​ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

日期:2023年08月01日
来源:新疆日报
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ​

ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 15 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي تەلىپى، دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل تەتقىقات ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ئاساس ئالدىنقى سەپ يۆنىلىشىدە مۇھىم، زور ئەسلىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، پەنلەرنىڭ گىرەلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تېز سىڭىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئايلىنىش دەۋرىيلىكى كۆرۈنەرلىك قىسقىراپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكا رىقابىتى ئاساس ئالدىنقى سېپىگە يۆتكەلمەكتە. خەلقئارا پەن - تېخنىكا رىقابىتىگە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن ۋە تۆۋەن قاتلامدا ھەل قىلىشىمىزغا جىددىي ئېھتىياجلىق.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ئەسلىي ئىجادىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەركىن ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىش گەۋدىلىك تەكىتلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئۇل تەتقىقات تەتقىق قىلىشتىن ئەمەلىي قوللىنىشقىچە، يەنە ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان پەن تەتقىقات زەنجىرىنىڭ باشلىنىش ئۇچىدا تۇرىدۇ، ئۇل پۇختا سېلىنسا، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى سارىيىنى ئاندىن ئېگىز سالغىلى بولىدۇ. ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بايلىق تەقسىملەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىجادىي تەرەققىياتنى ئۇل نەزەرىيە تىرىكى ۋە تېخنىكا مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىككىنچى، ئۇل تەتقىقات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۇنيا چوڭ ئىلىم - پەن دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئۇل تەتقىقاتنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، تۈزۈم كاپالىتى ۋە سىياسەت يېتەكچىلىكىنىڭ ئۇل تەتقىقات ھاسىلاتىغا بولغان تەسىرى بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ. جەزمەن ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزۈم، سىياسەتنىڭ قىممەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۇل تەتقىقات يۇقىرى سەۋىيەلىك تىرەك سۇپىسى قۇرۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنى ياساپ چىقىپ، ئۇل تەتقىقات تىرەك سۇپىسى قۇرۇلۇشىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن «ئىككى باش سىرتتا بولۇش» مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. جۇڭگوچە دۆلەت تەجرىبىخانىسى سىستېمىسىنى ماس قۇرۇپ چىقىپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە يېتەكلەش تىپىدىكى، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش تىپىدىكى، ئەمەلىي قوللىنىشچان تىرەك تىپىدىكى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئۇل يۇمشاق دېتاللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئۇل تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن ئۇل تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىدا يەنىلا روشەن كەمتۈكلۈك بار. جەزمەن زور كۈچ سەرپ قىلىپ سىستېمىلاشقان، يۇقىرى قاتلاملىق ئۇل تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇل تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى بەس - بەستە بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ئۇل تەتقىقات خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھازىر، خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ يەككە تەرەپچىللىكى، قورۇقچىلىقىنىڭ زەربىسى ۋە خىرىسىغا دۇچ كەلدى. ئىنسانلار ئورتاق تەرەققىي قىلىش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئېچىۋېتىشتىن ھەمبەھرىلىنىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق، ھېچقانداق بىر دۆلەت مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلىنالمايدۇ ياكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن يالغۇز بەھرىمەن بولالمايدۇ. دۆلىتىمىز تېخىمۇ ئوچۇق تەپەككۇر ۋە تەدبىر ئارقىلىق ئۇل تەتقىقات قاتارلىق خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىدۇ. ئالتىنچى، ئۇل تەتقىقاتقا پايدىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇل تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش ھەم ماددىي كاپالەتكە ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە ئەۋلاد پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۇدا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياراتقان «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، شىئەنگە كۆچۈش روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى، ئالىملار روھى، ئاينى تەكشۈرۈش روھى، يېڭى دەۋر بېيدوۋ روھى قاتارلىقلار جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئورتاق يارىتىپ، ئۇل تەتقىقات تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان ئىلىم - پەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىپ، ئالىملارغا خاس يوشۇرۇن ساپانى ھازىرلىغان، پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىشنى پەن - تېخنىكا خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇل تەتقىقاتتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.