شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چېڭدۇ 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

日期:2023年07月29日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، يې خەنيۇڭ) 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى جىننيۇ مېھمانسارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، چېڭدۇ 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

ئۇلار: ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ۋە رەپىقىسى ئىليانا، ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى، بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېندايىشىمىيې، گىۋىيانا زۇڭتۇڭى ئالى، گىرۇزىيە زۇڭلىسى گارىباشۋىلى ھەمدە خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئېدېر.

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىر ـ بىرلەپ سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىيىمىنى كىيگەن 50 نەپەر ئۆسمۈر ـ بالا سىچۇەن خەلق ناخشىسى «قۇياش چىقىپ شادلاندۇق»نى ئېيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

زىياپەت زالى يېشىللىققا تولغانىدى. سۈرەتتەك گۈزەل سىچۇەن مەنزىرىسى بىلەن دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شوخ، ئوماق قۇت بۇيۇمى «رۇڭباۋ» بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، چېڭدۇ 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۈگۈن كەچتە رەسمىي باشلىنىدۇ. جۇڭگو تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەستايىدىل نەقلەشتۈرۈپ، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا ياشلار تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، ئىزچىل ياشلىق كاتتا مەرىكىسى، ئىتتىپاقلىق كاتتا مەرىكىسى، دوستلۇق كاتتا مەرىكىسى بولۇپ كەلدى. بىز دۇنيا ياشلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ياشلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، دەۋر پۇرىقىغا، ياشلىق سالاپىتىگە ئىگە خەلقئارا تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياش دوستلارنى چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق جەم بولۇپ بىر ـ بىرىنى چۈشىنىش، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش قىياپىتىمىز بىلەن يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ توپلاپ، ھەمكارلىشىپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز. بىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك كەڭ قورساقلىق بىلەن پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىپ، زوقلىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان پوزىتسىيە بىلەن كۆپ خىل مەدەنىيەتكە مۇئامىلە قىلىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چېڭدۇ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، شۇنداقلا جۇڭگودىكى ھاياتىي كۈچى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك شەھەرلەرنىڭ بىرى. كۆپچىلىكنىڭ چېڭدۇ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تۈمەن يېڭى كەيپىياتنى ھېس قىلىپ بىقىشىنى ھەم ئۇنىڭدىن ھەمبەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمەن.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، لى گەنجيې، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شېن يىچىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

قارشى ئېلىش زىياپىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئەزىز مېھمانلار سىچۇەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلاندى.