«19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 3 - قىسمى نەشر قىلىندى

日期:2023年07月22日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 3 - قىسمى مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

«19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 3 - قىسمىغا 2020 - يىلى 10 - ئايدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىنكى مەزگىلدىن 2022 - يىلى 10 - ئايدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىكى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 74 پارچە، تەخمىنەن 653 مىڭ خەت. بۇنىڭ ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسىدىن 37 پارچە، مەركىزىي كومىتېتتىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ماقالىسىدىن 15 پارچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدىن 22 پارچە بار. 12 پارچە مۇھىم ھۆججەت - ئەسەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

بۇ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانمىدا، مۇشۇ مەزگىلدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، 3 - تارىخىي قارارنى تۈزۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن؛ پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى تولۇق نامايان قىلىنغان؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەرپا قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيە، چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە ياراتقان يېڭى تەجرىبىلەر مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

«19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 3 - قىسمى ئىلگىرى نەشر قىلىنغان 1 - قىسمى، 2 - قىسمى بىلەن مۇكەممەل بىر يۈرۈش بولۇپ شەكىللىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىنى مۇھىم دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.