قىسىمنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك

日期:2023年08月01日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ «1 - ئاۋغۇست» ھارپىسىدا غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

قىسىمنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك

خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى


«1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) «1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىمنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.

تومۇز كۈنلىرىدىكى چېڭدۇ بۈك - باراقسانلىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى ئورگىنىغا كېلىپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۈرلۈك خىزمەتلەر ۋە ۋەزىپىنى تاماملاش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ۋەزىپە ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئالاھىدە مۇھىتقا ئۇيغۇنلىشىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۈندىلىك ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئەتراپلىق تەشكىللەپ، ھاۋا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى جابدۇق، يېڭى كۈچ جەھەتتە جەڭگىۋارلىقنى تېز شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا ئورگانىك سىڭىشىش كېرەك. ئاۋىياتسىيە ئەسكەرلىرى قىسمى بىلەن يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى، رادار قىسمى، ئېلېكتىرونلۇق قارشىلىشىش قىسمى قاتارلىق قىسىملارنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى قەتئىي بوشاشماي زور كۈچ بىلەن تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۆرنەك بويىچە قارشىلىشىش مەشىقىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، قىيىن تۈرلەر بويىچە مەخسۇس بولغان سەرخىل مەشىقنى كۈچەيتىپ، مەشىق سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قىسىمنى ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن، تەشكىلىي جەھەتتىن مەھكەم ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش، قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەممىسىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ تاۋلاپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىسىمنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر مەسىلىنى ھەل قىلىش داۋامىدا خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

خې ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.