دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش

日期:2023年07月23日
来源:新疆日报网
【字体:

− 2023 ـ يىلى يىل ئوتتۇرىسىدا جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىگە قايتا نەزەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خاۋ ۋېيۋېي

تومۇز كۈنلىرى كەلدى، يىلنىڭ يېرىمى ئۆتتى. 2023 ـ يىلى كىرگەندىن بۇيانقى جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىگە قايتا نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ يېڭى ھېكايىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن قالتىس نامايان بولۇپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇردى ۋە ماختاشقا ئېرىشتى.

بۇ ھېكايىلەردە، ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيە داھىيلىرىنىڭ «بۇلۇت»تا بىر يەرگە جەم بولۇشى بار، جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كىرېمىل سارىيىدىكى چوڭقۇر سۆھبىتى بار، جۇڭگو ـ فىرانسىيە رەھبەرلىرىنىڭ «ئېگىز تاغ، ئېقىن سۇ» ناملىق لىرىك گۇچىن مۇزىكىسىدىن ئورتاق ھۇزۇرلانغانلىقى بار، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق بەرپا قىلغان دوستلۇق ئورمىنىنىڭ يېشىللىق تۈسى بار؛ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئۇچۇپ ئۆتكەن ئۇزۇن يوللۇق زىيارەت بار، ۋاقىت پەرقىدىن ھالقىغان يېرىم كېچىدىكى تېلىفوندا سۆزلىشىش بار، سەمىمىي، ئوچۇق ـ يورۇق ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش بار، يېزىشقان خەتلەرنى ئوقۇپ يۈزتۇرا كۆرۈشكەندەك ھېسسىياتتا بولىدىغان ئىللىق ھەمتۈرتكە بولۇش بار. بىر قېتىم دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش، ئىككى مەيدان مۇھىم، زور ئاساسىي مەيدان كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەسى، نەچچە مەيدان سىنلىق دىپلوماتىيە پائالىيىتى، 30 نەچچە چەت ئەل تەرەپ زاتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش، كۆرۈشۈش...

دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى بىزنىڭ بۇ كۆك رەڭلىك پىلانىتىمىزدا مەۋج ئۇرماقتا. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشىدا، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، «ئېنىق جۇڭگو» ئارقىلىق «ئېنىقسىز دۇنيا»غا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ ئېلىپ كېلىدىغان تىرىشچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى.

(1)

ئۇزاق مۇددەتلىك ئەجىر سىڭدۈرۈش داۋامىدا، يېڭى باشلانغان يىل ھالقىسىدا، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى تېرىغان ھەربىر تال ئۇرۇق ئۈزلۈكسىز يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى.

3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى بېيجىڭ كېچىسى، بىر مۇھىم خەۋەر دۇنيانى ھەيران قالدۇردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ بېيجىڭ سۆھبىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلدى. سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى»دە مۇنداق بىر بۆلەك تەھلىل يېزىلدى: «بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا جۇڭگو رەھبىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇشى ھەمدە بۇ يىل 2 ـ ئايدا جۇڭگو ـ ئىران دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئۇچرىشىشى جۇڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلام دىپلوماتىيەسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ يارىشىپ قېلىشىدىكى سىياسىي ئاساسنى بىۋاسىتە مۇستەھكەملىگەنلىكىدىن دېرەك بەردى».

نېمە ئۈچۈن بېيجىڭدا بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن جۇڭگو بولىدۇ؟ ھەرقايسى دۆلەت كۆزەتكۈچىلىرى كېلىشىۋالغاندەكلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى «ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ كەم ئۇچرايدىغان بايلىق» − ئىشەنچنى تىلغا ئالدى. ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو رەھبىرىنىڭ يەتتە يىل ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران تۇيۇقسىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ۋاقىتتا، كېلىشكىنى بويىچە كەسكىن ھالدا ئىككى دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان جاسارىتى، ھەربىر ئالاقىلىشىش جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران رەھبەرلىرى بىلەن ئورناتقان دوستلۇقى؛ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا پايدا ـ مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئوتتۇرا شەرق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە باشتىن ـ ئاخىر ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى چىڭ ساقلاش، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەتكە خاس كەڭ قورساقلىقى. ئۇششاق ئىشلار جۇڭگو ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرقتە مەدھىيە جۇغلىدى؛ بوشاشماي كۈرەش قىلىش سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ مەيدان ياراشتۇرۇش دىپلوماتىيەسى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بىر ئابىدە بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىزدىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى جاكارلىدى.

«بۇ يىل، مېنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى. بۇ تەشەببۇسنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى يىراق ـ يېقىندىكى ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىدىغان، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدىغان <بەخت يولى>نى ئېچىشتىن ئىبارەت.» ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى 2 ـ نۆۋەتلىك ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەشەببۇسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق ئېنىق چۈشەندۈردى.

1 تىرىليون دوللارغا يېقىن سېلىنما كۆلىمىگە تۈرتكە بولدى، 3000دىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرىنى شەكىللەندۈردى، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە 420 مىڭ خىزمەت ئورنى يارىتىپ بەردى... تۈركۈم ـ تۈركۈم سانلىق مەلۇماتلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئون يىللىق مول نەتىجە قەغىزىنى شەكىللەندۈردى. «جۇڭگو تەرەپ 3 ـ نۆۋەتلىك <بىر بەلباغ، بىر يول> خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇنبەر پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان بۇ بەخت يولىنى بىرلىكتە تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يىراقلارغىچە تۇتاشتۇرايلى»، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا يېڭى «يىپەك يولى تەكلىپى»نى چىقاردى.

10 يىلدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئېچىپ، دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراققا ئايلاندى. «يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش» «تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» «يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى يېڭى دەۋرىنى بىرلىكتە ئېچىش» «ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش» «جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى، ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش»... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى پائالىيىتىنى رەتلىگەندە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن قىلغان سۆھبىتى ۋە ئالاقىسىدە، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى رايونلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاندا، «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ئارقا ـ ئارقىدىن ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى، ئۇنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئورتاق تونۇش بارغانسېرى كېڭەيدى، ھاسىل بولغان ئورتاق سادا بارغانسېرى كۈچەيدى.

ياز باشلانغان 5 ـ ئايدا، قەدىمىي پايتەخت شىئەندە، جۇڭگو ئىدىيەسى يەنە شانلىق پەيتنى كۈتۈۋالدى. تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو _ ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جۇڭگو _ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجىسىگە ئايلاندى. باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تەرەپ پائالىيىتىدە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ئۈچ دۆلەتتىن كېيىن، جۇڭگو قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئىككى دۆلەت بىلەنمۇ ئىككى تەرەپ قاتلىمىدا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلىدى. بۇ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم رايون كۆپ تەرەپ ۋە ئىككى تەرەپ قاتلىمىدا تولۇق ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ئاۋسترالىيە تاراتقۇسى باھالاپ مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ كەلگۈسىدە ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتىدۇ، شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان كەلگۈسىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى.

(2)

«دۇنيا قايسى تەرەپكە يۈزلىنىدۇ؟ تىنچلىققىمۇ ياكى ئۇرۇشقىمۇ؟ تەرەققىياتقىمۇ ياكى چېكىنىشكىمۇ؟ ئېچىۋېتىشكىمۇ ياكى بېكىنىۋېلىشقىمۇ؟ ھەمكارلىشىشقىمۇ ياكى قارشىلىشىشقىمۇ؟ بۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان دەۋر سوئالى.» يېڭى دەۋردە جۇڭگو ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈش، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەشتەك ئىلگىرىلەش روھىدا، دۇنيانى قەلبىگە پۈكىدىغان، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيانى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ياخشى ئۇسۇل، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى مۇجەسسەملەيدىغان كۈچ بىلەن سىجىل تەمىنلىدى.

3 ـ ئايدىكى باش باھاردا، جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى، دۇنيا يەنىلا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان جۇڭگونىڭ دۇنياغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقاندا، ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆھبەت يىغىنىدا بۇنىڭغا ئەڭ يېڭى جاۋاب بېرىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ مەيدان سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر مەيدانىدىكى يېڭى قىزىق نۇقتا سۆزىگە ئايلاندى.

يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدىن يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغىچە، يەنە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغىچە، دۇنيا ھەر خىل خىرىس، قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراۋاتقان ئېغىر پەيتتە، جۇڭگو بېغىشلىغان سىستېمىلىق لايىھە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۈمىدىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بولغان يېڭى ئويلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تايانچقا ئايلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى پەن جىۋېن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ داۋاملىق تۈردە رەھبەرلىك كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.» ئامېرىكا ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى باتېس گىل مۇنداق قارىدى: «ئۈچ چوڭ تەشەببۇس»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىقتىسادىي كۈچتىن باشقا، جۇڭگونىڭ بىر يېڭى ساھەدە ئەۋزەللىكى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىشقا باشلىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئىدىيە ساھەسى.

ئىدىيە جەھەتتىكى يېتەكلىگۈچى، شۇنداقلا ھەرىكەت جەھەتتىكى ئالدىن يۈرگۈچى. ئىتتىپاقلىقنى بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ھەمكارلىقنى قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى باشقىلارنى چەتكە قېقىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش − جۇڭگو دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بوشاشماي تىرىشتى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىنى باشلاپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يېڭى كەلگۈسى، يېڭى ئارزۇنى پىلانلىدى، شۇنداقلا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاقىلانە سادا جۇغلىدى، پايدىلىق شارائىت توپلىدى. جۇڭگو ـ رۇسىيە باشلىقلىرى كىرېمىل سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، رۇسىيە تاراتقۇسى بىرىنچى ۋاقىتتا مۇنداق خەۋەر ئېلان قىلدى: «پۇتىن: جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا لايىھەسىنى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ».

موسكۋا سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى كېيىنكى تۈر كۈنتەرتىپىگە ئۆتتى. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 4 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئافرىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ قىتئەدىكى يەتتە چەت ئەل تەرەپ رەھبىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى كۈتۈۋالدى. 3 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇدا ئۈچ مەيدان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشقا قاتناشتى؛ 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن 7 ـ كۈنىگىچە، بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ ئىككى جايدا ئالدىراش بولدى. ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىلىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا ئالاقىسى قايتا باشلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ باھاردىكى سىمفونىيەسى ھەممە يەردە ياڭرىدى.

يۈزتۇرا ئالاقىلىشىش قىزغىنلىقى بار، يەنە خەت ـ چەك دىپلوماتىيەسى ھارارىتىمۇ بار. سەمىمىيلىككە تولغان خەت ـ ئالاقىلەر بېيجىڭدىن ئەۋەتىلىپ، ۋېنگرىيەدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، بېنگال دۆلىتىدىكى بالىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى، گىرېتسىيەلىك ئالىملار، ئەرەب داڭلىق سەنئەتكارلىرى، بېلگىيەلىك دوستانە زاتلار، جۇڭگو ـ ئامېرىكا گۇلىڭ رىشتى ۋە جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇز يېرىش روھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىغا يەتكۈزۈلدى. بىرقاتار ئالاقىلىشىش ھېكايىلىرى ئەسلىنىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد دوستلۇق ئەلچىلىرىگە سالام يوللاندى، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يولى بايان قىلىندى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش سۆزلەندى... باھار يامغۇرىدەك ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى، ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان دۆلەت باشلىقى ئاممىۋى دىپلوماتىيەسى ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدىغان قىلدى، شۇنداقلا تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان، ھەمكارلىشىشنى كۆزلەيدىغان، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جۇڭگو ئىدىيەسىنى خەلق ئارىسىغا چۆكۈردى، قەلبلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزدى.

چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ھەم نەزەر دائىرىنىڭ كەڭلىكى، مەنزىلنىڭ بۈيۈكلۈكى، ئىدىيەنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا، ھەم شەكىلنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكى، قاتلامنىڭ موللۇقى، ھەرىكەتنىڭ پۇختا بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. كۆپ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا چوڭ سەھنىسىدە، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو تولۇپ تاشقان كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىشنى ئاساسىي مېلودىيە قىلىپ، ئېتىقاد بىلەن ئىشەنچ، ھەرىكەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتەك كۈچلۈك مېلودىيەنى ياڭراتتى.

(3)

دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ئۆركەشلەپ كەلدى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ دائىملىق ھالىتى بولغان كۆپ خىللىق گۈللەنمەكتە، بۇ بىر قاتار تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە، جۇڭگو ئەڭ ئاچقۇچلۇق روللارنىڭ بىرى.

بۇ يىل 3 ـ ئايدا، ئەنگلىيە ئىقتىساد تەتقىقات ئاپپاراتى شياڭگو ماكرولۇق مەسلىھەت بېرىش شىركىتى بىر تۈرلۈك ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى: 2022 ـ يىلى، سېتىۋېلىش كۈچى تەكسە باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، يېڭىدىن گۈللەنگەن بەش چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىدىن تەركىب تاپقان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى غەرب يېتەكچىلىكىدىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىدىن ئېشىپ كەتكەن. «يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە زور بىر تۈركۈم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلقارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى»، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ كۆرسەتكەن «يېقىنقى دەۋردىن بۇيانقى خەلقارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى ئەڭ ئىنقىلابىيلىققا ئىگە ئۆزگىرىش» تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا.

دۇنيا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ قۇدرەتلىك تومۇر سوقۇشىنى بارغانسېرى كۈچلۈك ھېس قىلماقتا − بۇ، ماددىي كۈچنىڭ ئېشىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىۋى دۇنيانىڭ ئويغىنىشى. ئۇلار يەرلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ ھەم ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ ھەيۋەتلىك دەۋر چوڭ دولقۇنىدا، جۇڭگو ئېنىقكى، باتۇرلۇق بىلەن دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان «ئەزىمەت». كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىياتنىڭ ياخشى چارىسى ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىۋاتقاندا، غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىشى بارغانسېرى قىيىن بولدى، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى سىستېمىلىق بايان غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر مەنزىرىنى نامايان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ «گۈللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش»ىنى يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. «بىز زادى قانداق زامانىۋىلىشىشقا ئېھتىياجلىق؟ قانداق قىلغاندا زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟» قاتارلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار سوئاللارغا قارىتا، يەنە دۇنياغا ئىشەنچ بىلەن مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ خەلقچىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك» «مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ كۆپ خىللىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك» «توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك» «ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىنى كۈچەيتىش كېرەك» «جاسارەتلىك ـ غايىلىك بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش رەھبەرلىكىنىڭ قەتئىيلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

بارغانسېرى كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت جۇڭگوغا يۈزلىنىپ، جۇڭگوغا قۇچاق ئېچىپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىدارە قىلىش ئىلھامىغا ئېرىشىپ، تەرەققىيات ھوقۇقىنى بىرلىكتە قوغداپ، گۈللىنىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا كېسىلى ئەمدى ساقىيىپلا، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي جۇڭگوغا كەلدى. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: مەن زور كۆلەمدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ 3 ـ قېتىم جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم ۋە ئىپتىخارلاندىم، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، كېڭەيتىشىنىڭ بىرازىلىيەنىڭ «قايتا سانائەتلەشتۈرۈش» مۇساپىسىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىملىق ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەربىر ئوبلاستنىڭ بىر رايونىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى رامكىسى ئىچىدە نامراتلارنى ئازايتىش ھەمكارلىق شۆبە كومىتېتىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى، جۇڭگو تەجرىبىسى ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا ئەمەلىيلەشتى.

ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىللە ماڭغۇچى، شۇنداقلا يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىدىكى سەپەرداش. 2023 ـ يىلى كىرگەندىن بۇيان، باش ئىشتابى جۇڭگوغا ماكانلاشقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدىغان ئىككى كۆپ تەرەپلىك سۇپا ئەزالارنى كۆپەيتىش مۇساپىسى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ھەسسىلەپ تارتتى. بىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئىران 9 ـ ئەزا دۆلەت بولدى، بېلارۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدە رەسمىي ئەزا بولۇشىدىن ئۈمىد بار. يەنە بىرى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدىكى بايراقدار تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارغانسېرى كۆپ دۆلەتكە كۈچلۈك ماگنىتسىمان سۈمۈرۈش ئېففېكتى پەيدا قىلدى. بۇ يىل 6 ـ ئايدا، ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرو تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا يېڭى تەرەققىيات بانكىسى باش ئىشتابىغا بېرىپ، بۇ تەشكىلاتقا كىرىش ئىلتىماسىنى سۇندى. بېنگال، مىسىر، ئىران، ئارگېنتىنا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، نىگېرىيە، ئېفىيوپىيە... كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كۆپەيدى.

«يەرشارىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەركىزى غەربتىن شەرققە قاراپ تېز سۈرئەتتە يۆتكەلدى، جۇڭگو بولسا بۇ ھەرىكەتنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ.» بىرازىلىيە يەرشارى تور بېكىتى ئەنە شۇنداق باھا بەردى. تارىخنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزگەرمەس ھالەتتە ئەمەس. يېڭى دەۋردە جۇڭگو كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقماقتا.

(4)

«جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، بىز دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولىدىغان كونا يولدا قەتئىي ماڭمايمىز، بەلكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.» بۇ جۇڭگونىڭ قەسىمى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى.

يېتىپ كەلگەنلەر بار، يولدا كېلىۋاتقانلار بار، يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغانلار بار، «يۈرۈڭلار، جۇڭگوغا بارايلى» ھالىتى يېڭى دولقۇنغا ئايلاندى. كەينى ـ كەينىدىن شەرققە يېتىپ كېلىۋاتقانلار ئىچىدە چەت ئەللەرنىڭ سىياسىي ساھەدىكى ئەربابلىرى بار، يەنە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىمۇ بار؛ دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەتلەر بار، يەنە يولنى يىراق كۆرمەيدىغان كونا تونۇش، يېڭى دوستلارمۇ بار. بەزى ئالىملار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، غەرب ۋە «جەنۇبىي يەرشارى»دىن كەلگەن ئاساسلىق دۆلەتلەر بېيجىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ھەققىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەنمەكتە.

«يۈرۈڭلار، جۇڭگوغا بارايلى» − ھەم جۇڭگونىڭ كۈچى، جۇڭگودىكى مەنپەئەت ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ ئەدەپ ـ قائىدىسى، جۇڭگونىڭ ھەققانىيلىقى، جۇڭگونىڭ يولى ئۈچۈن.

باراۋەر ھۆرمەت قىلىش، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇشتەك جۇڭگو ئەدەپ ـ قائىدىسى جۇڭگونى تېخىمۇ كۆپ دوست تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ھەمراھ بولدى، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى... زىيارەتكە كەلگەنلەر مەيلى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ باشلىقى ياكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ زۇڭتۇڭى بولسۇن، جۇڭگو ھەممىسىگە ئەتراپلىق ئەدەپ ـ قائىدە بىلەن باراۋەر مۇئامىلىدە بولدى. بۇنداق جۇڭگو ئەدەپ ـ قائىدىسى چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر دەيدىغان دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈردى، «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلماسلىق، بايلار نامراتلارنى ھاقارەتلىمەسلىك»تىن ئىبارەت دىپلوماتىيە روھىنى نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغان دىپلوماتىيە كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنى كۆرگەندە، باربادوس زۇڭلىسى موتېللى ئالدى بىلەن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «رەئىس ئەپەندى، بىزنى ئىنتايىن ئوچۇق قوللۇق ۋە قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغىنىڭلار ئۈچۈن سىزگە ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىز.» جۇڭگو تەرەپ ھەربىي ئوركېستىرى ئالايىتەن ئورۇنلىغان بىرازىلىيەنىڭ داڭلىق مۇزىكىسى «يېڭى دەۋر»نى ئاڭلاپ، بىرازىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئىختىيارسىز جور بولۇپ ئېيتىشقا باشلىدى، بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز دوستانە دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشقان ھەم دوستلۇق ئورناتقان <يېڭى دەۋر>دە ياشاۋاتىمىز!»

دوستلۇقنى ئۇلۇغلايدىغان، ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان جۇڭگو ھەققانىيلىقى جۇڭگو ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھۆرمىتىنى قولغا كەلتۈردى.

چېخنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى زېمان ۋەزىپىسىدىن بوشاشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس بۇ كونا دوستى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئۆتمۈشتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئەسلەپ، جۇڭگو ـ چېخ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالدى؛ كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخانى مونىلې سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈتۈش، دەم ئېلىپ كۈتۈنۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئۇلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، «بۇ يەر سىلەرنىڭ ئائىلەڭلار، ئائىلەڭلارغا قايتقىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز.» ئىللىق سۆزلەر نەق مەيداندىكى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى؛ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىل دەل 70 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىگە توغرا كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن كەچلىك تاماقنى بىللە يېدى، شىمالىي شەنشىنىڭ قىزغىنلىققا تولغان مەدداھلىقى، ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان شەنشى تۇغۇلغان كۈن ئۈگرىسى جۇڭگونىڭ قويۇق دوستلۇقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. مەيلى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى قىممەتلىك ياردەم بولسۇن ياكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدىكى پۈتۈن كۈچى بىلەن قىلىنغان ياردەم بولسۇن، مەيلى پەلەستىنلىك دوستلار ئۈچۈن ئادالەت يولىدا ھەق سۆزلەپ، ئادالەتنى ياقلاش بولسۇن ياكى ئافرىقىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر قۇتۇپقا ئايلىنىشىنى قەتئىي قوللاش بولسۇن... جۇڭگونىڭ بۇنداق ھەققانىيلىقىنى چەت ئەل رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئېسىدە مەھكەم ساقلىدى.

ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالىدىغان، ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ياشايدىغان جۇڭگو يولى دۇنيانى جۇڭگودىن ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ جۇڭگو يولى سەمىمىي سۆزلەردە ئىپادىلەندى − فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ماركوس بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ «پەرق» بىلەن «ئوخشاشلىق»نىڭ دىيالېكتىكىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، تۈزۈلمىسى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىياتقا ئىنتىلىش يولىدىكى نىشانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يولى تۇتاش، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.» بۇ جۇڭگو يولىنى مېھمان كۈتۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ − رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشكەن يىغىن مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا «ئىناق» ۋە «ھەمكارلىشىش» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان نېلۇپەر تەشتەك مەنزىرىسى تىزىلدى، «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش» دەل جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولى.

بۇ جۇڭگو يولى تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرغانلىق، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئاسرىغانلىق. «جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە، ئەزەلدىن ئۇرۇشخۇمارلىققا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا، دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولۇشقا قارشى تۇرۇپ كەلدى.» «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇستەملىكە قىلىش، تالان ـ تاراج قىلىشتەك كونا يولدا ماڭمايدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولىدىغان ئەگرى يولدا ماڭمايدۇ، ماڭىدىغىنى تىنچلىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يول.»... مەيلى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش بولسۇن ياكى جۇڭگوچە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يولىغا كۈچ چىقىرىش جەھەتتىن بولسۇن؛ مەيلى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، «ئۈچ چوڭ تەشەببۇس»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بولسۇن ياكى بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىدىغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىشتا بولسۇن، جۇڭگو «ئىناقلىق ـ ھەمكارلىق يولى»نى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئىناقلىق ـ ھەمكارلىق كۈچى»نى مۇجەسسەملەپ، باشتىن ـ ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر: «دىپلوماتىيە پەلسەپەسى» بولۇشى، دىپلوماتىيەنى پەقەت «مەمۇرىي ئىش» دەپلا قارىۋالماسلىق كېرەك، دېگەن. بەزى ئالىملار جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ دىپلوماتىيە پەلسەپەسىنى سېلىشتۇرۇپ، جۇڭگو دۇنياغا كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن گەۋدە ئېڭى بىلەن قارايدۇ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە پەلسەپەسى «ھەمكارلىق ئاساسىي گەۋدە پەلسەپەسى»، غەرب بولسا ئىككى مەنبەلىك قارىمۇقارشى تەپەككۇر بىلەن دۇنيانى ئايرىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇنىڭ دىپلوماتىيە پەلسەپەسى «توقۇنۇش ئاساسىي گەۋدە پەلسەپەسى» دەپ قارىدى. قايسى خىل دىپلوماتىيە پەلسەپەسى دەۋر روھىنى ئەڭ نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلەيدۇ، قايسى خىل دىپلوماتىيە پەلسەپەسى كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ مايىل قىلالايدۇ، داغدام يولدا ماڭغانلىق ھېسابلىنىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى تەرەپتىكى زاتلار جۇڭگوغا يۈزلەنگەن قەدىمى ئارقىلىق تاللىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«قۇدرەت تاپقان» جۇڭگوغا نىسبەتەن، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرى: «جۇڭگو تىنچقەد كۆتۈرۈشى نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟»دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئەگەر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق توغرىسىدىكى بۇ جۇڭگو ھېكايىلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ باقساق، ئەگەر دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدايدىغان بۇ جۇڭگو لايىھەلىرى، جۇڭگو ھەرىكەتلىرىنىئوبيېكتىپ، ئاقىلانىلىك بىلەن كۆرۈپ باقساق، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىۋاتقان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈش يېڭى يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىغا، تەقدىرداش بولىدىغان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىغا تېخىمۇ ھەقىقىي ئىشىنەلەيمىز.

2023 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدىب سۇ شىنىڭ «تەپەككۇر ئارقىلىق ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى» دېگەن ئەسىرىدىكى «ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش كېرەك» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى نەقىل كەلتۈردى. ئەتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى، ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، جۇڭگو داۋاملىق دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ مېڭىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇزاققىچە ئىلگىرىلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)