7- ئاينىڭ 24- كۈنى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە يېڭىدىن ئىش باشلاش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.
2023- يىلى، مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردىكى 53 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتە يېڭىدىن ئىش باشلاش پىلانلانغان بولۇپ، 8 مىليون 650 مىڭ ئائىلىگە چېتىلىدۇ. 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردىكى 42 مىڭ 600 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، 7 مىليون 420 مىڭ ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈلدى، ئولتۇراق رايون سانى بويىچە ھېسابلىغاندا ئىش باشلاش نىسبىتى %80.4كە يەتتى.
گۇيجوۋ، خېبېي، خۇبېي، جياڭسۇ، جياڭشى، خۇنەن، شەندۇڭ، چۇڭچىڭ، جېجياڭ، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق 11 ئۆلكىدە ئىش باشلاش نىسبىتى %95تىن ئاشتى.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جىن شياۋشى)