ئالتە تارماق شەھەر- يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى پاكىزلاش، تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

日期:2023年07月20日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چېن ۋېيۋېي، يەن فۇجىڭ) دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىشىپ «ئاممىۋى تازىلىق، مۇھىت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى پاكىزلاش، تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جېجياڭنىڭ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبە- ئۇسۇللىرىنى پائال يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، مۇھىت پاكىزلاش، تۈزەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت بەرپا قىلىش كېرەك. پەۋقۇلئاددە چوڭ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەردە «ئادەتتىكى ئەھۋال بىلەن جىددىي ئەھۋالدا تەڭ پايدىلىنىدىغان» ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، رەتلىك، ئازادە ساياھەت قىلىش ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر مۇھىت تازىلىقىنى پاكىزلاش، تۈزەش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، شەھەر- يېزىلاردىكى ئەخلەت ۋە يۇندىنى تۈزەش، داۋالاش تاشلاندۇقلىرى ۋە يۇندىنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، شەھەر- يېزىلار جەمئىيىتىنىڭ ساغلاملىق بويىچە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ساغلام جۇڭگو ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.