سائەت 8گە ئالدىغا سۈرۈلدى! 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى تەڭشەلدى

日期:2023年07月14日
来源:新疆日报网
【字体:

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇگۇڭ مۇزېيى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئالدىن كېلىشىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى. تەپسىلىي ئەھۋالتۆۋەندىكىچە:

يازلىق تەتىل مەزگىلى (7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە)، كەڭ ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، گۇگۇڭ مۇزېيى شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:

1. مۇزېينىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئەسلىدىكى سائەت 8:30دىن سائەت 8:00گە ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، ھەر دۈشەنبە كۈنى تاقىلىدۇ (قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا).

2. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئالتە ياش(ئالتە ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن تۆۋەنياكى بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىردىن تۆۋەن (1.2 مېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئالدىن كېلىشمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئىشىك بېلىتىنى ئالدىنكېلىشكەن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، تەكشۈرۈتۈپ مۇزېيغا كىرىشى كېرەك. ئالتە ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يەنىلا ئالدىن كېلىشىشى كېرەك.

3. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىيكاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 14 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر چوقۇم قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئېكسكۇرسىيە قىلىشى كېرەك. ھەربىر قۇرامىغا يەتكەن ئېكسكۇرسىيەچى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ نەپەر 14 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېلىپ كىرسە بولىدۇ.

4. ھاۋا ئىسسىق، ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلگەچكە، دۇەنمېن مەيدانىنىڭ غەربىدىكى «بېلەت ئىشلىرى» كۆزنىكىدە ئۆچرەتتە تۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياشانغان ئېكسكۇرسىيەچىلەر ۋە ئالتە ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توردا ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ.

5. ئالدىن كېلىشىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىندىن ئىبارەت ئىككى ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈنىدۇ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ چۈشتىن بۇرۇنقى ئېكسكۇرسىيەنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تاقاشتۇرماي، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىت بۆلىكىنى تاللاپ مۇزېيغا كىرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى