بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئومۇمىي ھوسۇل 292 مىليارد 300 مىليون جىڭغا يەتتى

日期:2023年07月18日
来源:新疆日报网
【字体:

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 7- ئاينىڭ 15- كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى 146 مىليون 130 مىڭ توننا (292 مىليارد 300 مىليون جىڭ) بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 274 مىڭ توننا (2 مىليارد 550 مىليون جىڭ) ئازلاپ، %0.9 تۆۋەنلىگەن. بۇ يىل يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى مۇقىملىق ئاساسىدا سەل ئازلاپ، يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىنغان.

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى باھالاشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پايدىسىز ھاۋا رايى شارائىتىغا ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى»، دېدى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېزا مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ گۇيرۇڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىنى چۈشەندۈرۈپ.

يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى سىجىل ئاشتى. 2023- يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 26 مىليون 609 مىڭ گېكتار (399 مىليون 130 مىڭ مو)غا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 785 مىڭ گېكتار (1 مىليون 178 مىڭ مو) كۆپىيىپ، %0.3 ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى ئازراق تۆۋەنلىدى. 2023- يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 5491.8 كىلوگىرام\گېكتار (366.1 كىلوگىرام\مو) بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 64.3 كىلوگىرام \ گېكتار (4.3 كىلوگىرام \مو) ئازىيىپ، %1.2 تۆۋەنلىدى.

ۋاڭ گۇيرۇڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئاساسلىقى خېنەن قاتارلىق جايلاردا كۆرۈلگەن ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدىن بولغان. يازلىق ئاشلىق تېرىلغاندىن بۇيان، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يېتەرلىك بولدى، كۆپ قىسىم ۋاقىتتا ئېتىزلارنىڭ نەملىكى ياخشى بولدى، يېزا ئىگىلىك ھاۋا رايى ئاپىتىنىڭ تەسىرى يېنىكرەك بولدى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بولدى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق شارائىت ئومۇمىي جەھەتتىن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ھوسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق بولدى. ئەمما 5- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا شىمالدىكى بۇغداي تېرىلغان رايونلاردا كەڭ دائىرىدە يامغۇر يېغىپ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق، جەريانلىق يامغۇر مىقدارى كۆپ، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، دان تۇتۇش مەزگىلىدە بۇغدايغا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولماي، 1000 دان ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كەتتى. بولۇپمۇ، خېنەندە ئۇدا يامغۇر يېغىش ۋاقتى بىلەن بۇغداينىڭ پىشىش، ھوسۇل يىغىش مەزگىلى تەڭ كېلىپ قېلىپ، ئېغىر دەرىجىدە «ناچار يامغۇر» تەسىرىدە قىسمەن رايونلاردا بۇغدايلار بىخلىنىپ، يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا قىش ۋە ئەتىيازدا ئۇدا قۇرغاقچىلىق بولۇپ، يۈننەن، گۇيجوۋ قاتارلىق جايلاردا يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى تۆۋەنلەپ كەتتى.