@شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دىققەت: چىڭخۇا داشۆنىڭ بۇ ھېس قىلىش لاگېرى تىزىمغا ئالدۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ

日期:2023年07月14日
来源:新疆日报网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ چىڭخۇا داشۆشىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، چىڭخۇا داشۆ8-ئايدا مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ھېس قىلىش لاگېرى ئۆتكۈزىدىكەن، ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققا قىزىقىدىغان شىنجاڭلىقئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى قارشى ئالىدىكەن.

​ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ھېس قىلىش لاگېرى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە چىڭخۇا داشۆتيەنجىن يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق تەتقىقات يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھېس قىلىش لاگېرى مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق تېخنىكىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ۋە ھېس قىلىدىغان سۇپا ۋە كۆزنەك بىلەن تەمىنلەپ، پەن-تېخنىكا بويىچەئالدىنقى قاتاردىكى دوكلاتلار،پەن تەتقىقات ئەسلىھەلىرى ۋە نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، چوڭقۇر ھېس قىلىش، گۇرۇپپا مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى ۋە ھازىر مەۋجۇت بولغان خىرىس، شۇنداقلائالاقىدار پەنلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭبۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

تىزىملىتىشنى خالايدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24كىچە توردا تىزىملاتسا بولىدۇ، تىزىملىتىش سىستېمىسىدا ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىلتىماس جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىپ، باشقا ئىلتىماس ماتېرىياللىرى بىلەن بىللە سىكاننېرلاپ يوللىسا بولىدۇ. تىزىملىتىش تور ئادرېسى:https://admission.join-tsinghua.edu.cn، تىزىمغائالدۇرغان ياكى تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن «ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ھېس قىلىش لاگېرى»نى تاللاپ تىزىملاتسا بولىدۇ.

چىڭخۇا داشۆ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى باھالاپ، لاگېرغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچىلار 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتراپىدا تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىپ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار «تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى»نى بېسىپ چىقارسا بولىدۇ. ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ھېس قىلىش لاگېرىغا قاتنىشىشقا ھەقئېلىنمايدۇ، پونكىت نۇقتىسىغا بېرىش-كېلىش قاتناش ھەققىنى شەخسلەر ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

چىڭخۇا داشۆ ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاگېرغا قاتناشقان مەزگىلدىكى ئۇنىۋېرسال ئىپادىسىگە ئاساسەن، ئەلالىرىنى تاللاپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنى باھالايدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار چىڭخۇا داشۆئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى