئەترىتى نەق مەيداندا ئورۇنلىغان مۇزىكا رىتىمىغا جور بولۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىردى، پۈتۈن دۇنيادىكى ياش ئەزىمەتلەر سىچۇەن كەشتىسى چۈشۈرۈلگەن گۈزەل يولدا ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى ئىزدىدى. چېڭدۇنىڭ كېچە ئاسمىنىدا، ياشلار بىر ـ بىرىدىن ئەھۋال سورىدى، قىزغىن قۇچاقلاشتى، سەبىي، ئوماق «رۇڭباۋ» بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، خۇشال كۈلكە سادالىرى كېچە شامىلىغا ئەگىشىپ ياڭرىدى...

بۇ، بىر مەيدان ياشلىق كاتتا مەرىكىسى. چېڭدۇ شەھىرىدىكى 1 مىليون 390 مىڭ ياش پىدائىينىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇراتتى. «ھاياتىي كۈچكە تولغان» داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىگە پائال تەييارلىق كۆرۈپ، كۈچ توپلاپ ئاتلىنىشقا ھازىرلاندى. «بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ قالتىس ئىپادىسى كېيىنكى ئەۋلاد ياشلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.» جۇڭگو ئاياللار 100 مېتىرغا توسۇق ئاتلاپ يۈگۈرۈش ماھىرى ۋۇ يەننى مۇنداق دېدى: «مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ھەربىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ شان ـ شەرىپى بار، شۇنداقلا ھەربىر ياش ئۆز ھېكايىسىدىكى قەھرىمان».

«چىرايلىق بىر تال گۈزەل مولىخۇا» دېگەن تونۇش مېلودىيەگە جور بولۇپ، چىڭخۇا داشۆنىڭ ۋالىبول تەنھەرىكەتچىسى خۇ جېنجو بىلەن شىنەن داشۆنىڭ چويلا توپ تەنھەرىكەتچىسى گو خەنيۈ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى بىرلىكتە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ مەيدانغا كىردى. 400دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى تەنھەرىكەتچى 18 چوڭ تۈردىكى ھەممە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ئۇلار 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 100دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 22.9 ياش.

«بىزنىڭ ئىلگىرى خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىمىز يوق ئىدى، بۇ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىمىز. نۇرغۇن توپچى ناھايىتى ياش، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۇلارغا نىسبەتەن يېڭى ھېس قىلىش.» سىلوۋاكىيە ئەرلەر سۇ توپ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى دۇسان خوراسنىڭ چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى.

چېڭدۇدا، نۇرغۇن ياش ئوقۇغۇچى دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاتناشتى. ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىغا داڭلىق ناخشىچى ياكى ئارتىسلار قاتناشمىدى، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئايرىم يۇقىرى بوشلۇق ھالقىلىرىنى كەسپىي ياش ئارتىسلار ئورۇنلىغاندىن سىرت، باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئارتىس، پىدائىي خىزمىتىنى بىردەك ئادەتتىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىگە ئالدى. دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق جەريانى نۇرغۇن كىشىنىڭ پۈتكۈل داشۆ ھاياتىغا دېگۈدەك سىڭىپ، ئۇلارغا تەڭداشسىز ياشلىق ئىزنالىرىنى قالدۇردى.

ئىتتىپاقلىق كاتتا مەرىكىسى

«نەم تۇپراق قىزىل گۈل بەرگىلىرى بىلەن تولدى، جىنگۇەندىكى چوڭ ـ كىچىك كوچىلار رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى.» خەن، تاڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە، چېڭدۇدىن چىقىدىغان سىچۇەن كىمخابى يىپەك يولىدا ئوبوروت قىلىنىدىغان ئاساسلىق تاۋار بولغان. بۈگۈن كەچ، قەدىمىي توقۇش ماشىنىسى بىلەن سىچۇەن كىمخابى توقۇلۇپ، مەيدانغا كىرگەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلارغا رەڭدار ياشلىق ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە سىمۋول قىلىنغان گۈزەل يول، ئىتتىپاقلىق يولى ھازىرلاندى.

«چېڭدۇدا، مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنى ھېس قىلماقچى.» ئۇگاندا سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى يىمەننيۇئېر جىۋانۇكانىڭ بۇ قېتىمقى سەپەرگە بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى.

قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇلالىنىپ، كەلگۈسىدىن دېرەك بەردى. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، پۈتۈن يەرشارىدىكى ياش بىر ئەۋلاد چېڭدۇغا جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىق قىياپىتى بىلەن دۇنياغا مۇنداق ئورتاق قەلب ساداسىنى ياڭراتتى: بىز شان ـ شەرەپ ئۈچۈن كەلدۇق، شۇنداقلا دوستلۇق ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق.

ئىككىنچى قېتىم جۇڭگوغا كەلگەن بىرازىلىيە ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى لۇكاس سىۋورت ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشتىن سىرت، يەنە مۈشۈكئېيىقنى كۆرۈپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا خۇايى تەيجى گۇمپىسى قىز ماھىرى جۇدى ليۇ مۇنداق دېدى: «مۇسابىقە ئارىلىقىدا، بوۋام، مومام قاتارلىق تۇغقانلىرىمنى كۆرۈپ كېلەلەيمەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلالايمەن، دادام ـ ئاپام ئىلگىرى ياشىغان جاي خۇنەننىڭ يېزا ـ كەنتلىرىنى يەنە بېرىپ كۆرۈپ باققۇم بار».

ھەرقايسى دۆلەتلەر مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەيدانغا كىرىش مۇراسىمىدىكى نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلاردا نامايان بولدى. ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ يېتەكلەش تاختىسىغا سىچۇەن كەشتىسى ھۈنەر ـ سەنئىتى ئارقىلىق خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نامى ھەمدە رۇيىۋېن نۇسخىلىرى كەشتىلەنگەن بولۇپ، ھەربىر يىڭنە، ھەربىر يىپ ئارىلىقىدا، ساھىبخان دۆلەتنىڭ تەرەپ ـ تەرەپلەردىن كەلگەن مېھمانلارغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرى ئىپادىلەندى. مەيدانغا كىرىش مۇراسىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش مۇزىكىسى بەش قىتئەنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرى كىرىشتۈرۈلۈپ شەكىللەنگەن بولۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى جاڭ ـ دۇمباق ئوركېستىرى بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكا ئوركېستىرى نەق مەيداندا بىرلىكتە تەڭكەش قىلدى. جۇڭگو بىلەن غەرب مۇزىكىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇپ ئورتاق چېلىنىشى خۇددى شۇ تاپتا ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئەزىمەتلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئورتاق ساداغا ئوخشايتتى.

«باشقا تۈردىكى مۇسابىقىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىزگە ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بىر سۇپا ھازىرلاپ بەردى.» ئالدىنقى نۆۋەتلىك ناپلېس دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چويلا توپ ئاياللار جۈپ ئويناش تۈرىدە چېمپىيون بولغان گو خەنيۈ مۇنداق دېدى: مېنىڭ نۇرغۇن چەت ئەللىك دوستلىرىم بۇ قېتىم چېڭدۇغا كەلدى، مەن دوستلىرىمنى ئېلىپ سىچۇەننىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىتىپ بېقىشقا، مۈشۈكئېيىقنى كۆرسىتىشكە تەقەززا بولۇۋاتىمەن.

«كۆپچىلىك بۇ جايغا كېلىپ، تىنچلىق ئۇسۇلىدا بىر ـ بىرىنى ئالقىشلايدۇ، بۇ، كەلگۈسى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» دېدى خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئېدېر تەبرىك سۆزىدە.

دوستلۇق كاتتا مەرىكىسى

رەڭدار ساليۇتلار يەنە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، قارشى ئېلىش مەنىسىدىكى «WELCOME« »欢迎» دېگەن خەتلەر بوشلۇقتا چاقنىدى.

ئىككى نەپەر داشۆ ئوقۇغۇچىسى تەنھەرىكەتچى يۈگۈرۈپ مەيدانغا كىردى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزىنى بويلاپ چاقناپ تۇرغان بىر يول نامايان بولدى.

ناخشا ساداسى ياڭرىدى، ياش داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى خور ئۆمىكى خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتتى. سۇ يىمىڭ، رېن چيەن، زوۋ جىڭيۈەن، شى تىڭماۋ، مەي جياجيې، ما يۆفېي، سۈن يىمىن ۋە پۇ شۇيىڭدىن ئىبارەت سەككىز نەپەر بايراق كۆتۈرگۈچى خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى. يەر يۈزىدىكى سۈرەت، سىن خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسى بايرىقىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ئالغا قاراپ يېيىلىپ، 1959 ـ يىلىدىن بۇيانقى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىسى نامايان قىلىنىپ، دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شانلىق مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «شان ـ شەرەپ يولى»نى شەكىللەندۈردى.

1949 ـ يىلى، خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى. 1 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1959 ـ يىلى ئىتالىيەنىڭ تۇرىندا باشلاندى، مۇسابىقە ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەدرىجىي ھالدا تەسىرى چوڭقۇر بولغان يەرشارىۋى ياشلار تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىگە ۋە تەنھەرىكەت چولپانلىرى ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بۆشۈككە ئايلاندى.

بۇ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتىدىغان، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سەھنە. چېڭدۇ تەنتەربىيە شۆيۈەنىدىن كەلگەن جۇڭگو چامباشچىلىق تەنھەرىكەتچىسى ساۋ ماۋيۈەن مۇنداق دېدى: يۇرتۇمدا پۈتۈن دۇنيادىكى چامباشچىلىق ھەۋەسكارلىرى بىلەن بەسلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرالىغانلىقىم مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىش بولۇپ قالىدۇ، «چامباشچىلىق جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭگۈشتەرى، ۋەتەنگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ناھايىتى شەرەپلىك ئىش، مېنىڭ ئۆزۈمگە تولۇق ئىشەنچىم بار!»

«بۇ قىممەتلىك جەم بولۇش پەيتلىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنايلى، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، كەڭ دائىرىدە دوستلىشىپ، بىرلىكتە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرايلى» دېدى ئېدېر.

ھەممىنىڭ ئىنتىزارلىقى ئىچىدە، ئالەم ئۇچقۇچىسى يې گۇاڭفۇ، ئولىمپىك چېمپىيونى ياڭ چيەن، «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس» جياڭ چىڭسۇڭ، چېڭدۇ مۈشۈكئېيىق كۆپەيتىش تەتقىقات بازىسىنىڭ جانلىقلارنى قوغداش ئىلمى مۇتەخەسسىسى جامىس قاتارلىق 31 نەپەر جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مەشئەل يەتكۈزگۈچى بىر چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، ئوت يېقىشنى ئورتاق تاماملىغاندىن كېيىن، قۇياش سۇمرۇغى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئوت يېقىش تەخسىسى تۆت ئەتراپقا نۇر چېچىپ، ئايلىنىپ ئۆرلەپ، قۇياش سۇمرۇغىنىڭ 12 ئالتۇن نۇرىغا سىمۋول قىلىنغان بوشلۇقتىكى ساليۇتنى تۇتاشتۇردى، ساليۇتلار بىر ـ بىرىگە ئۇلىنىپ، سۇمرۇغ قانىتىنى يېيىپ، ئاخىرىدا مەيدان سىرتىدىكى ئاساسىي مەشئەل مۇنارىغا ئوت تۇتاشتۇردى.

«ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ناملىق باش تېمىلىق ناخشا ساداسى ئىچىدە، ئالتۇن رەڭلىك نۇرلار يەر يۈزىگە چېچىلىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەت ۋە رايونلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراقلار مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا توپلىنىپ، يەرشارى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوخشاش قۇياش نۇرىغا چۆمىلىپ، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك كەڭ قورساقلىق بىلەن پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان مەنىۋى ماكان بەرپا قىلغانلىقىغا سىمۋول قىلىندى.

ساليۇتلار چاقناپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى.

ئاساسىي مەشئەل مۇنارىدىكى يالقۇن لاۋۇلداپ يېنىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىش ئورتاق ئارزۇسىنى نۇرلاندۇردى، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇسىنى نۇرلاندۇردى!