شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年07月28日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، دۇڭ شياۋخۇڭ) 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چېڭدۇدا 31 - نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ھەم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر، مەن بىلەن زۇڭتۇڭ جوكو ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچقانىدۇق. دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە ماس كەلگەن، بىر - بىرىنى تەرەققىيات پۇرسىتى قىلغان بولۇپ، مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان سەپەرداشلار، ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ بۇ يىل ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ھىندونېزىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرداش بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈلگىسىنى يارىتىپ، رايون ۋە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى «2 + 2» سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ئورنىتىشنى خالايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ «يەرشارىۋى دېڭىز - ئوكيان تايىنىش نۇقتىسى» تەسەۋۋۇرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۈرنىڭ يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۇنىۋېرسال كەسىپلەر باغچە رايونى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» ۋە «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پايتەخت قۇرۇلۇشى ۋە شىمالىي كالىمانتان سانائەت باغچىسىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، ھىندونېزىيە بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش بويىچە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋارلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى يۇقىرى سۈپەتتە يولغا قويۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلارنى يۆلەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەسپىي مائارىپ، تىل ئوقۇتۇشى، تېببىي دورا - سەھىيە، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل مېنىڭ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»گە كىرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ھىندونېزىيەنىڭ بۇ يىللىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئىستراتېگىيەلىك ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلىشىنى، رايون مۇقىملىق مەركىزى، تەرەققىيات ئېگىزلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە پۈتۈن يەرشارىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

جوكو مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر مەن بالى ئارىلىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى كۈتۈۋالغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يەنە نۇرغۇن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا بۇ يىل 8 - ئايدا قەرەلىدە قاتناش باشلىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپ پائال قاتناشقان ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پايتەخت قۇرۇلۇشى ۋە شىمالىي كالىمانتان سانائەت باغچىسىنى ئېچىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولماقتا. ھىندونېزىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەبلەغ سېلىش، دېڭىز - ئوكيان بېلىقچىلىقى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ھىندونېزىيە پائال قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللىغانلىقىغا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون رامكىسىدىكى مەركىزىي ئورنىنى قوغداشنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا يەتكۈزۈش، سەھىيە، بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمدە ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پايتەختى، جۇڭگو - ھىندونېزىيە «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.