شەرق ئاۋىياتسىيەسى قوبۇل قىلغان ئىككىنچى C919 تىپلىق ئايروپىلان تۇنجى ئايروپىلانغا ھەمراھ بولۇپ شاڭخەي- چېڭدۇ تېز لىنىيەسىدە ئۇچىدۇ

日期:2023年07月18日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى ( مۇخبىر ۋاڭ چېنياڭ، جيا يۈەنكۇن) شەرق ئاۋىياتسىيەسى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى شاڭخەيدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C919 تىپلىق 2- چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى رەسمىي قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، ئايروپىلان شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا ئايروپورتىغا يۆتكىلىپ، شەرق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان ئەترىتىگە رەسمىي «قوشۇلدى». يېڭى بىر C919 تىپلىق ئايرۇپىلاننىڭ يېتىپ كېلىشى شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى سودا خاراكتېرلىك ئىشلىتىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى.

7- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىككىنچى C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا ئايروپورتىغا يۆتكىلىپ، شەرق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان ئەترىتىگە رەسمىي «قوشۇلدى».

بۇ قېتىم شەرق ئاۋىياتسىيەسى قوبۇل قىلغان C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى شەرق ئاۋىياتسىيەسى تۇنجى تۈركۈمدە سېتىۋالغان C919 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، يولۇچىلار بۆلۈمچىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۇنجى ئايروپىلان بىلەن ئوخشاش. 7- ئاينىڭ 14- كۈنى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى شەرقىي جۇڭگو رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شەرق ئاۋىياتسىيەسىگە C919 تىپلىق ئىككىنچى ئايروپىلاننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى تىزىملاش كىنىشكىسى، ئۇچۇشقا ماس كەلگەنلىك گۇۋاھنامىسى، سىمسىز رادىيو ئىستانسىسى ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىپ بەردى، بۇ، مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قائىدىسىدىكى ئۇچۇشقا ماس كېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەردى. شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، ئىككىنچى C919 تىپلىق ئايروپىلان تۇنجى ئايروپىلانغا ھەمراھ بولۇپ، ئالدى بىلەن شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «شاڭخەي خۇڭچياۋ- چېڭدۇ تيەنفۇ» ھاۋا تېز لىنىيەسىدە قاتنايدۇ، كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ.

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى تۇنجى خېرىدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرق ئاۋىياتسىيەسى 2022- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى يەر شارى بويىچە تۇنجى تاپشۇرۇلغان C919 تىپلىق ئايروپىلاننى رەسمىي قوبۇل قىلدى، 2023- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى، شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C919 تىپلىق ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇشنى تاماملىدى. 7- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە، C919 تىپلىق ئايروپىلان جەمئىي 87 قېتىم سودا خاراكتېرلىك قاتنىدى، ئوتتۇرىچە يولۇچى- ئورۇن نىسبىتى %80كە يېقىنلاشتى، مۇلازىمەت قىلىنغان يولۇچى جەمئىي 11 مىڭ 95 ئادەم قېتىمغا يەتتى، سودا خاراكتېرلىك قاتنىغان ۋاقتى 250 سائەتتىن ئاشتى.