31 - نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە سىچۇەن چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى 31 - نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ.