ئىش ئورنى + 860 مىڭ! ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يەنە تۆت مەيدان مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى

日期:2023年07月17日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن16-كۈنىگىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 100 كۈندە ئون مىليون ئادەمنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچەكەركىدانكارخانا، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئالاقە تورى،تېببىي دورا-سەھىيەقاتارلىق ساھەلەردە تۆت مەيدانتوردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشمەخسۇس يىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويغان،17 مىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قاتنىشىپ، 860 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەنگەن.

مەخسۇس، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كەركىدان كارخانامەخسۇس مەيدانىدا 15 كارخانا بار بولۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى، ئېنېرگىيە كەسپى، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، 400دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى مەخسۇس مەيدانىدا 50تىن ئارتۇق كارخانا 1037 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ گۈل بېسىش-بوياش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، رەخت لايىھەلەش، كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئالاقە تورى كەسپى مەخسۇس مەيدانىدا نۇرغۇن ھۆكۈمەت تەرەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىلىرى ۋە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش سۇپىلىرى قاتنىشىپ، دىققىتىنى ئالاقە تورى، ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېچىش ئىنژېنېرى، ئادەم كۈچى بايلىقى، تۈر تىجارىتى قاتارلىق 600 مىڭغا يېقىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

تېببىي دورا-سەھىيە مەخسۇس مەيدانىدا 16 مىڭ 565 كارخانا قاتنىشىپ، كىچىك خىمىيەتلىك بىرىكمە ساپلاشتۇرۇشئىنژېنېرى، ماشىنىسازلىق ئىنژېنېرى، ئالىي بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى ئىنژېنېرى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئايرىپ ساپلاشتۇرۇش مەسئۇلى قاتارلىق 260 مىڭغا يېقىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر جۇڭگو ئاممىۋى تەكلىپ قىلىش تورى (http://job.mohrss.gov.cn)، جۇڭگو دۆلەت ئىختىساسلىقلار تورى (https://www.newjobs.com.cn)، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لىنىيەسى (https://www.jobonline.cn) مەخسۇس ھەرىكەت ئاساسىي يىغىن مەيدانى بېتى ئارقىلىق بىۋاسىتە خىزمەتكە كەسپىي تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدانىغا كىرسە ياكى ئاساسىي يىغىن مەيدانى بېتىنىڭ ئاستىدىكى قاتناشقۇچى ئاپپاراتنىڭ LOGOسىنىچېكىپ شۆبە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ قاتناشسا بولىدۇ.

(مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى لى شىن، يەن سۇ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى