يېڭى ئىدىيە يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەش

日期:2023年08月05日
来源:新疆日报
【字体:

​− شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 6 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا نەزەر سالساق، پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگودىكى باشقا سىياسىي كۈچلەر ئورۇندىيالمايدىغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالىشى تۈپ جەھەتتىن ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەنى ئىگىلىگەنلىكى ھەم يېڭى ئەمەلىيەتكە ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈپ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتقانلىقىدىن بولدى»، «بىز پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ مول نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك».

ھازىر، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە چوڭ قەدەم ئېلىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېڭى ئىدىيە يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى ئىگىلەش

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ

تومۇز مەۋسۇمى، شاڭخەي شىڭيې يولى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدا، نېپىز بىر كىچىك كىتابچە نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى قەدىمىنى توختىتىشقا جەلپ قىلدى.

پەقەت 56 بەتلا كېلىدىغان، ئەمما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە زورىيىشىغا ئەگىشىپ كەلگەن بۇ كىچىك كىتابچە دەل چېن ۋاڭداۋ تەرجىمە قىلغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسى ئىدى.

2012 - يىلى 11 - ئايدا، دۆلەت مۇزېيىدا «گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە چېن ۋاڭداۋنىڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نى تەرجىمە قىلغاندا قارا سىياھنى ئېھتىياتسىزلىقتىن قارا شېكەر سۈيى دەپ ئىچىپ سالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: «ھەقىقەتنىڭ تەمى ئىنتايىن تاتلىق».

ھەقىقەتنىڭ تەمى نېمە ئۈچۈن تاتلىق؟ چۈنكى ماركسىزم ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ، ئۇ تەبىئەت دۇنياسى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، ئىنسانىيەت تەپەككۇرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى؛ ئۇ روشەن ئەمەلىيەت خىسلىتىگە ئىگە بولۇپ، ئىلمىي ھالدا «دۇنيانى چۈشەندۈرۈش»كە كۈچ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى پائال تۈردە «دۇنيانى ئۆزگەرتىش»كە كۈچ چىقاردى.

ھەقىقەتنىڭ تەمى نېمە ئۈچۈن تاتلىق؟ چۈنكى 100 يىلدىن بۇيان ھەقىقەت ئوزۇقى بۈيۈك جۇڭگو زېمىنىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، گۈللەنگەن دەۋردىكى جۇڭخۇانىڭ مول نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. پارتىيە ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ بايرىقىغا يېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىشقا ئىگە قىلدى.

غايىسى يۈكسەك، ئىرادىسى ئۇلۇغۋار پارتىيە ئىلمىي ئىدىيەنى ئىگىلىسىلا، ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھەممە ئىشتا غەلىبە قازىنالايدۇ.

ئۆزگىرىشچان، داۋالغۇپ تۇرغان 100 يىللىق تارىخ سەھىپىسىنى ئېچىپ كۆرسەك، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمغا قەتئىي ئېتىقاد قىلىپ، ماركسىزمغا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، پارتىيەنى قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ماركسىزم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ «نەزەرىيە كۈچى»، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ماركسىزمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ جانلىق ئەمەلىيىتى −

2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىدىن سايلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ يەنئەنگە كېلىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى تاغ باغرىغا ئويۇلغان گەمە ئىچىدىكى كىتاب ئۈستىلى، خەرىتە، قەلەم - سىياھ، كىرسىن چىراغ، چوغدان... ھەممىسى تارىخنى بايان قىلىپ تۇراتتى. 1937 - يىلى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندە مەشھۇر ئەسەر «زىددىيەت توغرىسىدا»نى يازدى.

ماركسىزملىق زىددىيەت قارىشىنى ئاڭلىق تەتبىقلاپ مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان مېتودولوگىيە.

دۆلەت خەۋپ ئىچىدە قالغان، خەلق كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالغاندا، «جاھانگىرلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زىددىيىتى، فېئودالىزم بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ زىددىيىتى» كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، «ئورنىدىن دەس تۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا، «خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن ئارقىدا قالغان ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت» كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، «بېيىش»قا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، «خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت» كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، «قۇدرەت تېپىش»قا تۈرتكە بولۇندى.

زىددىيەت قارىشى، ئامما قارىشى، ئەمەلىيەت قارىشى، تەرەققىيات قارىشى... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ماركسىزملىق ئىلمىي ھەقىقەتنى تەتبىقلاپ، بوران - چاپقۇنلۇق قاراڭغۇ كېچىگە خاتىمە بېرىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىنى يورۇتۇپ، بۇ قەدىمىي دۆلەتنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپ سىزدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىش جەريانىدا، ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەتلىكلىكى تولۇق سىناقتىن ئۆتتى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ماركسىزمنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.

دەۋر تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ ئىلگىرىكىگە نەزەر سالساق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ نۇرچاچقان، ئۆزئارا ماسلاشقان تارىخىي ئىزلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك خەزىنىسىنى ئومۇميۈزلۈك قېزىپ، ماركسىزم ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ھاياتىي كۈچكە باي مۇنەۋۋەر ئامىللارنى جانلاندۇرۇپ ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ روھى ۋە مول ئەقىل - پاراسىتىنى ماركسىزمغا تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا سىڭدۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپ، ئۇنى يېڭى نەزەرىيە ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى ئىدىيە يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى.

ماركس مۇنداق كۆرسەتكەن: ھەرقانداق ھەقىقىي پەلسەپە ئۆز دەۋرىنىڭ روھىي جەۋھىرى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھازىرقى دەۋر، بۈگۈنكى دۇنيادىكى «ھەقىقىي پەلسەپە»، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېڭى ئىدىيە يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى −

بۇ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، يۈزلىنىشنى بايقاشتىكى ئۆتكۈر نەزەر. كەڭ زامان - ماكان كوردىناتىدا زامانىمىزدىكى جۇڭگو، بۈگۈنكى دۇنيادىكى «ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت»نى ئېنىق كۆزىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، راۋاجلاندى.

بۇ، بەختنى كۆزلەش، گۈللىنىشنى كۆزلەش، ئالغا ئىلگىرىلەشنى كۆزلەش، ئېجىل - ئىناقلىقنى كۆزلەشتىكى كەڭ قورساقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق. خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، دۇنياۋى ھېسسىياتنى نامايان قىلىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى.

بۇ، جۇڭگونىڭ سوئالىغا، دۇنيانىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا، دەۋرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىكى كۈچلۈك جاسارەت. ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا جاۋابنى بەردى، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىگىلەش، دىيالېكتىك تەھلىل قىلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئاساسىدا يىراقنى كۆزلەپ تۈزۈلگەن چوڭقۇر پىلان. ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، يىراقنى كۆزلەپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ھۆكۈمنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ھۆكۈمنى چىقىرىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

بۇ، بىخلانماستا بايقاش، يۈزبەرمەستە تۈگىتىشتىكى ئاڭلىقلىق ئېڭى. تاسادىپىي ئىشلاردىن ئالدىن مۇداپىئەلىنىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقەللىي ساۋات. كۈلپەت ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭى قىلىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەم بېسىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈردى، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

بۇ، ئاخىرغىچە تۇتىدىغان، تولۇق غەلىبە قىلىشقا ئىنتىلىدىغان روشەن خىسلەت. «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دەيدىغان مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دەيدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، «مىخ قېقىش» چىدامچانلىقى ۋە «تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان» ئىرادە بىلەن، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمىدى.

بۇ، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىش، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى كۈچ. دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان، تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىسى، جاسارىتى، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ياۋۇزلاردىن قورقماي، ئالۋاستىلاردىن قورقماي، بېسىمدىن قورقماي، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئاچتى.

...

قانۇنىيەتتىن داۋلىغىچە، يولدىن چىقىش يولىغىچە، ئۇسۇلدىن چارىگىچە، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ «قانۇنىيەت»ى، «قانۇن»ى، «فورمۇلا»سىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە دۇچ كەلگەن «دەۋر تېمىسى»گە جاۋاب بەردى −

ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. 500 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن سوتسىيالىزم 21 - ئەسىردىكى جۇڭگودا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى؛

ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى چىقىش قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەت چاقىرىق كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پارتىيە ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارغا كۈچ چىقىرىدىغان بۈيۈك ئىرادىنى ئۇرغۇتتى؛

ماركسىزمنىڭ ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى نەزەرىيەسىنى چىقىش قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن دۆلەتتە تۈرلۈك تۈمەن يېڭى ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى. بىزنىڭ مىللىتىمىز ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق روھلۇق قىياپەتتە شاد - خۇراملىققا چۆمۈپ، ئىشەنچكە تولۇپ باقمىغان، بىزنىڭ خەلقىمىز ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ باقمىغان؛

...

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەمىز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

قولىدا ھەقىقەتنى ئىگىلىگەن بىر چوڭ پارتىيە، ئاساسى چوڭقۇر بىر مىللەت، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان بىر دۆلەت مۇقەررەركى يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ. يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار!

نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىلمىي ئۇسۇل

− شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلاش

نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ھازىر پۈتۈن پارتىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر يېڭى زور كۆلەملىك ئۆگىنىش، يېڭى ئىدىيە يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەشتىكى يېڭى زور كۆلەملىك سەپەرۋەرلىك.

«ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ۋەزىپە زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتى.» بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 6 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تارىخىي تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىش ئاساسىدا، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»، «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» قاتارلىق نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ۋە بايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى، بىز ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ياخشى تەتبىقلىشىمىز كېرەك.

ئىلمىي پوزىتسىيە ئارقىلىق ئىلىمگە مۇئامىلە قىلىش، ھەقىقەت روھى ئارقىلىق ھەقىقەتكە ئىنتىلىش.

ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش شەرت، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش شەرت. دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزغاندىلا، ماركسىزم ھەقىقىتى دەرىخىنى باراقسان ئاينىتالايمىز.

«ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تېمىنىڭ ئۆزى بىزنىڭ ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ روھىي تومۇردىن قەتئىي ۋاز كەچسەك بولمايدىغانلىقىمىزنى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىزدىن قەتئىي ۋاز كەچسەك بولمايدىغانلىقىمىزنى بەلگىلىگەن. بۇ روھ ۋە يىلتىزنى ياخشى ساقلاش نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي سۆزلىرى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ پىرىنسىپىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم نەزەرىيەسى دەرىخىنىڭ دائىم كۆكلەپ تۇرۇشىدىكى سىرنى ئېچىپ بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» قانچە ياخشى ئىشلەنسە، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى شۇنچە مول بولىدۇ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش كۈچى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، ئالدى بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلاش تەكىتلەندى. جەزمەن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ئىچكى جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ئۈزۈل - كېسىل نەزەرىيەۋى پەزىلىتى، ئۆزىگىلا خاس مەنىۋى خىسلىتى، ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، ئۇ، بىزنىڭ بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنى چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىزدىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ».

نەزەرىيە لوگىكىسىنى ئىگىلەپ، ماركسىزمنىڭ روھىي تومۇرىنى چىڭ ساقلاش −

2022 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىنىڭ دۇەنسۈن كەنتىدىكى سەي ۋېنمىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن مېھمانخانىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، كىرىم - چىقىم ھېساباتىنى بىر - بىرلەپ قىلدى.

2012 - يىلى، يەنە قەھرىتان قىش مەزگىلىدە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى قار - شىۋىرغانغا قارىماي تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى فۇپىڭغا كېلىپ «ھەقىقىي نامراتلىقنى كۆرۈپ»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىككى قېتىم قار كېچىپ، يول بويى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مەردانە - جاراڭلىق قەسىمى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى «جاۋاب قەغىزى» يېزىشنى باشلىدى.

ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ ئىشتا، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. ماركسىزم خەلق ئۈچۈن سۆز قىلىدىغان، خەلق ئۈچۈن ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغان نەزەرىيە، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ماركسىزم نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس بۇلىقى. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىگە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب دەل ماركسىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلنى تەتبىقلىغانلىقىدا.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشىدىن كەلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشكە بولغان قەتئىي ئېتىقادنى نامايان قىلدى، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش ماركسىزملىق دىيالېكتىكا ۋە بىلىش نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي تەلىپىگە ئۇيغۇن، مەسىلە يۆنىلىشى ماركسىزمنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى، سىستېما قارىشى دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزمنىڭ مۇھىم بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيەسى، جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈش ماركسىزمنىڭ يۈكسەك قىممەت ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى... ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىشى، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىدىكى تۈپ مەنبە.

تارىخىي لوگىكىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يىلتىزىغا ۋارىسلىق قىلىش −

كۇڭزىنىڭ يۇرتىدا، «قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىلىرىنى يارىتىش»نى تەشەببۇس قىلدى؛ دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «ئەجدادلار بىزگە قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىنتايىن قەدىرلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ يۆلۇ بىلىم يۇرتىغا كىرىپ، «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دېگەن خەت يېزىلغان بېغىشلىما تاختىسىغا تىكىلىپ قاراپ، ھاياجانلانغان ھالدا «چوقۇم ھەقىقەتنى ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك» دېدى؛ جيۇچۈشى بويىدىكى جۇشىيۈەن باغچىسىغا كېلىپ، «ماركسىزمنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى...

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈپ، مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئىزدەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى مەڭگۈ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىرقاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى يەنشەن تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ مەركىزىي باش سارىيىغا كېلىپ، لەنتەي دۇڭكۇ خەزىنىسى جازىلىرىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ بۈگۈنگىچە ۋارىسلىق قىلىنىپ يەتكۈزۈلگەن ھىدى ۋە ئاساسىنى ھېس قىلدى: «بېرىپ كۆرۈپ بېقىش، ھېس قىلىپ بېقىش كېرەك، بۇ ئويما مەتبەئە، قەدىمىي كىتابلارغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، روھى، مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن، تېخىمۇ مۇھىمى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن كۈچ مۇجەسسەملەنگەن».

جۇڭگو مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە. «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى:

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە «خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ» «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئۆزگەرمەس قائىدە بولىدۇ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئاساس» تەجرىبىسى قوبۇل قىلىندى؛ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا «ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تاپقۇزۇش» «ئالىيجاناب ئەخلاق ۋە مۇپەسسەل ئىلىم بىلەن ئادەم تەربىيەلەش» «گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇش» روھى نامايان قىلىندى؛ توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا «ئوتتۇرا يول تۇتۇپ ئىناق ئۆتۈش» «كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش» «دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەش» ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىندى؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە «بىلىم چوقۇم دۆلەت ئىشلىرىغا پايدىلىق بولۇش» «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» «بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش» ئەنئەنىسى ئەۋج ئالدۇرۇلدى؛ سىستېما قارىشىدا «جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەمر - پەرمان بىردەك بولۇش» «كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن بولۇش» «ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىنلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىش» ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەندى؛ جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈشتە «پۈتۈن خەلقنى قېرىندىشىم دەپ بىلىش» «بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈش» «دۇنيا ئېجىل - ئىناق بولۇش» ئىدىيەسى راۋاجلاندۇرۇلدى...

«جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە نۇرغۇن مۇھىم ئامىل بار بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئورتاق ياراتقان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېچىلغان مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بەش گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى − ئىزچىللىق، ئىجادچانلىق، بىرلىك، سىغدۇرۇشچانلىق، تىنچلىقنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى: 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مۇقەررەر يول.

«ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» يەنە بىر قېتىملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بولۇپ، تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىلىرىنى يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت قىممەتلىك بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن نەزەرىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلمىي نەزەرىيەگە روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بېغىشلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا تېخىمۇ بىپايان، چوڭقۇر بولغان تارىخىي چوڭقۇرلۇق بېغىشلىدى.

ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى جەۋھىرىنى مۇجەسسەملەش −

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننورغا كەلدى. «قۇم» بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ باش تېمىسى بولدى.

تىزگىنلىنىۋاتقان قۇملۇققا كىرىپ، قۇم - بوراندا مەزمۇت ئۆسكەن دەل - دەرەخلەرگە قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بىر ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي ۋەزىپە، بىز جەزمەن بۇ خىزمەتنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئەجدادلىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك».

ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مۇھىم مەزمۇننى كۆرسىتىپ بەردى: «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، بۇ يەرگە <قۇم> دېگەن سۆزنى قوشۇش كېرەك».

قوشۇلغان بىر خەت دەل سىستېما قارىشىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۈشى، ئۇنىڭدا ھەم «بىر تاختا چوڭ شاھمات» پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى بار، ھەم «نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش» مېتودولوگىيەسى بار.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، چوڭ ئەندىزە، چوڭ ئىستراتېگىيە. دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىش، يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاش داۋامىدا، ھەربىر ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلىشىشى ئۆزئارا بىرلىشىپ ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلدۇق، ساغلام جۇڭگو، تىنچ - ئامان جۇڭگو، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق؛ «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىچكى خاراكتېرى ۋە روھىي قىياپىتىگە ئايلاندى؛ ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاش، يېڭىسىنى تۇرغۇزۇش بىلەن كونىسىنى قالدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش غايەت زور جاسارەت ۋە غەيرەت بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق قول بولۇشتىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، مەسىلە يۆنىلىشى ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە تۈرتكە بولۇندى؛ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى يارىتىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى تەقدىم قىلىندى...

دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى.

«ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» پارتىيەمىز تولىمۇ ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە تارىخىي مۇساپىدە، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ شەكىللەندۈرگەن سىستېمىلىق مېتودولوگىيە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىكى داۋلى، ئىلمىي نەزەرىيە، پەلسەپىۋى قائىدىلەر مۇجەسسەملەنگەن.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار مەنزىلىگە نەزەر سالساق، ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە ئۇلۇغۋار ئىش مۇقەررەر چەكسىز پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ!

نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش

− زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

«ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە يارىتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتى.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت» تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ھەم چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرى بىرقاتار يېڭى مۇھىم، زور تېمىلارغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلمىي تونۇش ھاسىل قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىدىيە نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق.

نەزەرىيەنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي نەزەرىيەلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم يولى.

2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ زالىدا ئالقىش سادالىرى ياڭراپ، كەيپىيات قىزغىن بولدى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم 2023 - يىللىق ئەتىياز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى:

«سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي نەزەرىيەلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى، ئىجادىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، تولۇق چۈشەندۈرۈش كېرەك».

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، نەزەرىيەنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي نەزەرىيەلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى قائىدە خاراكتېرلىك نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئۆزئارا ئىچكى باغلىنىشىنى ئىگىلەش كېرەك؛ يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تېمىلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، سەۋىيەسى يۇقىرى، سالمىقى بار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئۇنىڭدىكى داۋلى، ئىلمىي نەزەرىيە، پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى ئېنىق سۆزلەش، جانلىق ئىدىيەنى جانلىق سۆزلەش، مۇكەممەل نەزەرىيەنى مۇكەممەل سۆزلەش كېرەك.

يېڭى تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىدۇ.

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى خەلقتىن كەلگەن، خەلقنىڭ ئىجادىي ئەمەلىيىتى − نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس مەنبەسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئالدىدا بىز مەڭگۈ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، جەزمەن ئاڭلىق ھالدا خەلقنى ئۇستاز تۇتۇشىمىز، ئىقتىدارلىقلاردىن تەلىم ئېلىشىمىز، ئاقىللاردىن تەدبىر سورىشىمىز كېرەك.

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بىر مەيدان ئۆزگىچە سۆھبەت يىغىنى خۇنەن چاڭشادا ئېچىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرى، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئاھالىلەر، ئاشخانا ئىگىلىرى، قانۇن خىزمەتچىلىرى قاتارلىق 30 نەپەر ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، باش شۇجى ھەربىر سۆز قىلغان ۋەكىل بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى، ئالىملار سۆھبەت يىغىنى، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئۈچۈن خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاشتىن قەدەم ئىزىنى 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوندا قالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئىدىيەسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە... شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، خەلقنىڭ ئىزدىنىشى، خەلقنىڭ ئىجادىيىتىنى مەنبە قىلغان.

ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىش كېرەك، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىشلەشكە، ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق داۋلى سۆزلەشكە، قۇرۇق خىيال سۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ.

«خەلق» دېگەن سۆزنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى تۈپ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، خەلقنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن يېڭى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئەقلىي تونۇش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، خەلق ياقتۇرىدىغان، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان، ئىگە بولىدىغان نەزەرىيەنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى خەلقنىڭ دۇنيانى بىلىشى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

نەزەرىيەنىڭ قىممىتى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى پۈتۈنلەي تەتبىقلاشتا.

شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندۇق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇش −

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چىگىش، مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، پەقەت ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكلىشى بولسىلا، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇدىن قورقماي، قەتئىيلىك بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

يېڭى مۇساپىدە، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقنى مۇستەھكەملەش، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئۇلۇغ ئىدىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، دەل جايىدا ئىشلىتىش −

بۇ يىل 5 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «دۆلەت سۇ تورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. دۆلەت سۇ تورى ئاساسىي رامكىسى ۋە چوڭ تومۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان بۇ ئۇلۇغۋار پىلاندا، «سىستېما» دېگەن سۆز 20 نەچچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئىشنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى، قايسى ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى، قايسىلىرى جىددىي ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپە، قايسىلىرى ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك زاپاس ئىكەنلىكىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.» ئىككى يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن نەنياڭغا كېلىپ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «سىستېما نەزەرىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش»تىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى تەكىتلىدى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئىلمىي تەپەككۇرنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەش، تارىخىي تەپەككۇر ئارقىلىق ئېرىشىش بىلەن يوقىتىشنى ئۆرنەك قىلىش، دىيالېكتىك تەپەككۇر ئارقىلىق زىددىيەتنى تۈگىتىش، سىستېما تەپەككۇرى ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك، نېگىزلىك، يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەل پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇش، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەپ ئىستىلنى توغرىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ھەقىقىي ئېرىشىش −

تۆت كۈن ۋاقىت، مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈش.

بۇ يىل 4 - ئايدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا گۇاڭدۇڭغا كەلدى.

لېيجوۋ يېرىم ئارىلىدىن جۇجياڭ دەرياسى ساھىلىغىچە، باش شۇجى جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، پورتنى كۆزدىن كەچۈردى، سۇلۇق يەرنى كۆزدىن كەچۈردى، مېۋىلىك باغقا كىردى، سېخقا كىردى، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى تولۇق ئىگىلىدى.

يېڭى مۇساپە باشلىنىپ قەدەم بېسىلغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جانلىق ھەم چوڭقۇر بولغان بىر قېتىملىق ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈلگە بولدى.

پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشتە، جەزمەن چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلىشى كېرەك:

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، خەۋپ - خەتەر قانچە چوڭ، خىرىس قانچە كۆپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولسا، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى شۇنچە كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، خىزمەتنى ئەمەلىي تۇتۇش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش كېرەك؛ پاك بولۇش ئىستىلىنى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۈكسەك ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ ئاددىي - ساددا بولۇش ئىستىلىنى شۇنچە يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى ساقلاپ، تېجەشلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قېتىرقىنىپ ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش −

ئۇلۇغ ئارزۇنى جەزمەن پۇختا كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش، پەقەت ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، جەزمەن «ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش، ئاساس سېلىش، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، دادىل كۈرەش قىلىش كېرەك؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا يېڭى ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

نەزەرىيەنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈنۈم دەرىجىسى نەزەرىيەنىڭ ئەمەلدە كۆرسىتىلىش چوڭقۇرلۇقىغا باغلىق.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز كوممۇنىستلارنىڭ مەسئۇلىيىتى مىسلىسىز ئېغىر، زور، بۇرچى چەكسىز شەرەپلىك، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاراڭلىق چاقىرىق قىلدى:

«بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!»