«تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»

日期:2023年07月15日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى

«تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى «تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۈگۈنكى دەۋردە، ئالاقە تورى تەرەققىياتىدا كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلىنىش بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشى ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئالاقە تورىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، ئىزدىنىش ئارقىلىق جۇڭگوچە تورنى ئىدارە قىلىش يولى تېپىپ چىقىلىپ، تور چوڭ دۆلىتىدىن تور كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ چوڭ قەدەم ئېلىندى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ دەۋر بۇرغىسىنى ياڭرىتىش؛ ئەتراپلىق پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى تور تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دەۋر دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، تۈرلۈك ـ تۈمەن يېڭى كەيپىيات جۇش ئۇردى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكى بولىدىكەن، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ نادىر سەھىپىلەر پۈتۈلىدۇ.