ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

日期:2023年07月14日
来源:新疆日报网
【字体:

ئېكولوگىيە- مۇھىت مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى ئومۇمىي جەھەتتىن سەل ئازايغان، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ قويۇقلۇقى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشقان.

بۇ يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى 339 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %81.4 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ ئوتتۇرىچە ئېغىر ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %2.6 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. ئاساسلىق بۇلغىمىلار جەھەتتە، PM2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى ھەر كۇب مېتىردا 34 مىكروگىرام بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئۆرلىگەن؛ PM10 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى ھەر كۇب مېتىردا 61 مىكروگىرام بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئۆرلىگەن.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ۋاڭ چېن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى