31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېڭدۇدا داغدۇغىلىق باشلاندى

日期:2023年07月29日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار قاتناشتى


7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى كەچتە، 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. سۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى


7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى كەچتە، 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. شى جىنپىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ياشلىق باھارنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتۈش. 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى كەچتە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ ھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

تۈن پەردىسى ئاستىدا، دۇڭئەنخۇ تەنتەربىيە باغچىسىنىڭ ئاساسىي تەنھەرىكەت مەيدانىدا چىراغلار چاقناپ، رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ تۇراتتى. باشلىنىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېڭدۇدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ھاياتىي كۈچكە تولغان ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، نەق مەيدان كەيپىياتىنى ئەۋجگە كۆتۈردى.

سائەت 19دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئېدېر قاتارلىقلار بىلەن بىللە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، كۆرۈرمەنلەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

مەيداننىڭ مەركىزىدە، جۇڭگو مەدەنىيەت مىراسلىرى بەلگىسى بولغان «قۇياش سۇمۇرغى» جانلىق ئايلىنىپ، 12 ئالتۇن نۇر چاقناتتى. ساليۇتلار بوشلۇقتا تەتۈر ساناق سانىنى نامايان قىلدى، پۈتۈن مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر سانغا ئەگىشىپ تەڭ توۋلىدى. ئالقىش ساداسى ئىچىدە، رەڭگارەڭ ساليۇتلار كېچە ئاسمىنىدا چاقنىدى. چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى.

دالياڭشەن بالىلىرى ئېيتقان «دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بايرىقى ھەقىقەتەن گۈزەل» ناملىق ناخشا ۋە 56 مىللەت ياشلىرى ئورۇنلىغان «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق خور ساداسىغا ئەگىشىپ، سەككىز ھۆرمەت قاراۋۇلى مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ نەق مەيدانغا كىردى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، كۆكتە جەۋلان قىلدى.

سائەت 20دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى باشلاندى، 113 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى سىچۇەن كىمخابى نەقىشى چۈشۈرۈلگەن «كىمخاب كەشتە يولى»نى بويلاپ ئارقا ـ ئارقىدىن مەيدانغا كىرىپ، پۈتۈن مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ساھىبخانا دۆلەت جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كىردى، شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيدان قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى، ئالقىش تەنتەنە سادالىرى كەينى ـ كەينىدىن ياڭرىدى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 700دىن ئارتۇق ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچى 411 بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 18 چوڭ تۈردىكى ھەممە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇەي جىنپېڭ سۆز قىلىپ، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، تېخنىكىلىق باشقۇرغۇچىلار، مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياشلىق سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى مۇستەھكەملىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئېدېر سۆز قىلغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە سىچۇەن ئۆلكىسى، چېڭدۇ شەھىرى ھەمدە بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۈمىدنى يەردە قويمايدىغان بىر مەيدان تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرگە بولغان گۈزەل تىلىكىنى بىلدۈردى.

سائەت 21دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە، باشلىنىش مۇراسىمى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ: چېڭدۇ 31 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىدى، شۇ ھامان، پۈتۈن مەيدان قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساليۇتلار بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، «قارشى ئالىمىز» دېگەن خەنزۇچە، ئىنگلىزچە خەتلەر نامايان بولدى.

دۆلىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ياش تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ۋەكىللىرىدىن سەككىز كىشى خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى. خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ ناخشىسىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ بايرىقى ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن بىرلىكتە ئېگىز جەۋلان قىلدى.

تەنھەرىكەتچى تاڭ زىتىڭ، رېپېر ليۇ جياڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تېخنىكىلىق باشقۇرغۇچىلارغا ۋاكالىتەن قەسەم بەردى.

ئارقىدىن «ياشلىقتا ئارزۇغا ئىنتىلىش» ناملىق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ئويۇنى قالتىس ئورۇنلاندى. ئويۇن «ياشلىق نۇرى» «ياشلىق ھاياتىي كۈچى» «ياشلىقتىكى دوستلۇق»تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. «ياشلىق نۇرى»دا جۇشقۇنلۇق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش ئارقىلىق ياشلارنىڭ توختىماي ئىزدىنىش، نۇرغا قاراپ پەرۋاز قىلىشتەك مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشى نامايان قىلىندى؛ «ياشلىق ھاياتىي كۈچى»دە ياش داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كۆرۈنۈش ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتى كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە قايناق ھېسسىيات ئىپادىلەندى؛ «ياشلىقتىكى دوستلۇق» بۆلىكىدە، ياش داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئوماق «دوستلۇق ئەلچىسى مۈشۈكئېيىق» شوخ مۇزىكا ئىچىدە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ياشلىقتىكى جەم بولۇش جەريانىدا دوستلۇق ئورناتتى.

سائەت 21دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاساسىي مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمى باشلاندى. ئۆتكەن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئىتالىيەنىڭ تۇرىندىن ئېلىنغان دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بېيجىڭ، خاربىن، شېنجېن، چۇڭچىڭ، يىبىڭ ۋە چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەردە يەتكۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا دۇڭئەنخۇ تەنتەربىيە باغچىسىدىكى ئاساسىي تەنھەرىكەت مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.

مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا «قۇياش سۇمرۇغى» سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس ئوت تەخسىسى ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلدى. ئالەم ئۇچقۇچىسى يې گۇاڭفۇ قاتارلىق 31 مەشئەل يەتكۈزگۈچى مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى. ھەممەيلەننىڭ دىققەت نەزەرىدە، مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەر مۇقەددەس ئوت تەخسىسى ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، قولىدىكى مەشئەل ئارقىلىق «قۇياش سۇمرۇغى»غا ئوت تۇتاشتۇردى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۈچلۈك نۇر چاقنىدى. دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى لاۋۇلداپ يېنىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇياش نۇرىدەك پارلاق گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

«دۇنيانى يورۇتۇپ، ھاياتلىق ناخشىسىنى ئاڭلايلى» «كەلگۈسىنى يورۇتۇپ، گۈزەل كېلەچەككە نەزەر سالايلى»... ياش داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى مۇقەددەس ئوت ئاستىدا خۇشال ـ خۇرام جەم بولۇپ، باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ باش تېمىلىق ناخشىسى «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نى بىرلىكتە ئېيتتى، پۈتكۈل تەنھەرىكەت مەيدانى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.

باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلاردىن: ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ۋە رەپىقىسى ئىليانا، ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى، بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېندايىشىمىيې، گىۋىيانا زۇڭتۇڭى ئالى، گىرۇزىيە زۇڭلىسى گارىباشۋىلى بار.

ۋاڭ يى، لى گەنجيې، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شېن يىچىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق ئىجرائىيە ھەيئەتلىرىمۇ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.