بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگونىڭ GDPسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى

日期:2023年07月19日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېي يۈكۇن، جوۋ يۈەن) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 59 تىرىليون 303 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان، 1 - پەسىلدىكىدىن بىر پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پەسىلگە ئايرىپ قارىغاندا، 1 - پەسىلدە GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشتى، 2 - پەسىلدە %6.3 ئاشتى. سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا، 2 - پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %0.8 ئاشتى.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېزا ئىگىلىك (تېرىقچىلىق) قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئاشتى، 1 - پەسىلدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. مۇلازىمەت كەسپىدە ئېشىش بىرقەدەر تېز بولدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى، 1 - پەسىلدىكىدىن بىر پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.

بازاردا سېتىشنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولدى، تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ سىجىل ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشتى، 1 - پەسىلدىكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى؛ مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ (دېھقان ئائىلىلىرىنىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئاشتى.

مال ئىمپورت - ئېكسپورتىدا ئېشىش ھالىتى ساقلاندى، سودا قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئاشتى. ئادەتتىكى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى %4 ئېشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %65.5 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئاھالە ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %5.3 بولۇپ، 1 - پەسىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 19 مىڭ 672 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.5 ئاشتى، 1 - پەسىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى؛ باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %5.8 ئاشتى، ئىككى پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ كۈچەيدى، خەلق ئىگىلىكى قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى چېگىش، مۇرەككەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىش، تەرەققىي قىلىش ئاساسى يەنىلا پۇختا ئەمەس.» فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچتا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.