​يېڭى دەۋردە سىچۇەننى ئىدارە قىلىش، گۈللەندۈرۈشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سىچۇەن يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

日期:2023年07月30日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

يېڭى دەۋردە سىچۇەننى ئىدارە قىلىش، گۈللەندۈرۈشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سىچۇەن يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

​بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە شەنشى خەنجۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى​

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى


7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ گۇاڭيۈەن شەھىرىنىڭ جيەنگې ناھىيەسىدىكى سۈييۈنلاڭدا تەكشۈرۈشتە بولماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ دېياڭ شەھىرىنىڭ گۇاڭخەن شەھىرىگە جايلاشقان سەنشىڭدۈي مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سارىيىدا نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سىچۇەن چېڭدۇ\شەنشى خەنجۇڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تەرەققىيات شەكلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات ساھەسى، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. سىچۇەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك بۇرچىنى ئىگىلەپ، مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، تىرىشىپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردە سىچۇەننى ئىدارە قىلىش، گۈللەندۈرۈشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سىچۇەن يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي ۋە ئۆلكە باشلىقى خۇاڭ چياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گۇاڭيۈەن، دېياڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن گۇاڭيۈەن شەھىرىنىڭ جيەنگې ناھىيەسىگە كېلىپ، سۈييۈنلاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ جاي قەدىمكى دەۋردىكى گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكىدىن سىچۇەن ئويمانلىقىغا ئۆتىدىغان قەدىمىي سىچۇەن يولىنىڭ مۇھىم بۆلىكى بولۇپ، ھازىرغىچە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمكى دەۋردىكى سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن پوچتا يولى قەدىمىي ئارچىزارلىقى بار. شى جىنپىڭ قەدىمىي سىچۇەن يولىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، سۈييۈنلاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، قەدىمىي يولنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ مىڭ يىللىق قەدىمىي ئارچىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، تارىختىكى ئارچا تىكىش، ئارچا پەرۋىش قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ سۈنئىي قەدىمىي ئارچىزارلىقنىڭ شۇنچە ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، شۇنچە ياخشى قوغدىلىشى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ «ئەمەلدارلار، پۇقرالار دەرەخ كېسىشنى ئۆزئارا چەكلەش»، «دەرەخ سانىنى ئۆتكۈزۈپ تامغا تاپشۇرۇش» قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى، ئۆرپ - ئادەتكە ئايلانغانلىقىدىن بولغان، شۇنداقلا شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئورتاق قوغدىشىدىن بولغان. بۇ بىزگە شۇنداق ئىلھام بېرىدۇكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا جەزمەن تۈزۈم رامكىسىنى ياخشى قۇرۇپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۇ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: قەدىمىي، داڭلىق دەرەخلەرنى ياخشى قوغداپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.

دېياڭ شەھىرى گۇاڭخەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يازى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان سەنشىڭدۈي خارابىسى نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى قەدىمكى سىچۇەن مەدەنىيلىكىنىڭ قىياپىتى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ شۇ دەۋردىكى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى ئەڭ مول، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان پايتەخت شەھەر خارابىسى ھېسابلىنىدۇ. 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سەنشىڭدۈي مۇزېيىنىڭ يېڭى سارىيىغا بېرىپ «ئەسىر ئارزۇسىغا ئىنتىلىش»، «ھەيۋەتلىك پايتەخت»، «ئاسمان، زېمىن، ئادەم، ئىلاھ» قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سەنشىڭدۈي خارابىسىنى قېزىش مۇساپىسى ۋە قەدىمكى سىچۇەن مەدەنىيلىكى نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى. سەنشىڭدۈي مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سارىيىدا، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەت رايونىغا كىرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەت تەرتىپىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سەنشىڭدۈي خارابىسىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى دۇنيادا داڭلىق بولۇپ، 4000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرىكى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدە ئىكەنلىكى، قەدىمكى سىچۇەن مەدەنىيلىكىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيلىكى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قاتارلىقلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئارخېئولوگىيەلىك دەلىللەر بىلەن تەمىنلىدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، دۆلەتنىڭ قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولغان ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشنى بىر - بىرلەپ قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سەنشىڭدۈي مۇزېيى يېڭى سارىيىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، كەڭ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى!

7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، سىچۇەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، سىچۇەننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تەڭ كۈچىشىنى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچىشىنى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك كۈچىشىنى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە سىجىل كۈچىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى ساھەسى، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئېچىش، تەرەققىياتتا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشقا، بولۇپمۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشى ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىچۇەن ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى كۆپ بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى توپلاشقان بولۇشتەك ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ سىستېمىسى بىرقەدەر مۇكەممەل بولۇش، كەسىپ ئاساسى پۇختا بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش جەھەتتە تەڭ كۈچىشى كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە بايلىقىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىچۇەن دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىي رايون، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ئۆزگىچە، شۇنداقلا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ياسىمىچىلىقنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ كەسىپ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۇقىرى سۈپەتتە ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مول سىچۇەنچە خاسلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇپ، سۇ، شامال، يورۇقلۇق، ھىدروگېن، تەبىئىي گاز قاتارلىق كۆپ خىل ئېنېرگىيەنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاشلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇھىم دەسلەپكى مەھسۇلات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. «سىچۇەن - چۇڭچىڭ بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكى ۋە خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىش يېڭى بازىسى بەرپا قىلىپ، غەربىي قىسىمنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە تېزدىن ئايلىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى سىچۇەننى ئىدارە قىلىش، گۈللەندۈرۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاشلىق، تىرىك چوشقا، ياغلىق دان قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە تېخىمۇ ياخشى ئېلىش كېرەك. ئۇرۇق ۋە تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەتلىك ئۇرۇق ۋە مۇنبەت ئېتىزلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى «بايلىقى مول مۇنبەت تۇپراقتىكى ئاشلىق ئامبىرى» بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، تۇتقىلى بولىدىغان، نەچچە يىل تۇتۇپلا نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان بىرنەچچە ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جېجياڭنىڭ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، دىققەتنى «كىچىك بۆسۈش ئېغىزى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماسلىق، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش كېرەك. يېزا ئۆيلۈك يەر ئىسلاھاتىدا تۆۋەن چەكنى ساقلاش كېرەك. يەر ئوبوروتى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ئوبوروت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»كە بولمايدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بويىچە شەھەر - يېزىلاردا بىرتۇتاش غەملەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ شەھەر - يېزىلاردا باراۋەرلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىچۇەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مۇھىم بولغان سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مۇھىم بولغان سۇ مەنبەسىنى تولۇقلاش رايونى، شۇنداقلا دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق رايون، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ئوتلاق، ئورمان، دەريا، كۆل، سۇلۇق يەرلەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسى، يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بايلىقتىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى پائال تەشەببۇس قىلىش كېرەك. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىچۇەن تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدىغان جاي، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈش كېرەك. 7 - ، 8 - ئايدا چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىرىدۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپەتتىن ئىلمىي قۇتقۇزۇپ، ئەگەشمە ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە پەقەت بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئىلمىي، ئوبيېكتىپ باھالاش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغان - ئايلاندۇرمىغانلىقىغا، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ماھىرلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ماھىرلىق بىلەن قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان - ئاشۇرمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئايدىڭلاشتۇرغان - ئايدىڭلاشتۇرمىغانلىقىغا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان - قىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش بولغان - بولمىغانلىقىغا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدە يېڭى يۈكسىلىشنىڭ بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ كۆزىتىش، تۈزىتىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە، مەسىلە تۈگۈنىنىڭ توغرا تېپىلغان - تېپىلمىغانلىقىغا، تۈزىتىش - تۈزەشنىڭ جايىدا بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە، ئىدىيە ساپ بولماسلىق ۋە تەشكىل ساپ بولماسلىق ھادىسىلىرىنىڭ تۈزىتىلگەن - تۈزىتىلمىگەنلىكىگە، سىياسىي يوشۇرۇن خەۋپنىڭ تۈگىتىلگەن - تۈگىتىلمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. باھالاش ئۈنۈمىنى پاكىت ئارقىلىق سۆزلەپ، باھالاشنى ئاشكارا تۇتۇپ، ئاممىغا باھالاتقۇزۇپ، باھالاشنىڭ ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ − شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىغا قاراش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ياتىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆزگەرتىپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ خەنجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ پويىزدىن چۈشۈپ، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ يىدې، ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، خەنجۇڭ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. شى جىنپىڭ خەنجۇڭ شەھەرلىك مۇزېينىڭ ئالاقىدار تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خەنجۇڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا پارلاق مەدەنىيلىك مۇجەسسەملەنگەن، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنغان بولۇپ، مىللەت روھى ساقلانغان. مۇزېينىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، تەتقىق قىلىش، نامايان قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى ياخشى قوغداپ ھەم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەك. خەنجۇڭ شۇڭ توقۇمىچىلىقى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى داڭلىق، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇزېيدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئەتراپتىكى يۇرتداشلار چۆرىدىشىپ كېلىپ «باش شۇجى ياخشىمۇسىز» دەپ قىزغىن سالاملاشتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: مەن 2008 - يىلى ۋېنچۇەندە قاتتىق يەر تەۋرىگەندە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەزگىلىدە خەنجۇڭغا كەلگەن، بۇ يىللاردا ئىزچىل بۇ جاينىڭ غېمىنى يەپ كەلدىم. بۇ قېتىم كېلىپ، بۇ جايدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى، شەھەرنىڭ تەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىنىڭ ياخشى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

يول ئۈستىدە، شى جىنپىڭ خەنجياڭ دەرياسىنىڭ خەنجۇڭ شەھەر رايونى بۆلىكىگە جايلاشقان تيەنخەن سۇلۇق يەر باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بۇ جاينى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «بەخت باغچىسى» ئىكەن دەپ تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەنجياڭ دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى توپلانغان رايون ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان جاي، بۇ رايوننىڭ سۇلۇق يەر بايلىقىنى ياخشى قوغداشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، ئەھمىيىتى چوڭقۇر. ئېكولوگىيە باغچىسى قۇرۇلۇشىدا تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە ئۇنى سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بىلەن يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ مۇھىتى گۈزەل، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئولتۇراقلىشىشقا، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 12 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.