2023-يىللىق جۇڭگو ئالاقە تورى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

日期:2023年07月20日
来源:新疆日报网
【字体:

7- ئاينىڭ 18- كۈنى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يىغىندا تەسىس قىلىنغان رەقەملىك تېخنىكا ۋە ئەمەلىي قوللىنىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش كۆرگەزمە سۇپىسىدا بۇلۇت كومپيۇتېر تېخنىكا لايىھەسىنى ئىگىلىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى

7- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو ئالاقە تورى جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، بېيجىڭ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاخبارات تەشۋىقات مەركىزى بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 2023- يىللىق جۇڭگو ئالاقە تورى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا «رەقەم تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇش» باش تېما قىلىنىپ، دىققەت ئالاقە تورى ئۇل ئەسلىھەلىرى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇغۇرما تەرەققىيات، تورنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن قىزىق نۇقتا بۆلەككە مەركەزلەشتۈرۈلدى، يىغىن 7- ئاينىڭ 20- كۈنى يېپىلىدۇ.

7- ئاينىڭ 18- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان 2003- يىللىق جۇڭگو ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نەق مەيدانى كۆرۈنۈشى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى

7- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو ئالاقە تورى جەمئىيىتى مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ خېچۈەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئالاقە تورى سۇپىسىغا كۈچەش رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشكە كۈچ قوشۇش» تېمىسىدىكى باش تېما لېكسىيەسى سۆزلىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى

7- ئاينىڭ 18- كۈنى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يىغىندا تەسىس قىلىنغان رەقەملىك تېخنىكا ۋە ئەمەلىي قوللىنىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە ئالاقە تورى مەھسۇلاتلىرىنى ئىگىلىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى