شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى، بۇرۇندى زۇڭتۇڭى، گىۋىيانا زۇڭتۇڭى، گىرۇزىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年07月29日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، يۈەن چيۇيۆ) 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چېڭدۇدا 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھەم جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغان ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ماۋرىتانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 58 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزئارا قوللاپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو ـ ماۋرىتانىيە ئىككى دۆلەت داۋاملىق تۈردە بىر ـ بىرىنى قوللايدىغان ياخشى دوستلاردىن، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بىز سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىيادتا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ ھەم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، سىز بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو تەرەپ بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ماۋرىتانىيەنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە ماۋرىتانىيە تەرەپنى چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ماۋرىتانىيەگە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان ئىككى تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زەمبۇرۇغ ئوتى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بېلىقچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ماۋرىتانىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ۋە كېڭەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ماۋرىتانىيە بىلەن بولغان ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە قوللايدۇ. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ماۋرىتانىيەگە چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ 55 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ماۋرىتانىيە تەرەپكە يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ كۇڭزى شۆيۈەنى ۋە جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتۇشىنى ياخشى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، مەدەنىيەت، ياشلار، ئاخبارات، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى بېيىتىپ، جۇڭگو ـ ماۋرىتانىيە دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپ بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى داكار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ نۇرغۇن مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئوخشاش ياكى يېقىن كۆز قاراشقا ئىگە، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

غازۋانى مۇنداق بىلدۈردى: ماۋرىتانىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت چوڭقۇر دوستلۇققا ئىگە، باشتىن ـ ئاخىر زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ماۋرىتانىيە تەرەپكە زور مىقداردا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ ماۋرىتانىيەگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتىنىڭ ماۋرىتانىيە خەلقىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ماۋرىتانىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا خىلاپ ھەرقانداق سۆز ـ ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد ـ سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ماۋرىتانىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىغا تامامەن ئۇيغۇن، بۇ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، ماۋرىتانىيە تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، پائال قوللايدۇ. ماۋرىتانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ـ جۇڭگو، ئافرىقا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق يىرىك پىلانى»نىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، شۆ يۈبىن) 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چېڭدۇدا 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھەم جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغان بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېندايىشىمىيې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ بۇرۇندى مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان دائىملىق دوست ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھ. جۇڭگو تەرەپ بۇرۇندىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، بۇرۇندىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، بۇرۇندى تەرەپ بىلەن بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بۇرۇندى تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ بۇرۇندى دائىملىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ـ بۇرۇندى ئەمەلىي ھەمكارلىقى بۇرۇندىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بۇرۇندىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بالدۇرراق جۇڭگوغا كىرىشىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى ۋە يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنى بۇرۇندىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، بۇرۇندىنىڭ ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى قامداش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇرۇندى تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە مۇھىم، زور خەلقئارا ئىشلاردا، بولۇپمۇ ئافرىقىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگونىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىم ئۇلتاش، شۇنداقلا جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ھەم ئافرىقىغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى. ھازىر، دۇنيادا كۆپ خىل خىرىس ۋە كىرىزىس گىرەلىشىپ ئۈستىلەندى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقا تەرەپنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشنى، بۇرۇندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى داكار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063 ـ يىل قارالمىسى» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئېندايىشىمىيې مۇنداق بىلدۈردى: بۇرۇندى ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ كەلدى. بۇرۇندى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قىممەتلىك قوللىشىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونى دۆلەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى دائىملىق ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. بۇرۇندى تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. بۇرۇندى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ. بۇرۇندى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن دېھقانچىلىق، كانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063 ـ يىل قارالمىسى»غا ئۇدۇللىشىپ، بۇرۇندى ۋە ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئافرىقا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئافرىقا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمكارلىق، بۇرۇندى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ـ جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشنى خالايدۇ.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار يۈەن شۇەي، جوۋ شياڭجى) 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چېڭدۇدا 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھەم جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغان گىۋىيانا زۇڭتۇڭى ئالى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىۋىيانانىڭ گەرچە ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. گىۋىيانا كارب رايونىدا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت. بۇلتۇر جۇڭگو بىلەن گىۋىيانا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گىۋىيانانىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى، دۆلەت قۇرۇلۇشى كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلاندى، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. جۇڭگو ـ گىۋىيانا ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، بىر ـ بىرىنى قەدىرلەيدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئورتاق كۆزلەپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو ـ گىۋىيانا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن گىۋىيانا ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو ـ گىۋىيانا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى گىۋىيانانىڭ «تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى 2030» بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. گىۋىيانا تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، گىۋىيانانىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى گىۋىياناغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئېنېرگىيە، كانچىلىق، پۇل مۇئامىلە، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو ـ گىۋىيانا ئىككى دۆلەت خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە يېقىن بولغان مەيدان، تەشەببۇسقا ئىگە. گىۋىيانانىڭ 2024 _ 2025 ـ يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرەسمىي دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو تەرەپ گىۋىيانا تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، گىۋىيانا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2013 ـ يىلى مەن تۇنجى قېتىم كارب رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، كارب رايونىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان توققۇز دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ كارب دۆلەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتۇق. جۇڭگو تەرەپ كارب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشى، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، كارب تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو ـ كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. گىۋىيانا تەرەپنىڭ داۋاملىق جۇڭگو بىلەن كارب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالى مۇنداق بىلدۈردى: گىۋىيانا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئىنتايىن مۇستەھكەم. گىۋىيانا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى 50 يىل دوستانە ئۆتكەن، ھەمكارلاشقان ۋە ئۆزئارا قوللىغان 50 يىل بولدى. گىۋىيانا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا يۈكسەك قايىل، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى يۈكسەك قەدىرلەيدۇ. جۇڭگو گىۋىيانا ۋە كارب رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى، جۇڭگو تەجرىبىسىدىن ھەمبەھرىلەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى گىۋىيانا ۋە رايون دۆلەتلىرىنى ئۇل ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، تېببىي دورا، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. گىۋىيانا جۇڭگونى يۈكسەك ئىشىنىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گىۋىياناغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە يەرشارىۋى خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گىۋىيانا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم، زور تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. گىۋىيانا تەرەپ كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق پائال تۈرتكە بولىدۇ.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن دۇڭشۇ، چېن دى) 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چېڭدۇدا 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھەم جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغان گىرۇزىيە زۇڭلىسى گارىباشۋىلى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭلى ئەپەندى جۇڭگو ـ گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىققا پائال تۈرتكە بولدى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن. جۇڭگو ـ گىرۇزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 31 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. سىز بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ـ گىرۇزىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلايدۇ. ئىككى تەرەپ بۇنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ گىرۇزىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ گىرۇزىيە ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلەر، سىياسىي پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلق قەلبىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گىرۇزىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق كومىتېتى، ئەركىن سودا كېلىشىمى بىرلەشمە كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گىرۇزىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گىرۇزىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىپ، مەن يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇنىڭدىكى مەقسەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تىنچلىق ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگو تەرەپ گىرۇزىيە تەرەپ ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

گارىباشۋىلى مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگوغا كېلىپ چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ھەم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۇ بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەت. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گىرۇزىيە تەرەپنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە، گىرۇزىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، گىرۇزىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. گىرۇزىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى يۈكسەك قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىدۇ. گىرۇزىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش گىرۇزىيە تەرەپكە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گىرۇزىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد ـ سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.