سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا يېزىلغان جاۋاب قەغىزى

日期:2023年07月19日
来源:新疆日报网
【字体:

− پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ. يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

بۇ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا يېزىلغان بىر پارچە جاۋاب قەغىزى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ قەلبىدە يېزىلغان بىر پارچە جاۋاب قەغىزى −

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشىدا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن جەريانلىق كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئېكولوگىيە مۆجىزىسى ۋە يېشىل تەرەققىيات مۆجىزىسىنى ياراتتى.

ئاسمان تېخىمۇ كۆك، تاغلار تېخىمۇ يېشىل، سۇلار تېخىمۇ سۈزۈك: پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

تومۇز مەۋسۇمى، يانى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى. ئىللىق قۇياش نۇرىدا، ئەگرى - بۈگرى ئايلىنىپ ئېقىۋاتقان نىياڭ دەرياسى يېنىك دولقۇنلىنىپ تۇراتتى، دەريا ئوتتۇرىسىدىكى ئارالچاقلاردا ياپيېشىل دەرەخلەر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

«ھاۋاسى ساپ، مۇھىتى گۈزەل، بۇ يەردە ياشاش ناھايىتى بەختلىك ئىش.» سۇلۇق يەر بويىدا ئولتۇرۇشلۇق شىزاڭ لىنجى شەھىرىنىڭ بايى رايونى لىدىڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ياڭجى لامۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يەردە زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇ يەر ئەمدى كۆپ يىل ئىلگىرىكىدەك قۇم - شېغىل قېزىلىدىغان قاقاس ساھىل ئەمەس.

ئۇ چاغدا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاز، قۇملىشىش ئېغىر بولۇپ، ھەر قېتىم قۇم - بوران چىققاندا كۆزنىمۇ ئاچقىلى بولمايتتى. 2009 - يىلىغا كەلگەندە، لىنجى شەھىرى سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ ئورمان بىنا قىلىشقا قاتناشتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى تەدرىجىي ئۆزگەردى.

قاقاس ساھىلدىن قۇشلار ماكانلاشقان باغچىغىچە، يانى سۇلۇق يېرىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىر جانلىق كارتىنا سۈپىتىدە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىكى پۇختا قەدىمىنى نامايان قىلدى.

ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، تۇمان - تۈتەك كۆپ كۆرۈلۈپ، دائىم قۇم - بوران چىقىپ، دەريانى لەش بېسىپ سېسىپ كەتكەنىدى... 2012 - يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن يەرشارىنىڭ تەخمىنەن %11.5ىنى ئىگىلىدى، ئەمما بىرلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. تەرەققىيات جەزمەن تىپ ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ئاچا يولغا كېلىپ قالدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مىسلىسىز سالماق بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۇتتى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا «بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى قىلىندى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىر قاتار ھەقىقىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ قوشتى.

تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلار ۋە كەسىپ توپلىرى ئومۇميۈزلۈك تۈزەلدى، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش تېزلىتىلدى؛ شەھەر يۇندى تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى؛ پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پارچە كۆمۈردىن بۇلغىنىش ئازايتىلىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى... دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

ئىلگىرى تۇمان - تۈتەك بىلەن قاپلانغان ئاسمان بارا - بارا سۈزۈلدى. 2022 - يىلى، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %86.5كە يەتتى، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى تۇنجى قېتىم %1 ئىچىگە تۆۋەنلىتىلدى.

سۇنىڭ مۇھىت سۈپىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. 2022 - يىلى، مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغان كەسمە يۈز نىسبىتى %87.9كە يەتتى.

بارغانسېرى كۆپ يېشىللىق تاغ - دەريالارغا، بىپايان دالىلارغا كېڭەيدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى ۋە زاپاس مىقدارىدا قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كوچا دوقمۇشلىرىدىكى نەپىس باغچىلار شەھەر ئاھالىلىرىنى «ئېكولوگىيە ئۈچۈن بوشلۇق قالدۇرۇش» داۋامىدا گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلدى.

تەرەققىيات شەكلىدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش: ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنىڭ ماس، بىردەك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنجى ناھىيەسى يۈسۈن كەنتىگە كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى دولقۇنسىمان تاغلار، ئېقىن سۇلار، يېشىل بامبۇكلارغا مەپتۇن بولۇپ قالدى.

20 نەچچە يىل ئىلگىرى «تاش ئىقتىسادى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋەبلىك، يۈسۈن كەنتىنىڭ تاغلىرى «تاقىرباش»قا، سۇلىرى «جاڭيۇ شورپىسى»غا ئايلىنىپ قالغانىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلانغان يۈسۈن كەنتىدىكىلەر كەينى - كەينىدىن كان ۋە سېمونت زاۋۇتلىرىنى تاقاپ، «گۈزەل ئىقتىساد»نى تەرەققىي قىلدۇردى.

2005 - يىلى 8 - ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇ چاغدىكى شۇجىسى شى جىنپىڭ يۈسۈن كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، ئۇ يۈسۈن كەنتىنىڭ ئۇسۇلىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، «دانا تەدبىر» بوپتۇ، دەپ باھا بەردى ھەم تۇنجى قېتىم «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بۇ ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

يىبىن «تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى بىرىنچى شەھەر.» مىنجياڭ دەرياسى بىلەن جىنشاجياڭ دەرياسى بۇ يەردە قوشۇلىدۇ.

ئۈچ دەريا ئېغىزىدا تۇرۇپ شىمالغا نەزەر سالغاندا، بەش كىلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى جاي ئەسلىدە يىبىن دەريا بويى سانائەت رايونى ئىدى، 1943 - يىلى قۇرۇلغان يىبىن تيەنيۈەن خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى قىرغىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر مەھەل 100 مېتىرغىمۇ يەتمەي قالغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى بۇرۇنقى زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ ئورنى چاڭجياڭ باغچىسىغا ئايلاندى. يىراقتىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان سەنجياڭ يېڭى رايونى كۈنسېرى يېڭى تۈسكە كىردى، تيەنيۈەن خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى كەسىپ زەنجىرىنى خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ماتېرىياللىرىغىچە ئۇزارتىپ، يېڭىچە كەسىپ مۇسابىقە يولىغا قەدەم قويدى.

ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا، ھەرقايسى جايلار تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، مۇھىت قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش يولىنى تەدرىجىي تېپىپ چىقىپ، يېشىل، ئايلانما، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم تاشلىدى.

مۇھىتنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، كۆپلىگەن جاي كۆپ مەنبەلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياخشى تاغ - دەريا، ياخشى ئېكولوگىيەنى ئورتاق قوغدىلىدىغان «قىممەتلىك گۆھەر»گە ئايلاندۇردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە -مۇھىتنى قوغداشنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بىلەن بىللە، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 120 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئىككى يىل 12 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى بولۇش ھالىتىنى ساقلىدى.

يېشىللىق پارلاق كەلگۈسىنى نامايان قىلىدۇ: ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشىپ بەرپا قىلىنماقتا

يېقىندا، لۇڭجياڭ ئورمانچىلىق سانائەت گۇرۇھى مۇلىڭ ئورمانچىلىق ئىدارىسى چەكلىك شىركىتى مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى دائىملىق چارلاش - قوغداش جەريانىدا، دالا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئارقىلىق، ياۋايى شەرقىي شىمال يولۋىسى «ۋەنداشەن 1 - نومۇر»نىڭ ئورمان رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئېنىق سۈرىتى، سىنىنى يەنە بىر قېتىم بايقىدى.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا، ئەتىۋارلىق، كەم ئۇچرايدىغان ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر قاتار نېگىزلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك يېشىل تەرەققىيات تۈزۈلمىسى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى −

ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى، تەبىئىي ئورماننى قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. 10 يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 1 مىليارد 20 مىليون مو ئورمان بىنا قىلىش تاماملىنىپ، يېشىللىق كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

2019 - يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا، دۆلىتىمىزدىكى چۆللەشكەن، قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 50 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، 43 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر ساپ ئازلىدى. شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى چۆللىشىش ھەم قۇملىشىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇنجى قېتىم تۇپراقنىڭ چۆللىشىش ۋە قۇملىشىش كۆلىمىدە «قوش ئازىيىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت ئۆسۈملۈك باغچىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم تاشلىنىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇندى.

1 - تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىلىرى يارقىن «نەتىجە قەغىزى» تاپشۇردى: ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىدا چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قوغداش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىدا مۈشۈكئېيىق ياشايدىغان 13 رايوندىكى تۈر توپى ئېكولوگىيە كارىدورى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، %70تىن ئارتۇق ياۋايى مۈشۈكئېيىق قوغدالدى؛ ۋۇيىشەن دۆلەت باغچىسىدا يۈشېن مۈڭگۈزلۈك چارپاقىسى قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى تۈرلەر يېڭىدىن بايقالدى... دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت باغچىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلماقتا.

دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، ھەربىر دەريا، ھەربىر كۆل، ھەربىر پارچە ئورمان ۋە ئوتلاقنىڭ مەخسۇس مۇھاپىزەتچىسى بار بولدى.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى خەلق ئاممىسى ئورتاق قاتنىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىش. يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى، سۇ تېجەش، قەغەز تېجەشتىن ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش، بىر قېتىملىق بۇيۇملار بىلەن خوشلىشىشقىچە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلى جەمئىيەتنىڭ يېڭى كەيپىياتىغا ئايلاندى.

1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىمۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

«پارىژ كېلىشىمى»نى ئىمزالاش، كۈچكە ئىگە قىلىش، يولغا قويۇشقا پائال تۈرتكە بولۇنۇپ، 2030 - يىلىدىن بۇرۇن كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جاكارلاندى... شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاش شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلالايمىز.

(مۇخبىرلار خۇ لۇ، يۈ چيۇڭيۈەن، تيەن جىنۋېن، لو فېي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)