باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارخېئولوگىيەگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا ھېكايىلەر

日期:2023年08月01日
来源:新疆日报
【字体:

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، شى يۈسېن، ۋاڭ پېڭ، شۈ جۇاڭ

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىڭدۈي مۇزېيىنىڭ يېڭى سارىيىغا كېلىپ، «ئەسىر ئارزۇسىغا ئىنتىلىش»، «ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پايتەخت»، «ئاسمان، زېمىن، ئادەم، ئىلاھ» قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سەنشىڭدۈي خارابىسىنى قېزىش مۇساپىسى ۋە قەدىمكى سىچۇەن مەدەنىيلىكى نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سەنشىڭدۈي مۇزېيى يېڭى سارىيىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، كەڭ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

«ئارخېئولوگىيە خىزمىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۆھەرلىرىنى نامايان قىلىدىغان ۋە بەرپا قىلىدىغان مۇھىم خىزمەت»، «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلىش ئارخېئولوگىيە ئىلمىدىن ئايرىلالمايدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قەتئىي مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بىلەن تارىخنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ تومۇرىنى ئىزدەپ، ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

«ئارخېئولوگىيە خىزمىتى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەدەنىيەت كەسپى، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىجتىمائىي، سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەت»

يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە تەۋە «7000 ياش»لىق ئادەم يۈزلۈك ساپال ھەيكەل، ئېرلىتوۋ خارابىسىدىن تېپىلغان فىرۇزەدىن ياسالغان ئەجدىھا شەكىللىك بۇيۇم، شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە پىل چىشى ئىستاكانى، جوۋ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە مىس جام...

2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىدىكى جۇڭگو ئارخېئولوگىيە مۇزېيىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش - قېزىش نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي سورىدى.

ئارقىدىن دىققەت «مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش»قا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بىر مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىزچىللىق، ئىجادچانلىق، بىرلىك، سىغدۇرۇشچانلىق، تىنچلىق» بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىخچاملاپ ۋە ئىزاھلاپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان چاقىرىق چىقاردى −

«مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك».

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئارخېئولوگىيە ئىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۈچ يىل بۇرۇنقى كۆرۈنۈش جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چېن شىڭسەننىڭ ھېلىھەم ئېسىدە.

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن ھەم جانلىق بولدى.

چېن شىڭسەن باش شۇجىغا دۆلىتىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

«ئەينى يىلى مەنمۇ ئارخېئولوگىيە ئۆگەنمەكچى بولغانىدىم، كېيىن ئۆگىنەلمەي قالدىم.» چېن شىڭسەننىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئارخېئولوگىيە پۇل خەجلىنىدىغان كەسىپ، ئىلگىرى پۇلىمىز يوق ئىدى، ھازىر سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، داۋاملىق چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش كېرەك».

ئالتە كۈندىن كېيىن، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دۆلىتىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاش ھەم ئۇنىڭ ئەھمىيىتى دېگەن تېمىدا 23 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، چۈشەندۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن چېن شىڭسەن يەنە باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىنى نەق مەيداندا ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى −

«تارىخنى تونۇش ئارخېئولوگىيە ئىلمىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگو كەڭ ھەم چوڭقۇر جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق ياراتماقتا. بىزنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشىمىز جەزمەن تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى، جەزمەن تارىخىي توغرا يۆنىلىش بويىچە ئىلگىرىلىشى كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرىدە ئارخېئولوگىيە «بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىجتىمائىي، سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەت».

تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر فۇجوۋدا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرى ھازىرغىچە «تۆت بىر» ھېكايىسىنى ھەۋەس بىلەن سۆزلەيدۇ.

1991 - يىلى 3 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى بويىچە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شۇ يىلى فۇجوۋ شەھىرى ياخشى بېجىرىدىغان يەتتە ئەمەلىي ئىشنى بېكىتتى. بۇ يەتتە ئەمەلىي ئىشتىن «تۆت بىر» يەنى بىر ئىدارە، بىر ئەترەت، بىر تامغا، 1 مىليون يۈەن بارلىققا كەلدى.

مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدى بىلەن شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى، ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قۇرۇلدى، شەھەر قۇرۇلۇشى تۈرىنى تۇرغۇزۇشتا شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى بېسىش تەلەپ قىلىندى، شەھەر مالىيەسىدىن ھەر يىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش خىراجىتى ئۈچۈن 1 مىليون يۈەن ئاجرىتىش ھەم يىلمۇيىل كۆپەيتىش قارار قىلىندى، شۇ چاغدا فۇجوۋنىڭ پۈتۈن شەھەر ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پەقەت 10 مىليارد يۈەن ئىدى...

«تۆت بىر»نىڭ ئېففېكتى يىراق كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزدى. 1991 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلغان فۇجوۋ شەھەرلىك ئارخېئولوگىيە ئەترىتى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە، بولۇپمۇ سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە تۆھپە ياراتتى. شىشادىكى سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن چۆكۈپ كەتكەن «نەنخەي 1 - نومۇر» ناملىق كېمە خارابىسى، پىڭتەندىكى چۆكۈپ كەتكەن «ۋەنجياۋ 1 - نومۇر» ناملىق كېمە خارابىسى قاتارلىق سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، قېزىش نەق مەيدانلىرىغىچە ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ سىيماسى قالدى.

مىليون يىللىق ئىنسانىيەت تارىخى، 10 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخى... جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەمدە دۆلەت مەدەنىيلىكى ھالىتىدە تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە كەلگەن ئۇلۇغ مەدەنىيلىكنى ئوزۇقلاندۇردى.

ئۇزاق مەزگىل قەدىمكى ئىرسىيەت ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئايال ئالىم فۇ چياۋمېي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ۋە ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

شۇ چاغ 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. فۇ چياۋمېي سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

«مېنىڭ خىزمىتىم ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى گېن گۇرۇپپىسى ئىلمىنى چۆرىدەپ، ئىرسىيەتنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش، يەنى قەدىمكى DNA ئارقىلىق <بىز كىم، بىز قەيەردىن كەلدۇق> دېگەنلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش».

«قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلەلىدىڭلارمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

فۇ چياۋمېي: «بىلىشكە تىرىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئارخېئولوگىيە قارىماققا ئانچە نەزەرگە ئېلىنىپ كەتمەيدىغان كەسىپتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇھىملىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېمىسىنى ئورۇنلاشتۇردى، ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە جۇڭگو ھازىرقى زامان ئارخېئولوگىيە ئىلمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى، يەرلىكتە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلارنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.

خېنەن ئەنياڭنىڭ غەربىي شىمال شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى خۇەنخې دەرياسى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 90 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى بۇ جايدا تارىخ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چوڭقۇر قېزىپ، يىنشۈ خارابىسىنىڭ «ھەقىقىي قىياپەت»ىنى بىر گۈرجەك - بىر گۈرجەكتىن ئاچتى.

2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنياڭغا كېلىپ، ئۆزى ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىلىپ كەلگەن يىنشۈ خارابىسىنى تەكشۈردى.

مىس بۇيۇملار، قاشتاش بۇيۇملار، چىغىناق - تاغاق يېزىقى قاتارلىق قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھارۋا - ئات ئورىكى كۆرگەزمە زالىدا شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە ئۇلاغ كۈچىگە تايىنىدىغان ھارۋىنىڭ ئەمەلىي بۇيۇم ئەۋرىشكىسى ۋە يول ئىزىنى كۆردى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىز دەل بىزنىڭ ھەقىقەتەن ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ئۇزاق تارىخىمىزدىن كەلگەن، بۇنىڭدا ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تۆھپىسى زور. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك».

«جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە ئىلمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك»، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش يۆنىلىشى −

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قۇرۇلۇشىدا جۇڭخۇانىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخى ئەمەلىي ئىسپاتلىنىپ، مەدەنىي جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا ھۆكۈم قىلىش بەلگىسى بولغان «جۇڭگو لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ بوشلۇق تەكشۈرۈش تېخنىكىسى، كاربون 14 تەجرىبىسى ئارقىلىق يىل تارىخىنى ئۆلچەش، قەدىمكى DNA ئانالىزى، ئىزوتوپ ئانالىزى قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى؛ 8000 تۈردىن ئارتۇق ئاساسىي قۇرۇلۇشتىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىدە زور بىر تۈركۈم قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قۇتقۇزۇۋېلىندى، قوغدالدى؛ سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە 1000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن قەدىمكى كېمىنىڭ سىرلىق يۈز ياپقۇسى ئېچىلدى...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، جۇڭگو ئارخېئولوگىيە ئىشلىرى «ئالتۇن دەۋر»نى كۈتۈۋالدى.

«ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلەر ۋە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، جەزمەن ئۇلارنى ياخشى قوغداش، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك»

پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە، لياڭجۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىدە، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، بۇغىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يېڭى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى باشقىچە ئىدى.

ئۇ چاغدىكى لياڭجۇدا، خارابە رايونىدا 30دىن ئارتۇق تاش كان بار بولۇپ، شاۋقۇن كۈچلۈك، چاڭ - توزان قويۇق ئىدى. ئارخېئولوگلار ئېچىنغان ھالدا تەنقىدلەپ «بۇ جاي پارتلاش ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان جەڭ مەيدانىغا ئوخشاپ قالدى» دېگەنىدى.

2003 - يىلى 7 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ لياڭجۇ خارابىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لياڭجۇ مۇزېيىنىڭ كىچىك يىغىن زالىدا، شى جىنپىڭ لياڭجۇ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆردى، ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

«لياڭجۇ خارابىسى جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇقەددەس جاي، ئاز تېپىلىدىغان قىممەتلىك بايلىق، بىز جەزمەن ئۇنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك!» دېدى شى جىنپىڭ كەسكىنلىك بىلەن.

شۇنىڭدىن باشلاپ، تاغلار يېشىللىققا قايتتى، خارابىلىك قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتى.

2016 - يىلى، تۆت نەپەر ئارخېئولوگ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ لياڭجۇ خارابىسىنىڭ «دۇنيا مىراسلىقى»غا بالدۇرراق ئىلتىماس قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجى مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: «قەدىمىي خارابىلىكنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىستېمىلىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ۋە بىباھا قىممىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك».

ئۈچ يىلدىن كېيىن، لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.

چېن شىڭسەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېچىلغان مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە ئۆتكەن شۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «لياڭجۇنى قوغداشقا كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۇق، بۇ جايدا ئەمدى قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدۇ».

تارىخىي مەنبەنى سۈرۈشتۈرگەندىلا، ئاندىن كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يول ئاچقىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلەر ۋە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، جەزمەن ئۇلارنى ياخشى قوغداش، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك».

ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ھەرگىزمۇ تارىخىي كىتابلاردىكى سارغىيىپ كەتكەن ئەسلىمە ئەمەس. خۇاشيا زېمىنىنى قاپلىغان ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلار تارىخ بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەخپىي شىفىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا چوڭقۇر ئىلھام قالدۇرغان.

«<ئاۋۋال ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، ئاندىن ئۆتۈنۈپ بېرىش> تۈزۈم لايىھەسى ۋە يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان يەرلەرگە قارىتا قانۇن بويىچە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، چارلاش، قېزىشنى تاماملاشتىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى مەردانە - جاراڭلىق ئىدى.

فۇجيەن سەنمىڭدا، «جەنۇبتىكى جوۋكوۋديەن» دەپ ئاتالغان ۋەنشوۋيەن خارابىسى بار، ئۇ جەلپ قىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

بۇ جايغا 185 مىڭ يىل ئىلگىرىكى قەدىمكى ئىنسانلار كۆپىيىپ ياشىغان ئۇزاق يىللار خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ خارابىلىكنى قۇتقۇزغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە پۈتۈلگەن. ۋەنشوۋيەندە مول ھاك تاش بايلىقى ساقلانغاچقا، شۇ جايدىكى بىر پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپلا تاغ گەۋدىسىدە كان قازغان. 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، فۇجيەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە «سەنمىڭ ۋەنشوۋيەن كونا تاش قوراللار دەۋرىگە تەۋە ئۆڭكۈر خارابىسىنى قوغداشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى جىددىي دوكلات»نى تاپشۇردى.

2000 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ تېزدىن مۇنداق تەستىقىي يوليورۇق بەردى: سەنمىڭ شەھىرى ۋەنشوۋيەن كونا تاش قوراللار دەۋرىگە تەۋە ئۆڭكۈر خارابىسى ئۆلكىمىزنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىدىكى تۇنجى مۇھىم بايقاش، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان تارىختىن بۇرۇنقى مۇھىم مىراس، جەزمەن ئەستايىدىل، ئوبدان قوغداش كېرەك.

تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق تەكىتلەندى: ۋەنشوۋيەن كونا تاش قوراللار دەۋرىگە تەۋە ئۆڭكۈر خارابىسى قايتا ھاسىل بولمايدىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى بايلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، ئەۋلادلارغىمۇ مەنسۇپ، ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ كۆز ئالدىدىكى ياكى قىسمەن مەنپەئەتنى كۆزلەپ، پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ئەۋلادلارنىڭ مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا بولمايدۇ.

يولداش شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ۋەنشوۋيەندىكى كان قېزىش، پارتلىتىشنى دەرھال توختاتتى، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى مەدەنىيەت تارماقلىرى خارابە رايونىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېزىش، دەلىللەش ۋە قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

2019 - يىلى، ۋەنشوۋيەن دۆلەت ئارخېئولوگىيە خارابىسى باغچىسى رەسمىي ئېچىلدى. ساياھەت قوللانمىسىغا يېزىلغان تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆز خارابىلىكنى قوغداش ئەسلىي مەقسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى: «ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش... سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ، ئۆڭكۈر، ئورمان، يېزا - قىشلاق، قەدىمكى مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇلۇپ سىڭىشىپ كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».

ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈلىدىغان خارابىلىكلەرنى قوغداشقا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم چوڭ ئىشلارنى نەزەردە تۇتۇپ، يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر پىلان تۈزدى، ھەم ئىنچىكىلىك بىلەن كۆڭۈل قويۇپ غەمخورلۇق قىلدى.

خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى شياۋشەن كۇاخۇچياۋ خارابىسى مۇزېيىدا، ھازىرغىچە تەخمىنەن 8000 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر چاپما قېيىق خارابە زالىدا جىمجىت «توختاپ تۇراتتى». 2005 - يىلى 4 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

نەق مەيداندىكى بىر فوتو سۈرەت مۇخبىرى ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىنى تېپىش ئۈچۈن، خارابىلىكنى قوغداش رايونىغا ئاتلاپ كىردى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ، مۇلايىملىق بىلەن مۇخبىرغا قوغداش رايونىدىن ئايرىلىشنى ئېيتتى ھەم ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «سۈرەتكە تارتىش كىچىك ئىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش چوڭ ئىش، كۆپچىلىك ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار».

مەيداندىكى كىشىلەر چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدى. بىر مۇخبىر مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشتىن كېيىن مەن ھەر قېتىم كۇاخۇچياۋ خارابىسى مۇزېيىغا بارغاندا، يېنىك قەدەم ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم».

قەدەمنىڭ «يېنىك» ئېلىنىشى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سالمىقىنىڭ «ئېغىر» ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

2014 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پايتەخت مۇزېيىغا كېلىپ، بېيجىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ ئەستايىدىل كۆرۈپ، تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاچ، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى.

مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە سۇپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۈرەتكە تارتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن مۇخبىرلارغا «تېگىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دەپ ئەسكەرتتى. سەمىمىي، چوڭقۇر مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ سۆز كۆپچىلىكنى تەسىرلەندۈردى.

2021 - يىلى «ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىشتات ۋە كەسىپكارلار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ماقالە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «كەلگۈسىدىكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، دالا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ خىزمەت مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، دالا بىرىنچى سېپىدىكى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىگە بولغان ئېھتىياج مۇقەررەر تېخىمۇ زور بولىدۇ».

ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئارخېئولوگىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئارخېئولوگىيە قوشۇنىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىغا ئاتلىنىدىغان قىلىپ، ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بار بولۇش، ئىختىساسلىقلار تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

2012 - يىلى 6 - ئايدا، ئەينى چاغدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان شى جىنپىڭ بېيجىڭ داشۆگە بېرىپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئارخېئولوگىيە - مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي شۆيۈەنىنىڭ 2009 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالايىتەن يوقلاپ، ئۇلارنى كەسىپنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

كېيىنكى يىلى «4 - ماي» ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، ئارخېئولوگىيە - مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي شۆيۈەنىنىڭ 2009 - يىللىق تولۇق كۇرس ئىتتىپاق ياچېيكىسىدىكى بارلىق ساۋاقداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيانقى ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئىدىيە ئەھۋالى قاتارلىقلارنى دوكلات قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان مەكتەپتىكى ئۆگىنىشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە دالىدا ئارخېئولوگىيە پىراكتىكىسى قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ھاسىلاتلارغا ئېرىشكەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم».

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە پەنلىرى كەسپى ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتىن ئارخېئولوگىيە بويىچە دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەخسۇس تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغىچە، ئاندىن «ئارخېئولوگىيەلىك چارلاش - قېزىش خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەت كەسپىي ماھارەت ئۆلچىمى»نى تۈزۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى. بارغانسېرى كۆپ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى دالىلاردا ئالدىراش بولۇپ، قەدىمىي مەدەنىيلىك توغرىسىدا ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىش داۋامىدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ يىلتىزى توغرىسىدا چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى.

«مۇزېيلاردا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ تۇپراقتا ساقلىنىپ قالغان مىراسلار، قەدىمىي كىتابلاردا يېزىلغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇش كېرەك»

2023 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىي پايتەخت شىئەندە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت باشلىقلىرىغا سوۋغا قىلىنغان سوۋغاتلارنىڭ بىرى «خې زۇن» ئىدى. ئۇنىڭغا ئويۇلغان «بۇ يەردە يىلتىز تارتقان جۇڭگو» دېگەن خەتتە «جۇڭگو» دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما خاتىرىسى قالدۇرۇلغانىدى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۆزلىيەلەيدۇ. كىشىلەر «بۇ يەردە يىلتىز تارتقان جۇڭگو» ئارقىلىق «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو» دېگەننى ئۈزلۈكسىز چۈشىنىپ يەتتى.

2018 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گۈللىنىشى بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز ئەڭ يېقىن دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىدىغان بولدۇق. كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى قانداق ئويلىشى 5000 يىللىق مەدەنىيەت جۇغلانمىسىدىن ھاسىل بولغان گېن قان تومۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆز ئەڭگۈشتەرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ بايقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، چوڭچىلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك».

جېجياڭ لۇڭچۈەن زەڭگەر فارفۇر بۇيۇملار مۇزېيىدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان چاغدىكى بىر بۆلەك ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن.

بىر قېتىم، يولداش شى جىنپىڭ لۇڭچۈەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، شۇ جايدىكىلەر لۇڭچۈەن خۇمدىنى، فېڭدۇڭيەن خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، لېكىن ھازىرقى مۇزېيلارغا قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سىغمايۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ نەق مەيداندا مۇنداق بىلدۈردى: لۇڭچۈەن زەڭگەر فارفۇر بۇيۇملىرى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى، زەڭگەر فارفۇر بۇيۇملار مۇزېيىدىن بىرنى قۇرۇش زۆرۈر.

ئۇ يەنە: يېڭى ساراينىڭ كۆلىمى بەك چوڭ بولمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم خاسلىققا ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ ئالاھىدە تاپىلىدى.

ناھايىتى تېزلا ئۆلكە مالىيە تارمىقى ياردەم مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، كەينىدىنلا مۇزېي قۇرۇلۇشى تۈرى باشلاندى.

لۇڭچۈەنلىكلەر مۇنداق دېيىشىدۇ: يولداش شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بولمىغان بولسا، شۇ چاغدىكى لۇڭچۈەندەك بىر تاغلىق نامرات ناھىيەنىڭ بۇ مۇزېينى قۇرۇپ چىقىشى ھەرگىز مۇمكىن بولمايتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر بۇ چوڭقۇر تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز نۇر چېچىپ جۇلالىنىشىغا كۆڭۈل بۆلدى، يېتەكچىلىك قىلدى.

2017 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيخەي شەھىرى خېپۇ ناھىيەسىدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرى مەدەنىيىتى مۇزېيىغا كەلدى.

خېپۇ خەن سۇلالىسىگە تەۋە قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى بىرونزا بۇيۇملار، ساپال بۇيۇملار ۋە چېگرا سىرتىدىكى ساپال بۇيۇملار، كەھرىۋا، سىرلانغان ساپال بۇيۇملارنى تەپسىلىي كۆرگەندىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دېڭىزغا يۈزلەنگەن يول بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يول، بۇ يەردىكى قەدىمكى دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى تېمىسىنى چۆرىدەپ كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەممىسى تارىخ، مەدەنىيەتتۇر».

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش، تارىخنى سۆزلىتىش، مەدەنىيەتنى سۆزلىتىش كېرەك» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭلىدە، ئارخېئولوگىيە يەنە خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم شەكىل.

«سىز قەيەردىن كەلدىڭىز؟»

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چوقۇم ياخشى قوغداش كېرەك».

2016 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئۆزبېكىستان تاشكەنت. ئالدىراش دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايدا ئۆزبېكىستاندا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئارخېئولوگىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان جۇڭگو تەرەپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەربىر كىشىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئۆزبېكىستاندا قانات يايدۇرۇۋاتقان تۈر مەزمۇنىنى سەمىمىي سورىدى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ھەسسىلەپ روھلاندى.

پېرۇ دۆلەت ئارخېئولوگىيە ئىنسانشۇناسلىق تارىخ مۇزېيىدا، ئۇ چىن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە لەشكەر - ئات ھەيكەللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىپتىخارلىق ئىلكىدە مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بۆشۈكى بولغان شەنشىدىن كەلتۈرۈلگەن. يەنە كېلىپ ئۇ جاي مېنىڭ يۇرتۇم».

فىرانسىيە پارىژدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا، ئۇ فامېن ئىبادەتخانىسىدىن قېزىۋېلىنغان سىرلانغان ساپال بۇيۇملارنى مىسالغا ئېلىپ، مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن رەڭدارلىققا تولغانلىقىنى، مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سەۋەبىدىن بېيىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېيدا، چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە زېڭ خوۋيى تىزما قوڭغۇرىقىنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

...

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى قايتا - قايتا ئۆزى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا گۆھەرلىرىنى دۇنياغا تونۇتتى، جۇڭگو ھېكايىسى ئارقىلىق دۇنيانى تەسىرلەندۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزدىكى 32 ئاپپارات چەت ئەلدە 36 تۈرلۈك بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلدىكى 40 نەچچە پەن تەتقىقات ئورنى، مۇزېي قاتارلىقلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى. بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، دۇنيا قەدىمكى دەۋر مەدەنىيلىكى، يىپەك يولى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ماس قەدەمدە تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«بىز ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ زېمىنغا تىزىلغان مەدەنىيەت مىراسلىرى، قەدىمىي كىتابلاردا يېزىلغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى موللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جانلىق سۆزلىرى يېڭى دەۋردىكى ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىگە يۈرۈش قىلغاندا، ئارخېئولوگىيەدىن ئىبارەت ئۆتمۈشكە قاراپ كەلگۈسىنى بىلگىلى بولىدىغان بۇ بۈيۈك ئىلىم مۇقەررەر ھالدا مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ قوشىدۇ.