سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى: ئالداپ، ئازدۇرۇپ قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال چۈشۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي ئاپتوماتىك داۋاملىق ھەق تاپشۇرغۇزۇش قاتارلىق ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدۇ

日期:2023年07月21日
来源:新疆日报网
【字体:

7- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، باش ئىنژېنېرى جاۋ جىگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆلچەم، قائىدىلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال دۇكىنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال قاتارلىق مۇھىم ھالقىلار چىڭ تۇتۇلۇپ، كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ قوللىنىش پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ساھەلەر يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنى ماسلاشتۇرۇلۇپ، قېلىپلاشتۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىنىدۇ. تېلېگراف مۇلازىمىتىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كۆرسەتمىسى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىپ، كارخانىلار مۇلازىمەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە يېتەكلىنىپ، ئاممىنى خاتىرجەم، رازى قىلىدىغان ئۇچۇر ئىستېمال مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ.

كۆچمە ئالاقە تورى قوللىنىشچان پىروگرامما ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، App ئېتراپ قىلىپ ئىمزا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ساھەلەرنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىرەك بولىنىدۇ. ئابۇنىچىلارنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان ئالداپ، ئازدۇرۇپ قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال چۈشۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي ئاپتوماتىك داۋاملىق ھەق تاپشۇرغۇزۇش قاتارلىق ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدۇ. «پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفوننى رەت قىلىش» مۇلازىمىتى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىغا قارىتىلغان بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تېخنىكا مۇداپىئە ۋاسىتىسى كۈچەيتىلىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

تىجارەت- سودا مۇھىتى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەستىقلاش ۋاقىت چەكلىمىسىنى قىسقارتىش، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تېلېگراف بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى داۋاملىق ئۇرغۇتىلىدۇ. بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق رەقەملىك مۇلازىمەت ۋە ئابۇنىچىلارنىڭ ئاۋاز قوشۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان تېلېگراف مۇلازىمىتى بويىچە توردا بېجىرىش، باشقا جايدا بېجىرىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، كۆچمە ئالاقە تورىنى قوللىنىشنى ياشانغانلار ئىشلىتىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمى ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئابۇنىچىلارنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ سەمىمىي ئۇچۇر خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرى گۇ جۈنلىڭ، كۇڭ لۇيۈەن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

تەرجىمان: روشەنگۈل ئابدۇراخمان